ھازىر ئىنسانلار ئۆيىدە ياكى ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپ ئىنتېرنېت ئارقىلىق خالىغان كىتابتىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولماقتا. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بەزى زىيالىيلار مەخسۇس توربەتلەر ئېچىپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرچە ۋە چەتئەل تىلىدىكى كىتاب-ژۇرناللار ۋە ماقالىلەرنى تور بەتلىرىگە قويۇپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنماقتا. بۇ تور بەتلىرىدىن بىرى ئىستانبۇل تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان ئىنتېرنېت كۇتۇپخانىسىدۇر. مەزكۇر تور كۇتۇپخانىسىنىڭ نامى http://www.Uyghurweb.Net دەپ ئاتالغان. بۇ تور بېتى «مەشھۇر كىشىلەر، ئەدەبىيات، قەدىمكى ئەسەرلەر، كۇتۇپخانا، كىتابلار، ماقالىلەر، ئىسلام دىنى» دېگەندەك تۈرلۈك قاتارلىق مەزمۇنلارغا ئايرىلغان.
تور بېتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە مەزكۇر تور بېتىگە كۆپ ساندا ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىنىڭ تەرجىمىھالى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدىكى ماقالە ۋە كىتابلار، 500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە، تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە كىتاب، 500 ئەتراپىدا ئۇيغۇرچە ژۇرنال قويۇلغان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن باي پايدىلىنىش مەنبە ھېسابلىنىدىكەن. بىز بۇ تور كۇتۇپخانىسى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ خوجايىنى بۇ تور بېتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.