ئۇيغۇر ۋەكىللىرى كالىفورنىيىدە تەيۋەنلىكلەرگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى چۈشەندۈردى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھەمرىيى، ئوبزورچى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىنىڭ لوس - ئانجېلېس شەھىرىدە "تەيۋەن دوستلىرى" جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

0:00 / 0:00

بۇ يىغىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى چۈشىنىش پۇرسىتى بولدى، شۇنداقلا تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە بولغان ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈردى.

ئالىم سېيىتوف ۋە سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىلەر يىغىندا يەنە ئايرىم - ئايرىم نۇتۇق سۆزلەپ، تەيۋەنلىكلەرگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇمات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.