0:00 / 0:00
ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى ياپونىيىدە ئۇيغۇر داۋاسىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاساسلىق تەشكىلاتنىڭ زادى قايسىلىقى ھەققىدە سوئاللارنىڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ خىل ئېنىقسىزلىقنى يوقىتىش ئۈچۈنمۇ بۇ ئىشخانىنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى يەنە، بۇ ئىشخانىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قىلىش ۋە پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش ئۈچۈن دۇنيادىكى، بولۇپمۇ ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىندىن قوللىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى يېقىندا ياپونىيىدىكى مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئەرباپلار ۋە ئۇيغۇر داۋاسىغا يېقىندىن كۆڭۆل بۆلۈۋاتقان كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق بۇ ئىشخانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزىدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.