مەن ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگىلى كەلدىم

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى كۆپ يىللاردىن بېرى بۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىش ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ۋە بۇ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى.

0:00 / 0:00

نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىمۇ ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇ ئەھۋالنى نەزەردە تۇتقان نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى كۆپ يىللاردىن بېرى بۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىش ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ۋە بۇ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، پايتەخت ئوسلودا ئۇيغۇر ئانا تىلى ئۆگىنىش سىنىپىنى بىر نەچچە قېتىم ئاچقان بولسىمۇ، لېكىن ئادەم كۈچى كەملىكى سەۋەبىدىن مەكتەپنى بىمەھەل تاقاپ قويۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.

uyghur-tili-oqutush-sinipi-b-385.jpg
ئوسلونىڭ فرۇسەت شەھەرچىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئانا تىلى سىنىپىدىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى فېۋرال، نورۋېگىيە. (RFA/Aygul Yusup)

يېقىندىن بېرى كومىتېت رەھبەرلىرى بۇ ئىشقا قايتىدىن جىددىي قاراپ، بىر مەزگىللىك تىرىشچانلىقتىن كېيىن ئاخىرى يەكشەنبە كۈنى ئوسلونىڭ فرۇسەت شەھەرچىدە ئۇيغۇر ئانا تىلى سىنىپىنى قايتا ئېچىپ، ئوماق ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئوقۇشلۇق ئوقۇغان ئاۋازىنى ياڭرىتىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. دەرس ئالدى بىلەن جامائەت ئاقساقاللىرىدىن بىرى بولغان ئۆمەرجان ئاكىنىڭ دۇئاسى ۋە ياخشى تىلەكلىرى بىلەن باشلاندى.

ئانا تىلىنى زور كۈچ بىلەن قوغداشنىڭ ئۆز كىملىكى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى، مەيلى ۋەتەن ئىچى ياكى سىرتىدا بولسۇن، ئۆزىنى ئۇيغۇر سانايدىغان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ھەم بۇ يولدا چوقۇم تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتكەن ياش زىيالىي گۈلنار خانىم چەتئەللەردە ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپى ئېچىشنىڭ مەقسىتى ۋە ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش پىلانلىرى ھەققىدە توختالدى.

مەكتەپكە ئوقۇغىلى كەلگەن كىچىك دوستلارغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتقىنىمىزدا، ئۇلار تاتلىق تىللىرى بىلەن ئوز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.

مەكتەپ بىلەن ئۆينىڭ ئارىلىقىنىڭ ئىنتايىن يىراق بولۇشىدەك قىيىنچىلىققا قارىماستىن پەرزەنتلىرىنى ئانا تىل مەكتىپىگە دەل ۋاقتىدا ئېلىپ كەلگەن كۆپ قىسىم ئاتا-ئانىلار، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئوقۇتۇشقا قولىدىن كېلىشىچە ماسلىشىدىغانلىقى ۋە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ بۇ مەكتەپنى ئېچىش ئۈچۈن ئىقتىساد، شارائىت ۋە باشقا تەرەپلەردە كۆپ كۈچ چىقارغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بايان قىلىشتى. دەرس باشلاش مۇراسىمىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى، تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەرجان ئاكا، تەشكىلات ھەيئەتلىرىدىن مۆمىنجان قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى.