تەرەپلەر تىبەت ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە دائىر مەسىلىلەردە ئۆزىنىڭ ئوخشىمىغان پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرۇشقان.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى سەيشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك رەئىس دۆلىتى ئىسپانىيىنىڭ ساھىپخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان مەزكۇر سۆھبەت توغرىسىدىكى باياناتىدا، مادرىدتىكى سۆھبەت تەرەپلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەردە ... كەسكىن ۋە سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا سورۇن ھازىرلاپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئىسپانىيە باياناتتا يەنە، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى يىغىندا نېگىزلىك مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئەسكەرتكەن بولۇپ، يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان باشقا نېگىزلىك مەسىلىلەر خىتاينىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە رىئايە قىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ.
ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تاشقى ئالاقە ئىشلىرى مۇئاۋىن دىرېكتورى ئارانزازۇ بانون داۋالوس خانىم رادىئومىزغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، ياۋروپا - خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ھەققىدە توختالدى، ئۇ سۆھبەتنىڭ ئومۇمى مەزمۇنىغا دائىر بەزى يىپ ئۇچلىرىنى بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن سۆھبەتنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. ئۇ، "يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەر خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانىنى ئىجرا قىلىش، بەزى شەخسى دېلولاردىكى ھەمكارلىق، ئادۋوكاتلارنىڭ دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئىشلىرىدىكى رولى، تىبەت ۋە شىنجاڭدىكى ۋەزىيەت، شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرلار مەسىلىسى ۋە تور ئەركىنلىكى، خىتاينىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر" دەپ كۆرسەتتى.
ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىغا ياتىدىغان "شەخسى دېلولارغا دائىر بىر تىزىملىك" بەرگەن. لېكىن ئارانزازۇ بانون داۋالوس خانىم بىزگە بۇ تىزىملىكتىكى شەخسلەرنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى.
ئىسپانىيە پايتەختى مادرىدتىكى سۆھبەت ياۋروپا - خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىڭ 29 - نۆۋەتلىك يىغىنى بولۇپ، بۇ دىئالوگ 1995 - يىلدىن بۇيان ھەر 6 ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئىدى. مادرىدتىكى يىغىندا ياۋروپا سۆھبەت ئۆمىكىگە ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارى خورگې دومىچ، خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىگە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارى چېن شۈي يېتەكچىلىك قىلغان.
بۇ قېتىمقى يىغىن 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"نىڭ بىر يىللىقىنىڭ ھارپىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ كۈنلۈكى ئاستىدىكى تەشكىلاتلار خەلقئارا جەمئىيەتنى " شىنجاڭ"دىكى ۋەزىيەتكە ئارىلىشىشقا چاقىرىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەر جان، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مادرىدتىكى يىغىنىدا خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى ئاپتونومىيە قانۇنىغا رىئايە قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ مەسىلە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي مەسىلە.
ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا يەنە، تەرەپلەر يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغاندىن سىرت يەنە، خىتايدىكى جىنايى جازا، مەھبۇسلارنىڭ ھوقۇقى، ئۆلۈم جازاسى، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، مەھبۇسلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقى، ئەرز - شىكايەتچىلەرگە پاراكەندىچىلىك سېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان. لېكىن ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرەپلەرنىڭ تىبەت ۋە "شىنجاڭ" مەسىلىسىدىكى كۆز قارىشى ئوخشىمايدىغانلىقىنى، يىغىندا ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىدىكى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى ئەسقەر جان ئەپەندى بولسا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ياۋروپا - خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، لېكىن دىئالوگنىڭ ئۈنۈمىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىنى قوبۇل قىلىپ، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ئۇزۇن ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن.
ياۋروپا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدىكى ئەجەپلىنەرلىك نۇقتىلارنىڭ بىرى، يىغىندا خىتاينىڭ ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياۋروپانى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا ئۈندىگەنلىكىدۇر. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي تەرەپ ياۋروپادىكى كۆچمەن ئىشچىلارنىڭ ھوقۇقى، سىياسى پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ كىشىلەرنى ئاز سانلىقلارغا قارشى ئىرقىي نەپرەتكە كۈشكۈرتۈش مەسىلىسى، ئاز سانلىقلاردىكى ئىشسىزلىق ۋە ئۇلارنىڭ كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەرنىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە تەن جازاسى قوللانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
لېكىن، خىتاينى تەنقىد قىلغۇچى بەزى ئانالىزچىلار خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مەسىلىلەر ياۋروپا جەمئىيىتىدىكى كىشىلىك ئىجتىمائىي خاھىشلار بولۇپ، بۇ ياۋروپا ئەللىرىنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە ھۆكۈمەت سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى ئەمەس دەپ كۆرسەتمەكتە. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي بۇ ئىككى مەسىلىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىپ، ئۆزىدىكى ھۆكۈمەت سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىكى مەينەتچىلىكنى ئاقلىماقچى بولۇۋاتىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.