شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخ ئىنستىتۇتىنىڭ ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن ئورگان بولغانلىقى ھەققىدە ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىرىنىڭ باھاسى (2)


2007.11.06

'شىنجاڭ خەۋەر تورى'دا 11 ‏- ئاينىڭ 2 ‏- كۈنى بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى لى يى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تارىخ ئىنىستىتۇتىنى' ئەللىك يىلدىن بۇيان ماركىسىزملىق دۆلەت، تارىخ، مىللەت، دىن، مەدەنىيەت تىكلەش ۋە 'ئۈچ خىل كۈچ'لەرگە زەربە بېرىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تارىختىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئايرىلماس زېمىنى ئىكەنلىكىنى ۋە شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت ئېچىپ -تەرەققى قىلدۇرغان جاي ئىكەنلىكىنى دۇنياغا چۈشەندۈرۈپ ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتتى' دەپ مەدھىيىلەنگەن. بۇ مەدھىيە تارىخشۇناسلار ئىچىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراش پەيدا قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان تارىخىنى بۇرمىلىغانلىق 'ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەنلىك' ئەمەس، بەلكى سىياسىي يالغانچىلىق

تۈركىيىنىڭ ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پاكولتېتىدىكى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ئىلمىي تارىخنى سىياسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت. شۇڭلاشقا خىتايدىكى تارىخ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەتقىقاتلىرى خەلقئارادا تازا ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ.

ئەگەر شەرقىي تۈركىستان تارىخىنى بۇرمىلىغانلىق 50 يىلدىن بۇيان ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەنلىك، دەپ مۇبالىغە قىلىنسا، بۇ سىياسىي يالغانچىلىق بولۇپ قالىدۇ.

ماركىسىزم نەزىرىيىلىرىنىڭ ئۆزىمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىمايتى

دوكتور ئەركىن ئەكرەم شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخ ئىنستىتۇتىنىڭ ' ئەللىك يىلدىن بۇيان ماركىسزملىق دۆلەت، تارىخ، مىللەت، دىن، مەدەنىيەت تىكلەش ۋە 'ئۈچ خىل كۈچ'لەرگە زەربە بېرىش ئارقىلىق، دۇنياغا شىنجاڭنىڭ تارىختىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئايرىلماس زېمىنى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن ئورگان بولغانلىقى' ھەققىدىمۇ مۇلاھىزە يۈرگۈزدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ماركىسزملىق تارىخ، مىللەت، دىن نەزىرىيىلىرى ھېچقانداق شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاينىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرمەيتتى، ئەمما خىتاي تارىخچىلىرى ماركسىزمنىڭ سىنىپىي كۆرەش نەزىرىيىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي زىددىيەتلەرنى بۇرمىلاپ كۆرسىتىۋاتىدۇ.

دۇنيا قوبۇل قىلمىغان ماركىسىزم نەزىرىيىسى بۇيىچە چوڭ مىللەتچىلىك قىلىش زامانغا ماسلاشمىغانلىق

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ماركىسىزم نەزىرىيىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى بارلىق مىللەت ۋە دىنلارنى يوقىتىش، دىنغا ئىشەنگەن مىللەتلەر قۇرغان دۆلەتلەرنى تارىختىن ئۆچۈرۈش ئىدى. دۇنيادا ھېچكىم بۇنداق نىشاننى قوبۇل قىلمىدى. شۇڭلاشقا كوممۇنىزم نەزىرىيىسى دۇنيادا كەڭ يېيىلمىدى.

دۇنيادا، ھازىرقىدەك، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ئەھمىيەت بېرىلىۋاتقان ۋاقىتتا، دىكتاتورلۇق ئىدېئولوگىيىسى ۋە تارىختىكى چوڭ مىللەتچىلىككە تايىنىپ، باشقا مىللەتنىڭ زېمىنىنى ئۆزىنىڭ زېمىنى دەپ جاكارلاش ‏-‏ زامانغا ماس كەلمىگەن بىرخىل ئىپادە. خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ 'ئۈچ خىل كۈچ' دېگەنلىرىمۇ ئۇلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقات بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.