دۇنيا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ھەققىدە قارار ئالدى

بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى ئىلھام توختى قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلار تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانا تىل قايغۇسى ۋە قوش تىللىق مائارىپىغا تەلەپ» ناملىق چاقىرىق 2010-يىلى نويابىردا خىتاي ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلغانلىقى ئۇيغۇر تور بەتلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلانغان ئىدى.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان تىل-يېزىق ۋە مائارىپ سىياسىتىگە قارىتا مەزكۇر تەلەپنامىدە 6 تۈرلۈك چاقىرىق 12 ماددىلىق كونكرېت تەلەپلەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان، مەزكۇر تەلەپنامىگە ئاساسەن خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر شۆبىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى ئىشلىتىش ۋە ئانا تىلىدا مائارىپ ئېلىپ بېرىش ھوقۇقىنى قوغداش ھەققىدە سۇنۇلغان قارارنامە، 8-سېنتەبىردىن 15-سېنتەبىرگىچە كورىيىدە چاقىرىلغان خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتىنىڭ 78-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان. مەزكۇر قارارنىڭ ماقۇللىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلى ۋە مائارىپىنى قوغداش ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارالاشقانلىقىنىڭ تۇنجى قەدىمى ھېسابلىنىدۇ. خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى تىل ۋە تەرجىمە ھەق-ھوقۇق بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى قەيسەر ئۆزھۇن ئەپەندى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

IMG_1266