خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بېكىتكەن ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرى، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تەرەققىيات-ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى دەپ كۆرسەتتى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنى ئوخشاشلا چىڭ تۇتۇشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تاپشۇرغان ئەڭ مۇھىم تارىخىي ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاتالمىش تەرەققىيات پىلانلىرى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلىدۇ دېدى، ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى نۇر بەكرىنىڭ بايانلىرىغا پۈتۈنلەي باشقىچە تەبىر بېرىدۇ. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن مەمەت توختى ۋە چەتئەلدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئەركىن سىدىق ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
«تەرەققىيات ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى» بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا بەرگەن بايانى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىدىغان ئاخبارات ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ-3 مارتتا تارقاتقان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، نۇر بەكرى يەنە «تەرەققىيات ئەڭ ئالدىنقى خىزمەت، مۇقىملىق ئەڭ ئالدىنقى ۋەزىپە» دېگەن. ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان 12-بەش يىللىق ئىستراتېگىيىلىك پىلان بويىچە 2015-يىلىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى دۆلەت ئۆلچىمى بىلەن ئوخشاش دەرىجىگە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن پەن تېخنىكىدا بۆسۈش يارىتىش، ئىككىنچىدىن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئۆزگەرتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تۆتىنچىدىن يەنىمۇ زور كۈچ بىلەن ئۇيغۇر ئېلى بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىش، بەشىنچىدىن جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە سىياسىي مۇقىملىقنى داۋاملىق قوغداش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
نۇر بەكرى خىتاي ئاخباراتلىرىدا ئېلان قىلغان بۇ بايانلىرىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «تەرەققىيات»نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق ئىستراتېگىيىلىرىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ «تەرەققىياتنىڭ تۈپ مەقسىتى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش» دەپ تەكىتلىگەن. نۇر بەكرىنىڭ بايانلىرى ئۇيغۇرلاردا قارشى ئىنكاسلار پەيدا قىلماقتا. بولۇپمۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە بىر قىسىم زىيالىيلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي باشقىچە مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، ئاتالمىش تەرەققىياتتىن بەھىرلىنىۋاتقانلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئەمەس، يەنىلا خىتاي كۆچمەنلىرى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا نوقۇل ھالدىكى خىتاي سىياسىتى بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەرەققىياتلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مەۋجۇت بارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئاچقۇچى بولالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
ئۇنداقتا، نۇر بەكرى ئېيتقاندەك تەرەققىيات ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئاچقۇچى بولالامدۇ؟ بۇ مەسىلە توغرىسىدا كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق.
ئۇنداقتا، ئۇيغۇر ئېلىدە مەۋجۇت مەسىلىلەرنىڭ ئەسلى ئاچقۇچى نېمە؟ بۇنىڭغا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئالاقىلەشكۈچىسى مەمەت توختى ئەپەندى ئوز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.