بۈگۈن مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئۇيغۇربىز تور بېكىتىنىڭ ساھىبى ئىلھام توختى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتايدىكى ئىنتېرنېت قامالى ھەققىدە توختالدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا 2009 يىلى 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تەخمىنەن 338 مىليون تور ئابونىتى بارلىقى ئېنىقلانغان. شۇنداقلا بۇ سان ھەر كۈنى تەخمىنەن 200 مىڭ كىشى ئەتراپىدا كۆپىيىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئىنتېرنېتنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى 22.6% بولۇپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن. ئەمما، خىتايدا ئىنتېرنېتكە بولغان قامالىمۇ ئەڭ ئېغىر بولۇپ، ھازىرغىچە دۇنيادا ئىنتېرنېت سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان 90 كىشىنىڭ 57 نەپىرى خىتايدا بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن ئىنتېرنېتتە ئېلان قىلغان ئەسەرلىرى سەۋەبىدىن تۈرمىگە قامالغان، خەلقئارادا نامى چىققان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ئىكەن. خىتايدا 2008 - يىل 12 - ئايغا قەدەر تىزىمغا ئېلىنغان ئاممىۋى تور بەتلىرى 2 مىليون 900 مىڭ، شەخسلەرنىڭ بلوگى(شەخسى مۇنازىرە تور بېتى) 162 مىليون بولۇپ، بۇلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن تەخمىنەن 40 مىڭ ئەتراپىدا ئىنتېرنېت ساقچىسى قويۇلغان ئىكەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بۇ مەلۇماتنىڭ مەنبەلىرى كۆرسىتىلىپ، بۇ ئۇچۇرنىڭ ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىنتېرنېت ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتى، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، خەلقئارا ئىنتېرنېت ئالاقە كومىتېتى، خىتاي ئىقتىسادىي ئالاقە ئۇچۇر مەركىزى قاتارلىقلارنىڭ دوكلاتى ئاساسىدا تەييارلانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
خەۋەردە يەنە، ھازىرغىچە خىتايدا ئىنتېرنېتتە ئەسەر ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ھەم نورمال پائالىيەتلىرى چەكلەنگەن كىشىلەردىن كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى خۇ جيا، تىبەتلىك ئايال يازغۇچى ۋېي سې، ئۇيغۇربىز تورىنىڭ ساھىبى ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئىقتىسادشۇناس ئىلھام توختى، خۇ جيىئانىڭ ئايالى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى زېڭ جىڭيەن، يازغۇچى خەن خەن قاتارلىقلارنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلىپ، ئۇلار خىتايدا ئىنتېرنېت سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان ھەم تەقىپ ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ۋىجدان مەھبۇسلىرى دەپ تەرىپلەنگەن.
خەۋەردە، ئۇيغۇربىز تورىنىڭ ساھىبى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىپ "ئىلھام توختى 1969 - يىلى تۇغۇلغان. ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئىقتىسادشۇناس، مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. ئۇ 2006 - يىلى 'ئۇيغۇربىز' تور بېتىنى قۇرۇپ، شىنجاڭدىكى مىللىي مۇناسىۋەت ھەققىدە مۇنازىرە مەيدانى ھازىرلىدى. ئىقتىسادشۇناس بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى تەنقىدلىدى. شۇڭا ئۇنىڭ تور بېتى كۆپ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تاقىۋېتىلدى.2009 - يىلى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى 'ئۇيغۇربىز' تورىنى مىللەتلەر ئارىسىدا ئاداۋەت پەيدا قىلىپ قۇتراتقۇلۇق قىلدى دەپ ئەيىبلىدى. ئىلھام توختى بىر مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇلدى. خىتاي ئەدىب ۋاڭ لىشيۇڭ ھەم ئۇنىڭ ئايالى تىبەت يازغۇچىسى ۋېيسىن قاتارلىقلارنىڭ توردا ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى ۋە خەلقئارانىڭ بېسىمىدىن كېيىن ئىلھام توختى قويۇپ بېرىلدى. ئەمما ئۇنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرى تەقىپ ئاستىغا ئېلىندى. ئىلھام توختىنىڭ دېيىشىچە، ساقچىلار ئۇنى ئەمدى ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلماسلىقى، ئەگەر ھەرىكىتىنى توختاتمىسا، تۈرمىگە كىرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ئىكەن،" دەپ تەرىپلەنگەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ يۇقىرىقى مەلۇماتىدا، خىتايدىكى مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىدىن بىرى دەپ تەرىپلەنگەن ئىلھام توختى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەم ئۆزىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى.
ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن شەخسلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ تاقىۋېتىلىشى ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى ئەڭ زور يوقىتىش ھېسابلىنىدىكەن. ئىلھام توختى ئەپەندى يەنە، ھازىر يېڭىدىن قۇرۇلغان ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىنىڭ ئاساسەن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چىقىرىلغان ھەم ھۆكۈمەتنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان تور بەتلىرى بولغاچقا، بۇ تور بەتلىرىدە ئەركىن پىكىر قىلىش ئىمكانىيىتى يوقلۇقىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلاردا بۇ تور بەتلىرىنى كۆرۈش قىزغىنلىقى ئىيۇل ۋەقەسىدىن ئىلگىرىكىدىن زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا ھازىر ئۆزىنىڭمۇ ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىنى ئانچە كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بلوگى ھەم ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خىتايدىكى تور بوشلۇقىنىڭ پۈتۈنلەي تاقالغانلىقىنى، ئېلىكترونلۇق خەت ساندۇقى ئوچۇق ھالەتتە بولسىمۇ، ئەمما كەلگەن يوللانمىلارنىڭ ئىنتېرنېت ساقچىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىشىمىزچە، بۇلتۇر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرى ھەم ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈئەن قاتارلىقلارنىڭ "ئۇيغۇربىز"، "دىيارىم"، "شەبنەم" قاتارلىق تور بەتلىرىنى ۋەقەدە قۇتراتقۇلۇق قىلدى، دەپ ئەيىبلىشىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان 200 دىن ئارتۇق تور بېتى پۈتۈنلەي تاقىلىپ كەتكەن. ئىلھام توختى ئەپەندى بېيجىڭدا ساقچىلار تەرىپىدىن بىر مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇلۇپ كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما توردا ماقالە ئېلان قىلغان گۈلمىرە، غەيرەت نىياز ھەم تور بەت ساھىبلىرىدىن دىلشات پەرھات، نۇرئەلى ئوبۇلقاسىم، نىجات ئازاد قاتارلىقلارغا دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى ئارتىلىپ، ئۇلار مۇددەتسىز ھەم مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.