تىبەت يازغۇچىسى ۋوئېسېر: 'تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تىل مەدەنىيىتى ۋەيران بولماقتا'

تىبەت ئايال يازغۇچىسى ۋوئېسېر ئۆزىنىڭ يېڭى كىتابى "توربوتتىكى بىرنەچچە يىل" دا، نۇقتىلىق ھالدا تىبەت ھەم ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بۇ 60 يىلدىن بۇيان ۋەيرانچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدە توختالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010-11-12
Share
chingxeyde-qingheyde-tibetler-qosh-til-namayishi-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 19 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﭼﯩﯖﺨﻪﻱ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﻰ ﺭﯦﺒﻜﻮﯓ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﯩﺒﻪﺕ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ "ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ"ﻗﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﺭﯦﺒﻜﻮﯓ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻣﻤﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ.

ۋوئېسېر تىبەت مەدەنىيىتىنى قوغداش تەشەببۇس قىلىنغان يازمىلىرى بىلەن تىبەتلەر ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىمۇ تونۇلغان يازغۇچى.

يازغۇچى ۋوئېسېر كىتابىنىڭ "يۈرەكنىڭ بېغىشى" ناملىق كىرىش سۆز قىسمىدا، ئۆزىنىڭ تىبەت ھەم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بۇ ئىككى خەلقنىڭ تىل - يېزىق، ئۆرۈپ - ئادەت مەدەنىيىتىدە يۈز بەرگەن پاجىئەلىك قىسمەتلەر ھەققىدە توختالغان.

ۋوئېسېر ئۆزىنىڭ يازمىلىرى سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ شەخسى بلوگىنىڭ كۆپ قېتىم خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق يازىدۇ: "مەن ئۆز يازمىلىرىمدا ھەر ۋاقىت خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن سەزگۈر بولغان مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغىنىم ئۈچۈن، مېنىڭ تور بېتىم كۆپ قېتىم تاقالدى. مەسىلەن: مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدە تىبەتتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى يازغىنىم ھەم بۇ يازمىلىرىمغا دادام ئەينى يىللىرى تارتىۋالغان تىبەت بۇتخانىلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنغان ھالىتى تەسۋىرلەنگەن سۈرەتلەرنى كىرىشتۈرۈپ، تور بېتىمدە ئېلان قىلغىنىم ئۈچۈن، ئۇلار مېنىڭ تور بېتىمنى يېرىم يىل تاقاپ قويۇشتى."

ۋوئېسېر ئۆز يازمىسىدا يەنە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن تارىخىدا، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر ھەم بۇ مىللەتلەرنىڭ ئانا تىلى، يېزىقى، مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ھەققىدە توختىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەيدۇ.

"ئەجەبا بىزنىڭ تىنچ يوسۇندا مەجبۇرى ئۆزگەرتىلگەن يېزىقىمىز، تىلىمىز ھەققىدىكى تارىخ ۋە بېشىمىزدىن كەچۈرگەن ئاچچىق قىسمەتلەرنى يېزىشقا ھەققىمىز يوقمۇ؟ مەن خوتەننىڭ نىيە ناھىيىسىگە ساياھەت ئۈچۈن بارغان چېغىمدا، بۇ ناھىيىنىڭ مەركىزىگە تىكلەنگەن خاتىرە مۇنارنى كۆرگەن ئىدىم. قىزىل سىردا سىرلانغان بۇ مۇنارنىڭ چوققىسىدا قىزىل بايراقلار بىلەن ئورالغان ماۋزېدوڭنىڭ ھەيكىلى تۇرۇپتۇ، مۇنارنىڭ ئوتتۇرىسىغا خىتاي يېزىقى ھەم مەن بىلمەيدىغان لاتىن يېزىقى بىلەن ' يېتەكچى ئىدىيىمىزنىڭ ئاساسى ماركسىزم ئىدىيىسى، بىزگە يېتەكچىلىك قىلغۇچى يادرو كۈچ جۇڭگو كوممۇنىست پارتىيىسى' دەپ يېزىلىپتۇ. مۇنار ئاستىغا بولسا مۇنارىنىڭ 1968 - يىلى بىنا قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلىپتۇ. قارىغاندا مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ بوران - چاپقۇنلىرى پۈتۈن خىتايغا تۇتاشقان ئىكەن، مەن بۇ مۇناردىكى يازمىدىن مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى قىزىل تېررورلۇق ھەممە يەرنى قاپلىغان مەنزىرىنى يەنە بىر قېتىم كۆرگەندەك بولدۇم."

ۋوئېسېر بايانىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 1968 - يىلى تىبەتنىڭ لخاسا شەھىرىدە يۈز بەرگەن "قىزىل تېررورلۇق" ۋە ئۇيغۇر، موڭغۇل، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىقى مەجبۇرى ھالدا ئىسلاھ قىلىنغىنى ئۈچۈن، بۇ مىللەتلەر مەدەنىيىتىدە يۈز بەرگەن پاجىئەلەرنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: "مېنىڭ ئىگىلىشىمچە، 1968 - يىلى ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدىكى ئەلەم كۈرىشى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ئىكەن. بۇ دەۋردە خىتايلار بىلەن تىبەتلەر تارىختىكى ئەڭ ئىتتىپاق ھالەتتە ياشىغان بولۇپ، بۇ يىللاردا كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىقنى بەلگىلەشتە، مىللەت ئايرىمىلىقى ئەمەس بەلكى سىنىپ ئايرىمىلىقى ئۆلچەم قىلىنغان ئىكەن. ئەمما، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بۇ يىللاردا قانداق بولدى، بۇنى تازا بىلەلمىدىم. ئەمما مېنىڭ ئەڭ ياخشى بىلىدىغىنىم شۇ بولدىكى مۇنارغا يېزىلغان بۇ يېزىق ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى دەپ ئاتىلىدىكەن. 1960 يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرى تېڭىلغان بۇ يېزىق، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن زادىلا قوبۇل قىلىنمىغىنى ئۈچۈن، 1982 - يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ؛ ئەسلىدىكى ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئىشلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر يېزىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئىكەن. ئەممۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرى تاڭغان بۇ يېزىق سەۋەبىدىن 20 يىل بۇ خىل يېڭىچە يېزىقتا تەربىيىلەنگەن بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلار بىر كېچىدىلا ساۋاتسىزلار قوشۇنىغا قېتىلغان. ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلاردىن باشقا قازاقلار، موڭغۇللار ئىشلىتىپ كەلگەن يېڭى يېزىقمۇ ئوخشاش قىسمەتكە يولۇقتى. ئاتالمىش مۇتەخەسسىسلەرمۇ بۇنىڭ 50 يىلدىن بۇيانقى خىتاينىڭ تىل - يېزىق سىياسىتىدە ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنىڭ ئەڭ جانلىق ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر ئەلۋەتتە!"

ئاپتور يەنە، ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت يېزىقىنىمۇ ئىسلاھ قىلىشقا مەجبۇرلىغانلىقى ھەم ئەنئەنىۋى خىتاي يېزىقىنى ئىسلاھ قىلىپ؛ كۈلكىلىك ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئاپتور ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن يېزىق ئىسلاھاتى ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزاھاتلىرىنى مەسخىرە قىلىپ مۇنداق يازىدۇ: "ئۇلار تىبەت يېزىقىنى لاتىن يېزىقىغا ئايلاندۇرۇشقا ئامالسىز قالدى، ئەمما بىزنىڭ گرامماتىكىمىزنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، تىبەت يېزىقىدا ئىشلىنىدىغان ياردەمچى سۆزلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇپ بىرلا ياردەمچى سۆز ئارقىلىق كۆپ خىل مەنىلەرنى ئىپادىلىمەكچى بولۇشتى. نەتىجىدە ئەينى چاغدا بۇ خىل گرامماتىكا قانۇنىيىتى بويىچە تەرجىمە قىلىنغان ماۋزىدوڭ تاللانما ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ، كۈلكىلىك بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى. مەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆزگەرتىلىپ ئاددىيلاشتۇرۇلغان خىتاي يېزىقى لايىھىسىنى كۆرگەن ئىدىم، بۇ يېزىق ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى ھەتتا تىبەت مىللىتىنىڭ ئىسمىنى بىلدۈرىدىغان 'زاڭ' خېتى ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ؛ ئۈستىدە پەقەت چۆپنى ئىپادىلەيدىغان سۈپەت بىلەن ئاستىدا 'يۇقىرى' مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان 'شاڭ' خېتىلا قاپتۇ. ئۇلار تېخى بۇنى ئىزاھلاپ 'بۇ خىل يېزىق ئىسلاھاتى قەد كۆتۈرگەن تىبەت يانچىلىرى ھەم خىتاي مىللىتىدىن بولغان كەمبەغەل دېھقان ئىشچىلار سىنىپى ئۈچۈن قۇلايلىق ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىك، ئاقسۆڭەكلەر ھەم ئەزگۈچى سىنىپلار قولىدىن يېزىق ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تارتىۋالغانلىق، تىبەت تىلىدىكى پەقەت لخاسا ئاقسۆڭەكلىرىلا قوللىنىدىغان تەكەللۇپ سۆزلىرىنى چىقىرىۋەتكەندىلا ئەمگەكچى خەلق تىبەت ئاقسۆڭەكلىرىگە قۇل بولۇش قىسمىتىدىن قۇتۇلىدۇ.' دەپ يېزىپتۇ."

ۋېئوسېر كىرىش سۆز قىسمىنىڭ ئاخىرىدىكى بايانلاردا، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلار ھەم تىبەتلەر ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان "قوش تىللىق مائارىپ ئىسلاھاتى" نامىدىكى "مىللىي مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش" سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن.

"ئەجەبا تىبەت مىللىتى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى تىل مەدەنىيىتىدىكى گۈزەللىكنى نەپىسلىكنى يوقاتقاندىلا ئاندىن قەد كۆتۈرەلەمدىكەن؟ گەرچە بۇ خىل تىنچلىق ئىچىدىكى تىبەت يېزىق مەدەنىيىتىنى ئىسلاھ قىلىش شامىلى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ دەۋر تىبەت مەدەنىيىتى ئۈچۈن ئەڭ زور يوقىتىش بولدى. ئەمما، ھازىر جۇڭگو ھۆكۈمىتى يەنىمۇ يۇقىرى ئامال - چارىلەرنى ئويلاپ چىقىپ، خىتاي بولمىغان تىبەت، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئانا تىلى ھەم يېزىقىدىن يىراقلاشتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ! ئۇلار ھازىر بىز ئىچىشنى رەت قىلغان شارابنى' ئىچىشنى خالىساڭمۇ ئىچىسەن، خالىمىساڭمۇ ئىچىسەن!' دەپ بىزنى مەجبۇرلاۋاتىدۇ."

ئاپتور ۋوئېسېر ئۆز كىتابى"توربوتتىكى بىرنەچچە يىل" نىڭ كىرىش سۆز قىسمىنى مۇنداق جۈملىلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

"تىل ۋە يېزىق بىر مىللەتنىڭ جېنى، خىتاي ھۆكۈمىتى باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىنى يېزىقىنى ھۆرمەت قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما، ئۇلار خەنجەرنى يۈرەكنىڭ بېغىشىغا سانجىماقتا. مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر ۋە موڭغۇل دوستلىرىمدىن ئۆز يېزىقلىرىنىڭ مەجبۇرى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى پاجىئەلەرنى ئاڭلىدىم. تىبەت تىلى گرامماتىكىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، خىتاي تىلىغا يېقىنلاشتۇرۇلۇش جەريانىنى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم. ھازىر ئەينى يىللىرى گرامماتىكىمىز ئۆزگەرتىلىپ، خىتاي تىلىغا يېقىنلاشتۇرۇلغان تىبەت تىلىمىز ھەققىدە خەلق ئارىسىدا ئاچچىق يۇمۇرلار، مەسخىرە - لەتىپىلەر ئېقىپ يۈرۈپتۇ. ئەجەبا بۇ ھۆكۈمەت ئەمدى بىزنىڭ ئۆز ئانا تىلىمىزنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنسا بۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟!"

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت