ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسى دۇچ كەلگەن ئېچىنىشلىق قىسمەتلەر

مەلۇمكى، تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتلىرىدا بىر تۇتاش ئۆتىلىدىغان ئاساسلىق دەرسلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن.

0:00 / 0:00

ئەمما، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان «قوش تىللىق» مائارىپ سىياسىتىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسى ئېغىر قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئىگىلىشىمىزچە، 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تىل ئەدەبىيات دەرسلىكى قايتا ئىسلاھ قىلىنىپ، ئىلگىرىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا خاس بولغان نۇرغۇن مەزمۇنلار قىسقارتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر تېكىستلەر كۆپلەپ سەپلەنگەن. 2008-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پېداگوگىكا خاراكتېرىدىكى ئوتتۇرا ۋە ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە تىل-ئەدەبىيات دەرسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. بۇ ئەھۋال بالىلار پېداگوگىكا مەكتەپلىرىدە تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، بەزى مەكتەپلەردە ھەتتا ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسى ئەمەلدىن قېلىپ، ئورنىغا خىتاي تىل-ئەدەبىياتى دەرسى ئۆتۈلۈشكە باشلىغان.

ئۇيغۇر مائارىپىدا، بولۇپمۇ گۆدەكلەر مائارىپىدا كۆرۈلۈۋاتقان بۇ ئېغىر قىسمەت ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا مىللىي مەزمۇندىكى مائارىپ تەربىيىسى ئېلىش ئىمكانىيىتىنى كۈنسېرى تارايتىپ بارماقتا. بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم پېداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر ياۋروپادا ياشاۋاتقان كامال ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.