ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشاپ تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار نۇرغۇنلىغان قېيىنچىلىقلارغىمۇ دۇچ كەلمەكتە. مەلۇم بولغىنىدەك بۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىلىرى مالنى خىتايدىن ئەكىلىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ خىتايدا ياكى ئۇيغۇر دىيارىدا زاۋۇتلىرىمۇ بار.
بۇ تىجارەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىلىرى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان چەت دۆلەتلەرنىڭ ۋەتەنداشلىرى بولغان تۇرۇقلۇق يەنىلا قېيىنچىلىقلاردىن خالىي بولالمايۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ بىرى بولسا ۋىزا مەسىلىسى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى بولغان ئۇيغۇرلارغا ۋىزا بېرىشنى تەسلەشتۈرۈۋەتكەن بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال تىجارەتچىلەرنى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.
ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى مەقسەت ئۇيغۇرلارنى ئىقتسادىي جەھەتتىن بوغۇش ۋە ئۇلارنىڭ نان تېپىپ يەيدىغان مەنبەسىنى توساش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ، ئۇلار ئارقىلىق باشقىلارنىڭمۇ ئۇيغۇر داۋاسىغا بولغان قىزغىنلىقىنى سۇندۇرۇش ۋە داۋانى ئۆلتۈرۈش ئىكەن.
رادىئومىزدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە، ئىستانبۇلدىكى بىر تىجارەتچى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قىيىن ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان ۋە قىرغىزىستانلاردىمۇ ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەر ئىنتايىن كۆپ.
ئۇنداقتا ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر قانداق قىلىشى كېرەك، ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرگە خىتايدىن مال ئېلىشتىن باشقا يول يوقمۇ؟ بىز مۇشۇ مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا گوللاندىيىدە تۇرۇشلۇق گوللاندىيە ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەمكارلىق ۋە ئۇيغۇر تىجارەت جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى غەيرەت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
غەيرەت ئەپەندى يېقىندا گوللاندىيىنىڭ لىمبۇرگ ئۆلكىسىدىكى پارلامېنت يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋرۇپا سودا - سانائەتچىلەر يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، بۇ يىغىندا ياۋرۇپا ئىقتىسادىدىكى مەسىلىلەر ۋە بۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان. غەيرەت ئەپەندى بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.
ھازىر ئەرزان خىتاي ماللىرى ھەممە يەرنى بېسىپ كېتىپ ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغا ئېغىر سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ياۋرۇپا ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئارقا - ئارقىدىن خىتاي ماللىرىغا قارشى پائالىيەتلەر يۈرگۈزۈلگەن، كەڭ خەلق ئاممىسىغا ئەزان ۋە سۈپەتسىز خىتاي ماللىرىنى ئىستىمال قىلماسلىق توغرىسىدا كەڭ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلغان.
خەلق ئارىسىدىمۇ خىتاي ماللىرىنى ئالماي، يەرلىك مال ئىشلىتىشتەك ھەرىكەتلەر بارلىققا كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن چوڭ شىركەتلىرى ھازىر ئۆزلىرىنىڭ زاۋۇتلىرىنى خىتايدىن ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكەۋاتقان بولۇپ، بۇمۇ ئەلۋەتتە تىجارەتچىلەرنىڭ بىرلا مەنبەگە باغلىنىشلىق بوپ قېلىشىدەك ئەھۋالغا خاتىمە بېرىدۇ.
ئۇنداقتا ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر مانا مۇشۇنىڭدەك شارائىتتىن قانداق پايدىلىنىشى كېرەك؟ ئۇيغۇرلار خىتايدىن باشقا دۆلەتتىن مال ئەكىرسە بولمامدۇ؟
بۇ ھەقتە غەيرەت ئەپەندى ئۆز كۆز قارىشىنى بايان قىلدى. غەيرەت ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، ئىقتساد بىلەن سىياسەتنى ھەرگىزمۇ بىر - بىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۈكسەلگەندىلا خىتاينىڭ بۇ خىل تاكتىكىلار ئارقىلىق ئۇيغۇر داۋاسىغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرالمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇر ئىش ئادەملىرىنىڭ چوقۇم سېستىمىلىق ھالدا تىجارەت ئېلىپ بېرىشى، مەبلەغلىرىنى ئىشەنچلىك دۆلەتلەرگە يۆتكىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.