"تاڭ سۇلالىسىنىڭ كۈچى يەتمىگەن ئۆڭلۈك - سۇيگۇن قالايمىقانچىلىقىنى ئەينى زاماندىكى كۈچلۈك ئۇيغۇر دۆلىتى تىنجىتقان"
ئاپتور 'ئۇيغۇر تارىخىدىن ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە نەزەر' ناملىق بۇ ئوبزورىدا، ئالدى بىلەن خىتاي تارىخىدىكى "ئۆڭلۈك - سۇيگۇن قالايمىقانچىلىقى" نى تىلغا ئالغان. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي تارىخىدىكى جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرى دەپ ئاتالغان دەۋردە، ئۆڭلۈك - سۇيگۇن قالايمىقانچىلىقى دەپ ئاتالغان بىر چوڭ قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەن.
بۇ ۋەقە يۈز بەرگەن مىلادى 8 - ئەسرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 9 - ئەسرگىچە بولغان شۇ دەۋردە، ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلىتى ناھايىتى كۈچلۈك دۆلەت ئىدى. ئۇنىڭ تېرىتورىيىسى پۈتۈن موڭغولىيە يايلاقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى.
-- ئەينى زاماندا ئۇيغۇرلارنىڭ جەڭ قىلىش ۋە تىجارەت قىلىش ماھارىتى ناھايىتى يوقىرى ئىدى، دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور، -- بۇ دەۋردە ئۆڭلۈك - سۇيگۇن قالايمىقانچىلىقىنى بېسىقتۇرۇشقا تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەسكىرىي كۈچى ئاجىز كېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر دۆلىتىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان. كېلىشىم بۇيىچە ئۇيغۇر قىسىملىرى تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى شئەن شەھىرىگە كىرىپ، بىر ئاي ئىچىدە ئۆڭلۈك - سۇيگۇن قالايمىقانچىلىقىنى تىنجىتىپ، ئالدىغان ئولجىلىرىنى ئېلىپ قايتىپ كەتكەن، بۇ بىر تارىخ.
"9 - ئەسردىن چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە، ئۇيغۇرلار ھېچقاچان خىتاينىڭ بىر ئۆلكىسى بولۇپ باققان ئەمەس"
-- 9 - ئەسرنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر دۆلىتىدە ئىچكى قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ، پارچىلانغاندىن كېيىن، - - - دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور ئۆز چۈشەنچىسى بۇيىچە، -- ھازىرقى تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمال ۋە جەنۇبىغا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۆز دۆلىتىنى تاكى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە داۋاملاشتۇردى. بۇ دەۋرلەردە، ئۇيغۇرلار ھېچقاچان خىتاينىڭ بىر ئۆلكىسى بولغان ئەمەس، بۇمۇ تارىخىي پاكىت.
13 - ئەسردە ئۇيغۇرلار چىڭگىز خان بىلەن ھەمكارلاشقان
13 - ئەسردە ئۇيغۇرلار چىڭگىز خان بىلەن ھەمكارلاشقان، ئەينى زاماندا موڭغۇللارنىڭ خىتاي شەھەرلىرىنى بۇلاپ تاپقان بايلىقى مول ئىدى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى يوقىرى بولغاچقا، موڭغۇللار ئۆزىنىڭ ئىگىلىكىنى ئىدارە قىلىشنى ئۇيغۇرلارغا تاپشۇرغان، موڭغۇل يېزىقىمۇ ئۇيغۇرلادىن قوبۇل قىلىنغان. بۇ دەۋردە، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپ خىتاينىڭ خەلقئارا سودىسىنى كونترول قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئۆزىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ۋە تىجارەت قىلىشتىكى يوقىرى ماھارىتى بىلەن، بۇ دەۋردىمۇ پارىسلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ئارىسىدا ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئەۋج ئېلىشغا، ئىسلام دىنىنىڭ موڭغۇللارغىچە كېڭىيىشىگىمۇ زور تەسىر كۆرسەتكەن.
1949" - يىلىغىچە ئۇيغۇرلارنى باشقا بىر دۆلەت ئىدارە قىلالمىغان"
-- يېقىنقى يۈز يىللاردىن بۇيانمۇ، ئۇيغۇرلارنى باشقا بىر دۆلەت ئىدارە قىلالمىغان، -- دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور، -- ئەمما 1949 - يىلىغا كەلگەندە، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدە توساتتىن بىر ئۆزگىرىش بولدى، ئۈرۈمچىدە 1949 - يىلى خىتايلار نوپۇس ئاران 6% نى ئىگىلىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بۇ رايونغا يىلدىن - يىلغا كۆپلەپ نوپۇس كۆچۈرۈپ كېلىشكە باشلىدى. ھازىر بۇ شەھەردە خىتاي نوپۇسى ئاللىقاچان 40% تىن ئاشتى.
بۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرغان ھەربىي قىسىملار )بىڭتۇەن( ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۇيغۇرلارنى چەتكە قېقىپ كېلىۋاتىدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسەتلىرىدە بۇ رايونغا كۆچۈرۈپ كەلگەن خىتايلارغا يان بېسىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار تامامەن مۇشۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىقتى.
"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئايلاندۇرماقچى بولغانلىقى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى"
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۇيغۇرلارنى پىلانلىق ھالدا زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇپ، مائارىپ جەھەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلىنى قوللىنىشىنى چەكلەپ، دىنىي جەھەتتە، ھەتتا مۇسۇلمانلارنىڭ روزى تۇتۇشىغىمۇ ھەر خىل چەكلىمە قويۇپ، ئەركىنلىك بەرمەي، ئاخىرقى ھېسابتا ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن مىللىي كىملىكىنى يوق قىلىپ، ئۇلارنى خىتايغا ئايلاندۇرماقچى بولدى، خىتاينىڭ مۇشۇ مەقسەتتە يولغا قويغان سىياسەتلىرى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
"ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى رابىيە خانىمدىن كۆرگەنلىكىمۇ پاكىتسىز"
ئاپتور ئوبزورىدا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭىدىن يېتىلگەن رەھبىرىنى تونۇشتۇردى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ بىر رەھبىرى يېتىشىپ چىقتى. بۇ خانىم ھازىر ئامېرىكىدا. ئۇ ئەسلىدە خىتاي ئۆزى يولغا قويغان 'بىر قىسىم كىشىلەر ئالدى بىلەن بېيىسۇن' دېگەن سىياسەتتىن پايدىلىنىپ مىليونېر بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى مەملىكەتلىك سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىگىمۇ تەكلىپ قىلىپ ئەكىردى. ئەمما كېيىن، ئۇنىڭدا 'ئۇيغۇرلار ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش' دېگەن ئىدىيە بارلىقىنى سەزگەندىن كېيىنلا، ئۇنى 'ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلدى' دېگەن تۆھمەت بىلەن تۈرمىگە تاشلىدى. ئۇ 2005 - يىلى ئامېرىكىنىڭ بېسىمى بىلەن تۈرمىدىن چىقىرىلىپ، ئامېرىكىغا كەلدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ خانىمنىڭ خەلقئارادا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇمى سادا قوزغىدى. بۇ سادا 'ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق، مىللەتلەرنىڭ تەڭ - باراۋەرلىكى' دېگەن سادا. ھازىر گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بۇ خانىمغا دۆڭگەپ تۇرسىمۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر يەنىلا پاكىتسىز ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ.