ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ ۋىۋىسكىلىرىدىن بىردەك غايىب بولۇۋاتقان ئۇيغۇر تىل-يېزىقى

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ساقچىخانىلارنىڭ ۋىۋىسكىلىرىدىن ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ بىردەك غايىب بولۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ «مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» غا بولغان ئىشەنچىنىڭ تېخىمۇ يوقىلىۋاتقانلىقى نامايان قىلماقتا.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2012-12-20
Share
wiwiskilardin-ghayib-bolghan-uyghur-tili-305.jpg ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدىكى شەھەر ۋە يېزىلاردا ساقچىخانىلارنىڭ ۋىۋىسكىلىرىدا پەقەت خىتايچە بىلەن ئىنگلىزچە يېزىلىپ، ئۇيغۇرچىسى بىردەك غايىب بولغان.
choghlan tori

ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن كۆرۈلۈۋاتقان ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساقچىخانىلارنىڭ ۋىۋىسكىلىرى قايتىدىن رەتلەنگەن. يېڭى لايىھىلەنگەن ساقچىخانىلارنىڭ ۋىۋىسكىلىرى شەھەر ۋە يېزا-قىشلاقلاردا ئاساسىي جەھەتتىن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭدا كۆك رەڭلىك تەگلىك ئۈستىگە خىتايچە «گۇڭئەن» ۋە ئىنگلىزچە «پولىس» دېگەن خەتلەر ئاق رەڭدە يېزىلغان، ئوتتۇرىغا ساقچى گىرىبى چۈشۈرۈلگەن. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى شەھەرلەردىكى ساقچىخانىلارنىڭ ۋىۋىسكىلىرىدىن بىردەك غايىب بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئاھالىسى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل تاپقان يېزىلاردىكى ساقچىخانىلارنىڭ ۋىۋىسكىلىرىدىنمۇ ئۆچۈرۈلگەن. ياۋروپادا ياشاۋاتقان ھەدىيە خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەلۇمكى، خىتاينىڭ «ئاساسىي قانۇنى» ھەمدە «مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» دا خىتايدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردا ئاپتونومىيە يۈرگۈزگۈچى مىللەت تىل-يېزىقىنىڭ خىتاي تىل-يېزىقى بىلەن باراۋەر يوسۇندا قوللىنىلىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنى» نىڭ 4-ماددىسىدا: «جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقى بىردەك باراۋەرلىككە ئىگە. ھەر مىللەت خەلقى ئۆز تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە» دەپ بەلگىلەنگەن. «مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» نىڭ 3-باب 21-ماددىسىدا: «مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە يولغا قويۇلغان جايلاردىكى ئاپتونومىيىلىك ئورگانلار ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا ئۆز جايلىرىدىكى ئاپتونومىيە پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن، شۇ جايدا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدىغان بىر ياكى بىرقانچە خىل تىل-يېزىقنى تەڭ ئىشلىتىدۇ؛ بۇنىڭدا ئالدى بىلەن مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزگۈچى مىللەتنىڭ تىل-يېزىقى ئاساس قىلىنىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى تۈزگەن قانۇنلاردىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە، مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردىكى بارلىق ھۆكۈمەت ئالاقىلىرى، جۈملىدىن ھۆججەتلەر، پەرمانلار ھەمدە ۋىۋىسكىلار ئىككى خىل تىل-يېزىقتا بولۇشى كېرەك. ئامما دۆلەت بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى قانۇن ئەھدىنامىلىرىنىڭ ئىجراچىسى بولغان ساقچىخانىلارنىڭ ۋىۋىسكىلىرىدىن ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ غايىب بولۇشى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنى باشقۇرۇشتا قانۇنغا ئەمەس، بەلكى سىياسەتكە تايىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

ھەدىيە خانىم ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:
«ئەسلىدە ئاپتونومىيە قانۇنى بويىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەرقانداق ھۆكۈمەت ئورگىنى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ئىككى خىل يېزىقتا ۋىۋىسكا ئېسىشى كېرەك. چۈنكى شەكلەن بولسىمۇ قۇرۇلغان بۇ ئاپتونومىيە ئۇيغۇرلارنىڭ 1940-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابلىرىنىڭ ۋە تۆككەن قانلىرىنىڭ بەدىلىگە كەلگەن. ئۇيغۇر رايونىدا ئاھالىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى ئىگىلەيدىغان، ئاپتونومىيە يۈرگۈزگۈچى مىللەت دەپ بەلگىلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىقىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە ۋىۋىسكا ئېسىش ھەرقانداق كىشىنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيدۇ. ئىنگلىز تىلى گەرچە دۇنياۋى ئالاقە قورالى بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر رايونىدىكى، بولۇپمۇ يېزا-قىشلاقلاردىكى ساقچىخانىلارنىڭ ۋىۋىسكىلىرىدا ئىنگلىزچىغا ئورۇن بېرىلىپ، ئۇيغۇرچىنىڭ غايىب بولۇشى زادىلا ئەقىلگە سىغمايدۇ.»

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «قوش تىللىق مائارىپ» نامىدا يەككە تىلغا يۈزلەندۈرۈلۈۋاتقان مىللىي مائارىپتىكى كرىزىستىن باشقا، ۋىۋىسكىلاردىنمۇ ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ بىر-بىرلەپ غايىب بولۇشى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى سىياسىتىنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى ئېچىپ بەرمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت