ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر خىتاينىڭ سىياسىتىدىن قاتتىق نارازى بولماقتا

خەلقئارا مەتبۇئاتلار بۇ يىل 26 ‏ - ئىيۇن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى تۈپەيلى مەيدانغا كەلگەن 5 ‏ - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە ئۆتكەن يىلى 3 ‏ - ئايدا تىبەتتە يۈز بەرگەن توقۇنۇش، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ، خىتاينى ئاساسىي گەۋدە قىلغان دۆلەت ھاكىميىتىدە مەسىلىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۈت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ دەپ يەكۈن چىقارماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2009.07.16
Urumqi-ayallar-namayishqa-bash-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 10 - ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﺟﯜﻣﻪ ﻛﯜﻧﻰ، ﻣﻪﺩﯨﻨﻪ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ 26 ﻳﺎﺷﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺟﯜﻣﻪﺩﯨﻦ ﻳﺎﻧﻐﺎﻥ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻧﺎﻣﻴﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
www.msnbc.msn.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺳﯜﺭﻩﺕ AP ﺋﺎﮔﯧﻨﺘﻠﯩﻐﯩﻨﯩﯔ.

خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان نوپۇس ستاتستىكىسىدا، 1949 - يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا ئاران 6 % نى ئىگىلەيدىغان خىتاي نوپۇسى 2007 ‏ - يىلىغا كەلگەندە 40 % كە يەتكەن، بۇ سان خىتاي ئەسكەرلىرى ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرى، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى شۇنىڭدەك ئاققۇن خىتاي ئىشچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان نوپۇس ستاتىستىكىسى بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنى ئاساس قىلغان بۇ خىتاي كۆچمەنلىرى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ئورگانلىرىنى ۋە چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنى ماناپول قىلغان.

ئۇلار ئۇيغۇر ۋەتىنىدە كۆكەرتىش باھانىسىدە ئىستراتېگىيىلىك ھوقۇقلارنى قولغا ئېلىش بىلەن بىرگە دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، شەھەر ‏ - بازار قۇرۇلۇشىنىمۇ چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان. شۇڭا مەيلى خىتاي مۈتەخەسسىسىلىرى بولسۇن ياكى ئۇيغۇر سىياسەتچىلىرى بولسۇن، ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى مىللىي زىددىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تۈپ سەۋەبنى، ئەسلىدىكى 6 % خىتاي نوپۇسىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ھەسسىلەپ ئارتىپ كېتىشى تۈپەيلىدىن دەپ قارايدۇ. ئەمما خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇنى " دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئېھتىياجىدىن " دەپ باھا بېرىدۇ.

ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىجرا قىلىۋاتقان " دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش " ئىستراتېگىيىسى ئاساسىدىكى پىلانلىق تۇغۇت"، " قوش تىللىق مائارىپ " شۇنىڭدەك "دىنىي سىياسەت" لىرىنىڭ مەقسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى كونترول قىلىش، تىلىنى يوقىتىش، ئۆرپ ‏ - ئادەت ھەمدە مەدەنىيىتىنى يوق قىلىشتىن ئىبارەت دەپ قارايدۇ.

 بولۇپمۇ كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىقىغا يول ئېچىۋاتقان خىتاينىڭ "قوش تىللىق مائارىپ " سىياسىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئۇيغۇر سىياسەتچىلىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىق ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرۋاتقانلىقىنى، " پىلانلىق تۇغۇت " سىياسىتى ئاستىدا نوپۇسىنىڭ ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئىلىدىكى ۋە سىرتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا " قارىساڭ كۆزۈڭنى ئويۇمەن "،" سۆزلىسەڭ تىلىڭنى كېسىمەن " دېگەن سۆز تارقالغان بولۇپ، بۇ سۆز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ يىغىنچاقلانغان يەكۈنى بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ.

مىللەتلەر سىياسىتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ فاكولتېت مۇدىرى چىن خۇاڭ " شىنجاڭ گېزىتى" دە " مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلىشنىڭ ئول تېشى" ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ ماقالىسىدە " مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى بىرىنچى ۋەزىپە، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە ئالغا باستۇرۇش " دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن، ئۇ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا 2008 ‏ - يىلى نامرات ئائىلە سانى 2 مىليون 850 مىڭ دەپ يەكۈن چىقارغان. بىراق چىڭ خۇاڭ نامراتلارنىڭ مىللەت تەركىپىنى ئاشكارلىمىغان، ئەلۋەتتە ئىشسىزلىق نىسبىتى خىتايدىن ئېغىر ھېسابلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ساننى تەشكىل قىلىدىغانلىقى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرىپىدىن جەزىملەشتۈرۈلمەكتە.

چىڭ خۇاڭ ماقالىسىدە يەنە 1952 ‏ - يىلىدىكى مىللىي دارامەت بىلەن 2008 ‏ - يىلىدىكى مىللىي دارامەت ئوتتۇرىسىدا 46. 341 ھەسسە كۆپىيىش بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان بولۇپ، مىللي دارامەت يۈكسەك دەرىجىدە كۆپەيگەن بىر رايوندا ئۇيغۇرلار ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيدىغان 2 مىليون 850 مىڭ يوقسۇل ئائىلىنىڭ بار بولۇشى نورمال ھادىسىمۇ ؟ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى بۇ ھەقتە يەنە مۇنداق دەيدۇ.

تىبەتتىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى تىبەتلەرنىڭ بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىشى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ دۈشمىنى دالاي لاماغا چوقۇنۇش مەسىلىسىى ئىكەنلىگىنى بىلدۈرگەن، مەركىزى درامسالادىكى تىبەت پارلامېتىنىڭ ئەزاسى گېساڭ ئەپەندى، تىبەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا بىر قەدەر ياخشىراق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈدۇ.

تىبەتتىكى ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى، دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشنى تەشەببۈس قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ كوممۇنست خىتاي ھاكىميىتىنى چۆچۈتۈپ كېلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم بىر مەسىلە، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتتە دىنىي تەدبىرلەرنى ئالاھىدە كۈچەيتمەكتە. ئەمما مەن ئىشىنىمەنكى، تىبەت خەلقىنىڭ دىنىي ئېيتىقادى ھېچقاچان سۇسلاشمايدۇ. دېمەك تىبەت خەلقى خىتاي ھاكىميىتىگە ھېچقاچان بويسۇنمايدۇ.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.