ئېرىك شېيخاگېن: ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ھازىر خىتاي مۇستەملىكىچىلكىگە قارشى كۆرەش قىلىۋاتىدۇ

ھازىر تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان ئامېرىكىلىق ئېرىك شېيخاگېن ئەپەندى خەلقئارادا مۇستەقىل كۆز قاراشلار ئېلان قىلىنىدىغان 'ئوپ-ئېد خەۋەرلىرى' تور گېزىتىدە، تارىختىكى ئۇيغۇر - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە بىر ماقالە ئېلان قىلدى. بۇ ماقالىدە شەرقىي تۈركستان، تىبەت ۋە موڭغولىيىلەردە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى يوق ئىكەنلىكىنىڭ پاكىتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

0:00 / 0:00

-- ‏ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كۆرسەتكەن نامايىشلىرىنى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقى دەپ ھېسابلاپ قاتتىق باستۇردى. ئەمما تارىخىي پاكىتلاردىن قارىغاندا، - دەپ باشلايدۇ ھازىر تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان ئامېرىكىلىق ئېرىك شېيخاگېن Eric Sheihagen ئەپەندى خەلقئارادا مۇستەقىل كۆز قاراشلار ئېلان قىلىنىدىغان 'ئوپ - ئېد خەۋەرلىرى' تور گېزىتى OpEdNews دە، تارىختىكى ئۇيغۇر - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە يازغان "ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ھازىر خىتاي مۇستەملىكىچىلىكىگە قارشى كۆرەش قىلىۋاتىدۇ " سەرلەۋھىلىك ماقالىسىنى ۋە مۇنداق دەيدۇ، - ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇرلار خۇددى تېبەتلەرگە ئوخشاش، يا خىتاي ئەمەس، يا خىتاينىڭ تەۋەلىكىدىكى جايدا تۇرىدىغان مىللەت ئەمەس، بەلكى خىتايلاردىن تامامەن پەرقلىق ئۆزىگە خاس تىل - يېزىق، ئۆرپ - ئادەت ۋە مەدەنىيىتى بار مىللەت.

خىتايلار ئۆزى قۇرغان مىڭ سۇلالىسىنىڭ دۆلەت تېررىتورىيىسىدە شەرقىي تۈركستان، تىبەت ۋە موڭغۇلىيە يوق ئىدى

-- نەق پاكىت شۇكى، ‏ - دەەپ قەيت قىلىدۇ لۇغەتشۇناس تەھرىر، يازغۇچى ئېرىك شېيخاگېن ئەپەندى، - خىتايلار ئۆزى قۇرغان مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى دۆلەت تېررىتورىيىسىدە تۈركستان، تىبەت ۋە موڭغۇلىيە يوق. بۇ تارىخىي پاكىتنى ئەينى زاماندا ھېچقاچان ئۆز دۆلىتىنىڭ زېمىنى دەپ ھېسابلىمىغان، بۇ جايلارنى ھازىر خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زېمىنى دەۋاتقان خىتايلار ئەمدى ئۆزلىرى ئوبدان چۈشىنىۋېلىشى كېرەك.

مانجۇ سۇلاسى كېڭەيگەن زېمىنلەرگە ئىگە بولماقچى بولغان جۇڭخۇا مىنگو ئۆزىمۇ خىتاي زېمىنىدە تۇرالمىدى

17--‏ - ئەسردە مانجۇلار خىتايلارنى بوي سۇندۇرۇپ چىڭ سۇلالىسىنى قۇرغان ئىدى. مانجۇ سۇلالىسى مۇستەملىكىچىلىكنى يولغا قويۇپ، تېررىتورىيىسىنى موڭغولىيە، شەرقى تۈركستان، تىبەتلەرگىچە، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىياغىچە كېڭەيتكەن. بۇ سۇلالە 1912 ‏- يىلى خىتايلار قۇرغان جۇڭخۇا مىنگو دۆلىتى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىن جۇڭخۇا مىنگو دۆلىتى ئۆزلىرى چەتئەللىك دەپ ھېسابلايدىغان مانجۇلارنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلماقچى ۋە ئۇلار تاجاۋۇز قىلغان جايلارنىمۇ خىتاينىڭ زېمىنى قىلىۋالماقچى بولدى. ئەمما جۇڭخۇا مىنگو دۆلىتىنىڭ بۇ مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمىدى، ھەتتا ئۆزىمۇ خىتاي زېمىنىدە تۇرالماي تەيۋەنگە قوغلاندى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى، ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولمىغان شۇ تېررىتورىيىنى يەنە ئۆزىنىڭ ھەربىي قىسىملىرىغا تايىنىپ ئۆز زېمىنى دەپ جاكارلاپ، باشقا مىللەتلەرگە زوراۋانلىق قىلىۋاتىدۇ.

ھازىر خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركستان، تىبەت، موڭغۇلىيىلەرنى ئۆزىنىڭ زېمىنى دەپ جاكارلاشقا پاكىتى بارمۇ؟

-- خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھازىر شەرقىي تۈركستان، تىبەت، موڭغۇلىيىلەرنى ئۆزىنىڭ زېمىنى دەپ جاكارلاشقا ھوقۇقى بارمۇ؟ ئەگەر بار دېيىلسە، تارىختا ھىنىدستان، مالايشيالارغا تاجاۋۇز قىلغان ئەنگىلىيىمۇ بۇ جايلاردا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى جاكارلىشى كېرەكمۇ؟ فرانسىيىمۇ غەربىي ئافرىقا، ھىندىچىن ئاراللىرىدا مۇستەملىكە قىلغان جايلاردا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى جاكارلىشى كېرەكمۇ؟ رۇسىيىمۇ 19‏ - ئەسردە بېسىۋالغان پولشا قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىتا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى جاكارلىشى كېرەكمۇ؟ دۇنيادىكى ھەممە مىللەتنىڭ ياۋروپالىقلار تارىختا يولغا قويغان مۇستەملىكىچىلىكنى رەت قىلىپ، ئۆزلىرى مۇستەقىللىق يولىغا ماڭغانلىقىنى خاتا دېيىش كېرەكمۇ؟

دۇنيادىكى مۇستەملىكىچىلىكلەرنى خاتا دەۋاتقان خىتاي ئۆزى ھازىر، ھەتتا تارىختا ئۆزىنىڭ تەۋەلىكىدە بولمىغان جايلارنىمۇ يەنىلا تارىختىكى مۇستەملىكىچىلىك مىتودى بىلەن مۇستەملىكە قىلىۋالسا، بۇنى توغرا دېيىش كېرەكمۇ؟ خىتاي ئۆزىنىڭ زېمىنى بولمىغان شەرقى تۈركستان، تىبەتلەرگە ئۆزىنىڭ خىتايلىرىنى بارغانسىرى كۆپلەپ كۆچۈرۈپ كېلىپ، ئۇلارنى 'تارىختىن بۇيان مەۋجۇت يەرلىك خەلق ' دەۋالسا، كۆچۈرۈپ كەلمىگەن خىتايلارنىمۇ بۇ جايلاردىكى يەرلىك ئىقتىسادىي دارامەتلەرنى ئىگىلىۋېلىشقا كۈشكۈرتسە، يەرلىك زېمىن ئىگىلىرىنى 'تېررورچى' دېگەن تۆھمەت بىلەن باستۇرۇپ، بۇلاڭ - تالاڭ قىلسا، يەرلىك خەلق بۇنىڭغا نارازى بولسا 'توپىلاڭ كۆتەردى' دەپ قوراللىق باستۇرسا، بۇ مۇستەملىكىچىلىك قىلغانلىق بولمامدىكەن؟

ئېرىك شېيخاگېن ئەپەندىنىڭ دۇنياغا قويغان سوئالى

ئېرىك شېيخاگېن ئەپەندى ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، دۇنيا رەھبەرلىرىگە مۇنداق سوئال قويدى: خىتاي ئەسلىدە ئۆزىنىڭ زېمىنى بولمىغان شەرقىي تۈركستاننى، تىبەتنى ھازىر ئۆزىنىڭ قىلىۋالسا، بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىش كېرەكمۇ ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ، تىبەتلەرنىڭ دۇنيادا مۇستەملىكىچىلىككە ئۇچرىغان باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش مۇستەقىللىق يولىغا مېڭىشىنى قوللاش كېرەكمۇ؟ بۇ سوئالغا ئەمدى پۈتۈن دۇنيا جاۋاب تېپىشى كېرەك!