ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى ھەققىدىكى يېڭى ئىنكاسلار

رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى " دىيارىم "، "سەلكىن " قاتارلىق تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىدىن دىلشات پەرھات، نۇرئەلى قاتارلىق ئۇيغۇر تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى بەرگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

بۇ خەۋەر بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالنى بىلىدىغان بىر قىسىم رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز، رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە تېلېفون ھەم ئېلخەت ئارقىلىق، ئۆزلىرى بىلىدىغان تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلىش بىلەن بىللە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى تاقىۋېتىش قىلمىشىغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپادىكى مەلۇم بىر دۆلەتتىن تېلېفون قىلغان بىر ياش ئۆزى دائىم كىرىپ تۇرىدىغان "شىنجاڭ لىنىيىسى"، "باس - باس"، "دىيارىم چايخانىسى"، "ئۇلىنىش" قاتارلىق تور بەتلىرى ھەم بۇ تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۆزى ئىلگىرى تور يۈزىدە دائىم كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان تورداش دوستلىرىدىن " ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى"نىڭ خادىمى نىيازمۇ ھازىر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ بەردى.

ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقىغا ئىنكاس يوللىغان مەلۇم بىر رادىئو ئاڭلىغۇچىمىز،" سەلكىن" تور بېتىنىڭ تور بەت باشقۇرغۇچىسى مۇھەممەتنىڭ گۇناھسىزلىقى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، مۇنداق خەت يازغان:

-- شۇ تاپتا، پەقەت ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقىمىز ئۈچۈنلا زۇلمەت ۋە ئازاب ئىچىدە ياشاشقا مەھكۇم بىر دەۋرگە شاھىت بولۇپ ياشاۋاتقانلىقىمنى ئويلىسام قەلبىم مۇجۇلماقتا. مەن مۇھەممەت ئابدۇللانى ياخشى بىلىمەن. مۇھەممەتجان ئابدۇللا 1977 - يىلى 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى قاراماي شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1996 - يىلى بېيجىڭ ئاخبارات ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 2001 - يىلىدىن باشلاپ مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى ۋە تەھرىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 2008 - يىلى 2 - ئايدىن باشلاپ، 'سەلكىن' تورىغا ئەزا بولۇپ، باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

-- مۇھەممەتجان ئابدۇللانىڭ 'سەلكىن' تورىدا قىلىدىغان ئىشى ئاساسلىقى شىنخۇئا ئاگېنتلىقى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى خەۋەرلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ يوللاشتىن ئىبارەت بولۇپ، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا دېيىلگىنىدەك ئۇ پەقەت، 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئەتىگەندە، ئا ت چ ن دېگەن بىر خەنزۇچە تور بەتتە ئېلان قىلىنغان، "دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى "نىڭ باياناتچىسى دىلشاتنىڭ باياناتى ھەققىدىكى خەۋەرنى "سەلكىن" تورىغا يوللاپ قويغانلا يېرى بار. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇ خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى بولغىنىدەك، ھېچقانداق قانۇنغا خىلاپ ئىش قىلغان ئەمەس ئىدى. مەن بىر ئاددىي پۇقرا بولۇش سۈپىتىم بىلەن دۇنيادىن، دۇنيادىكى ھەققانىيەتنى قوللايدىغان تەشكىلاتلارنىڭ بۇنداق ناھەق تۇتۇلۇپ تۇرۇشلارغا قاراپ تۇرماسلىقىنى، مۇھەممەدجانغا ئوخشاش ناھەق تۇتۇلۇپ تۇرۇۋاتقانلارنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدا ئەمەلىي بىر ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى سورايمەن.

5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق ئىنتېرنېت ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىغان بولۇپ، ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدىن، "ئۇيغۇر بىز"، "دىيارىم"، "سەلكىن"، "شەبنەم"، "ئۇلىنىش"، "شىنجاڭ لىنىيىسى"، "ئوكيان"، "ساخاۋەت"، "سۇمرۇغ"، "يۇلتۇزلار ئارىلى"، "بەرقى"، "يېڭى قاشتېشى"، "يۇرتۇم"، قاتارلىق تور بەتلىرى ۋە بىر قىسىم شەخسلەرنىڭ بلوگلىرى تاقىۋېتىلگەن. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى 100 دەك تور بەت ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم مۇزىكا ۋە كىنو تور بەتلىرى ئېچىلغاننىڭ سىرتىدا 85 پىرسەنتتىن كۆپ تور بېتى تامامەن تاقىۋېتىلگەن ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىنتېرنېت ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىغا قاراتقان قامىلىنى تېخى بىكار قىلمىغان بىر پەيتتە، شىنخۇئا تورىنىڭ 2 - دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا " ئىنتېرنېت ئۇچۇر بىخەتەرلىكى باشقۇرۇش نىزامنامىسى" نامىدا يەرلىك قانۇن بېكىتىلىپ 1 - دېكابىردىن باشلاپ يولغا قويۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

دۇنيا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى قەيسەر ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى تاقىۋېتىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى ئۈزلۈكسىز بوغۇپ كېلىۋاتقان شارائىت ئاستىدا، يەنە بۇ خىل ھەرىكىتىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى، "ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنى شۇنداقلا خەلقئارالىق قانۇنلارغىمۇ خىلاپ ھەددىدىن ئاشقان بىر ھەرىكەت" دەپ تەنقىد قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.