شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخ ئىنستىتۇتىنىڭ ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن ئورگان بولغانلىقى ھەققىدە ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىرىنىڭ باھاسى (1)

0:00 / 0:00

'شىنجاڭ خەۋەر تورى'دا 11 ‏- ئاينىڭ 2 ‏- كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەردە 'شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تارىخ تەتقىقات ئورنى ماركىسزملىق دۆلەت، تارىخ، مىللەت، دىن، مەدەنىيەت تىكلەش ۋە 'ئۈچ خىل كۈچ'لەرگە زەربە بېرىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تارىختىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئايرىلماس زېمىنى ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت ئېچىپ -تەرەققى قىلدۇرغان جاي ئىكەنلىكىنى دۇنياغا چۈشەندۈردى' دەپ مەدھىيىلەنگەن.

ماركىسىزم مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ تارىخنى بورمىلىغانلىقى توغرا بولمىدى

ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان تارىخ پەنلىرى دوكتورى قاھار باراتنىڭ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخ ئىنستىتۇتىنىڭ ئەللىك يىللىق خىزمىتىگە باھا بېرىشىچە، گەرچە بۇ ئىنستىتۇت تارىخ ماتېرىياللىرىنى توپلاش جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەت كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ماركىسىزم مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، تارىخنى بورمىلىغانلىقى، گەرچە بۇ ئىنىستىتۇتتا ناھايىتى ياخشى ئالىملار بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار كوممۇنىست پارتىيىنىڭ سىياسەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر قىلىنغانلىقى، بۇ توغرا بولمىغان.

ماركىسىزم دۇنيادا نۇرغۇن كىشىنى قايمۇقتۇرغان نەزىرىيە ئىدى

دوكتور قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، ماركىسىزم ئۆتكەن ئەسرنىڭ 30 ‏- 40 ‏- يىللىرىدا، دۇنيادا نۇرغۇن كىشىنى قايمۇقتۇرغان نەزىيە ئىدى. ھازىر ئىنسانىيەت ئۇنىڭ خاتا نەزىرىيە ئىكەنلىكى بىلىپ يەتتى. ئەمما شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخ ئىنىستىتۇتى تېخىچە شۇ خاتا مەيداندا چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتە.

سىياسەتنىڭ قورالى بولغان ئىنىستىتۇتنى ئىلمىي ئورگان دېگىلى بولمايدۇ

دوكتور قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، تارىخ ئىلمى مەلۇم بىر ھۆكۈمەتنىڭ ياكى سىياسەتنىڭ قورالى قىلىنماسلىقى كېرەك، مۇشۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخ ئىنستىتۇتىنى ئىلمىي تەتقىقات ئورنى دېگىلى بولمايدۇ. (داۋامى بار، ۋەلى)