Manfred Nowak: ' شىنجاڭدىكى مۇستەقىللىق كۈچلىرى تىبەتتىكىدىن كۈچلۈك'

خىتاي نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى تېنچ ۋە نورمال كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا؛ ئەمما خەلقئارادىكى تەرەپسىز تەشكىلات ۋە شەخسلەر خىتاينىڭ تەسۋىرلىگىنىنىڭ ئەكسىنى بايان قىلماقتا. تۈنۈگۈن مەشھۇر مۇتەخەسسىس Manfred Nowak بۈيۈك ئىرا گېزىتىدە پىكىر بايان قىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇميۈزلۈك بېسىم ۋە ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

Manfred Nowak ئاۋسترىىيىلىك پروفېسسور، ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەن جازاسى مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى.

نوۋاك ئەپەندى مۇخبىرغا قىلغان سۆزىدە بىر نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ۋە مۇنداق دېگەن: "شۇنى بىلىشمىز كېرەككى، شىنجاڭدىكى مۇستەقىللىق كۈچلىرى تىبەتتىكى مۇستەقىللىق كۈچلىرىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك؛ شىنجاڭدىكى مۇستەقىللىق تەلىپى تىبەتتىكىدىن نەچچە ھەسسە جاراڭلىق."

نوۋاك ئەپەندى شۇڭا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەندىشىسىنىڭ خاتا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن؛ ئەمما بۇ ئەندىشىنى يوقىتىش ئۈچۈن قوللۇنۇۋاتقان تەدبىرلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ۋە مۇنداق دېگەن: " ئەپسۇسكى، ۋەزىيەتتە ھېچقانداق ياخشىلىنىش يوق. بۇرۇنقى ئۈمىدلىرىمىزنىڭ يەردە قالغانلىقىنى ئولىمپىكنىڭ ئېھتىياجى دەپ قارىساقمۇ، خىتاي ھېچبولمىغاندا ئولىمپىكتىن كېيىن ۋەزىيەتنى يۇمشىتىشى كېرەك ئىدى. ئەكسىچە بېسىم تېخىمۇ كۈچەيدى."

نوۋاك ئەپەندى ب د ت دا 2004 ‏ - يىلدىن باشلاپ مۇتەخەسسىس بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىمەكتە. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ھازىرلاش، تەن جازاسى دېلولىرى ئۈچۈن پاكىت تەييارلاش ۋە ب د ت غا سۇنۇلغان ئەرزلەرنى ئالاقىدار ئورۇنلارغا يەتكۈزۈش بولۇپ، ئۇ 2005 ‏ - يىلى بىر قېتىم خىتايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنىمۇ تەكشۈرگەن؛ شۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن تىبەتتە سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ بۇ قېتىم بۈيۈك ئىرا گېزىتىدىكى سۆزىدە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: "بۇ رايوندا بۆلگۈنچى بولۇپ قارىلىنىش ناھايىتى ئاسان، چۈنكى ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇرغا ھېسداشلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى گۇمان ئاستىدا، شۇڭا رايون يەنە ئومۇميۈزلۈك بېسىم ئاستىدا."

نوۋاك ئەپەندى نۆۋەتتە ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ مەسىلە بىر تەرەپ قىلىشتا ئاجىزلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، چۈنكى بۇ كومىتېتتا خىتايينىڭمۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. نوۋاك سۆزىدە يەنە، ياۋروپا - خىتاي ئىنسان ھەقلىرى سۆھبىتىدىمۇ ياۋروپا تەرەپنىڭ خىتايغا يېتەرلىك بېسىم ئىشلەتمەيۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن.

نۆۋەتتە خىتاي ئۆزىگە كېلىۋاتقان خەلقارا بېسىمنى يۇمشىتىش ئۈچۈن ھەم دىپلوماتىك ۋاستىلارنى قوللانماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى كۈنى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان 26 دۆلەت دىپلوماتلىرى ئىچىدىكى جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىقى ۋە خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ توغرىلىقى ھەققىدە تەسىرات بايان قىلغان. ئەمما بۇ پوزىتسىيىنىڭ سەمىمىلىكى بىتەرەپ كۆزەتكۈچىلەردە گۇمان پەيدا قىلماقتا. چۈنكى ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىدە خىتاينى ئالقىشلىغان پاكىستان ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەر ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن خىتايغا مۇھتاج دۆلەتلەردۇر.

ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنخۇا تارقاتقان خەۋەرلەردە، 26 دۆلەت دىپلوماتلىرى ئارىسىدىكى غەرب دۆلەتلىرى دىپلوماتلىرىنىڭ پوزىتسىيىلىرىگە ھېچقانداق ئورۇن بېرىلمىگەن. بۈگۈن ۋەتەندىن چىققان بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت يۇقىرىقى دىپلوماتلارنىڭ بايانلىرىدىن تامامەن باشقىچە.

خىتاي نۆۋەتتە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە قايتا ۋەقە چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىچكى تەشۋىقاتىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا تەھدىتنى كۈچەيتمەكتە. ئەمما بۇ تەھدىتنىڭ تەسىرى خىتاينىڭ كۈتكىنىدىن پەرقلىق بولۇۋاتقانلىقى بايقالماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ب د ت مۇتەخەسسىسنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېيتقانلىرى ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.