سالامەت خانىم: ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر تەھدىت تىلى ۋە يېزىقىنى يوقىتىش بولۇۋاتىدۇ

ئىلگىرى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ جەنۇبتىكى مەلۇم ناھىيىدە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ۋە مىللىي ھەم ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش مەقسىتىدە گوللاندىيىگە كېلىپ پاناھلىق تەلىپى سۇنغان سالامەت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى يوقىتىۋاتقان كرىزىسلاردىن ئەڭ گەۋدىلىك بولۇۋاتقىنى تىل-يېزىق ۋە ئۆرپ-ئادەت كرىزىسى ئىكەن.

0:00 / 0:00

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايلارنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمى ئىلگىرى 9 يىلدىن 11 يىلغا ئۇزارتىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئۆسمۈر بالىلىرىمۇ مەكتەپلەرگە مەكتەپكە كىرىش يېشىدىن بۇرۇن مەجبۇرىي يىغىۋېلىنىدىكەن.

ناھىيىلىك باشلانغۇچ مەكتەپتە 2 يىلدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان سالامەت خانىم، بىر سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغان سۆھبىتىمىزدە، بۈگۈنكى مەجبۇرىي مائارىپ سىستېمىسىدا سۇيىقەستلىك پىلانلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، خىتايلارنىڭ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئەقىللىق بالىلارنىڭ تاللىۋېلىپ، مەخسۇس مەكتەپلەرگە ئەۋەتىش ئارقىلىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى تېزلىتىۋاتقانلىقى، ئائىلىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇپ تەربىيىلەنگەن بالىلار بىلەن ئۆز خەلقى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارىسىدا ھاڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىقى، ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن ياتسىراشتەك ئالامەتلەرنىڭ بارغانسېرى كۆرۈنەرلىك بولۇۋاتقانلىقى، ئاتالمىش ئەلاچىلار سىنىپىغا كىرەلمىگەن بالىلارنىڭ پسىخىكىلىق زەربىلەرگە ئۇچراپ، ئوقۇشتا چېكىنىپ كېتىۋاتقانلىقى، ئاتا-ئانىلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى كۆزلەپ خىتايچە مائارىپنىڭ جەزىبىلىرىگە ئالدىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.