لېكىن مەزكۇر بېكەت بۇنىڭدىن بىر قانچە ھەپتىلەر ئىلگىرى تاقىۋېتىلدى. كىشىلەر كۈندە تەخمىنەن بىر مىليون بەت ئېچىلىدىغان مەزكۇر تور بېكىتىنىڭ تاقىلىش سەۋەبىنى تالاش - تارتىش قىلىشماقتا. تور بېكىتىنىڭ تاقىلىشىغا زادى نېمە سەۋەب بولدى ؟
تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئىقتىسادى پەنلەر مۇئاۋىن پروفېسسورى ئىلھام توختى
"ئۇيغۇر توردا" ياكى خىتايچىسى Weiwuer Zaixian" دېگەن نام بىلەن چىقىدىغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مەزكۇر تور بېتى، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى مىللىي مەسىلىلەردە بولۇپمۇ ئۇيغۇر بىلەن بىلەن خىتايلارنىڭ مۇناسىۋىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەلىپى ۋە خىتايلارنىڭ ئىنكاسىغا دائىر سەزگۈر مەسىلىلەردە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئۆز - ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ئاممىۋى تور بېكەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى.
مەزكۇر تور بېكىتىنىڭ يېقىندا تاقىلىشى كىشىلەردە تور بېكىتىنىڭ تاقىلىش سەۋەبىگە دائىر گۇمانىي سوئاللارنى تۇغدۇرماي قالمىدى. تور بېكىتىنىڭ تاقىلىش ئالدىدا ئېلان قىلغان خوشلىشىش خېتىدە تور بېكىتىنىڭ تاقىلىش سەۋەبىنى ئاشكارە چۈشەندۈرمىگەن، پەقەت "ئۇيغۇر توردا" نىڭ " كىشىلەرگە مەلۇم بولغان سەۋەبلەر تۈپەيلى" تاقىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. تور بېكىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېلانىدا مۇنداق يازىدۇ: "بىز ناھايىتى ئەلەم بىلەن كۆپچىلىككە شۇنى ئۇقتۇرماقچى، كىشىلەرگە مەلۇم بولغان سەۋەبلەر تۈپەيلى 'ئۇيغۇر توردا' تاقىلىدىغان بولدى."
كۆپچىلىككە مەلۇم بولغان بۇ سەۋەبلەر زادى نېمىلەر ئىدى؟ "ئۇيغۇر توردا" نىڭ تاقىلىش ھەققىدىكى ئېلانىدا بۇنىڭغا ئىزاھات بەرمىگەن. لېكىن ، بۈگۈن مەزكۇر تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادى پەنلەر مۇئاۋىن پروفېسسورى ئىلھام توختى تور بېكىتىنىڭ تاقىلىش سەۋەبى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە ئىزاھات بەردى. "ئۇيغۇر توردا" ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن - تۈزۈملىرىگە خىلاپ ھەرىكەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئىلىدىكى مەلۇم بىر رىقابەتچى تور بەتنىڭ شىكايىتى تۈپەيلى توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىلھام توختى، لېكىن دائىرىلەرنىڭ تور بېكىتىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە قانۇنغا خىلاپ مەسىلە تاپالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلھامنىڭ ھازىرقى ئەڭ چوڭ قايغۇسى مۇمكىن بولسا تور بېكىتىنى تېز ئارىدا تەكرار ئېچىشتۇر
بۇ قېتىمقى تاقىلىش تور بېكىتىنىڭ 1 - قېتىم تاقىلىشى ئەمەس. مەزكۇر تور بېكىتى ئىلگىرى بىر قېتىم تەكشۈرۈلگەن، لېكىن تور مەزمۇنىدا خىتاي قانۇنىغا خىلاپ ئامىللار كۆرۈلمىگەنلىك تۈپەيلى تور بېكىتى ئۇزۇن ئۆتمەي تەكرار كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولالىغان ئىدى.
"ئۇيغۇر توردا " بۇ جەرياندا ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىپ، ھەر كۈنى بىر مىليون بەت ئېچىلىدىغان، ئۇيغۇر،خىتاي ۋە باشقا ئېتنىك گۇرۇھلار مىللىي مەسىلىلەردە، نازۇك سىياسى تېمىلاردا ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە ئۆز - ئارا پىكىر بايان قىلىدىغان، بولۇپمۇ خىتاي زىيالىلىرىنىڭ ئارىسىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان چوڭ تور بەتلىرىدىن بولۇپ قالغان.
بەزى تورداشلار "ئۇيغۇر توردا"دىكى تېمىلارنىڭ مىللەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتلىك مەسىلىلەرگە چېتىلىش دائىرىسى كۆپ بولۇپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن تاقالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. لېكىن مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئىلھام، تور بېكىتى قۇرۇش مەقسىتىنىڭ "جۇڭگودا مىللەتلەر ئارىسىدىكى دىئالوگ، ئۆز - ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش" ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
"ئۇيغۇر توردا"غا ئوخشاش تور بەتلەرنى تاقىشى جۇڭگونىڭ ئۆزىگە پايدىسىز
چەتئەلدىكى خىتاي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىچىدە "ئۇيغۇر توردا"نىڭ تاقىلىشىغا نىسبەتەن ئوخشىمىغان قاراشتىكىلەر مەۋجۇت بولۇپ، بۇ قاراشتىكىلەر "ئۇيغۇر توردا"نىڭ تاقىلىشىنى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ خاتىرجەمسىزلىك تۇيغۇسىغا باغلىماقتا. بۇ قاراشتىكى ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ بىرى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى خىتاي زىيالىي فاڭ جۆي ئەپەندىدۇر. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر تور بېكىتىنى تاقىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. فاڭ جۆي، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "ئۇيغۇر توردا"غا ئوخشاش تور بەتلەرنى تاقىشى ئۇزۇن مەزگىلدە جۇڭگونىڭ ئۆزىگە پايدىسىز، دەيدۇ.
فاڭ جۆي،" جۇڭگونىڭ نۇقتىئىنەزىرىدىن ئېيتقاندا ، بۇ تۈردىكى مۆتىدىل تور بەتلەرنى تاقاش ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە پايدىلىقتۇر. بەزىلەرنىڭ بۇ تۈردىكى مۆتىدىل تور بېكەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىپ قىلىشىدىن، بەزى مىللىي قارشىلىقلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. لېكىن ئۇزۇن مۇددەتنى كۆزدە تۇتقاندا ، ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئۆز - ئارا بىر بىرىنى چۈشىنىشتىن ئايرىم تۇتۇلسا، ئۇيغۇر خەلقى بىلەن جۇڭگو كومپارتىيە ھاكىمىيىتى بىر - بىرىنى چۈشىنىشتىن مەھرۇم قىلىنسا، بۇ كومپارتىيىنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا سەلبىي ئىنكاس شەكىللەندۈرۈپلا قالماي، بۇ يەنە ئۇزۇن مۇددەت ئىچىدە پاسسىپ نەتىجىلەرنى بېرىدۇ " دەپ كۆرسەتتى.
" ئەسلى مەسىلە ئۇيغۇرلارنى 'توغرا يولغا يىتەكلىيەلمەيۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلار' دا "
ئىلھام "ئۇيغۇر توردا" مىللەتلەرنىڭ ئۆز - ئارا بىر - بىرىنى چۈشىنىش، بەزى "خەنزۇلار"نىڭ ئۇيغۇرلارغا بىر تەرەپلىمىلىك قاراش ئېڭىدا ئۆزگىرىش ياسىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى بىلدۈردى. "ئۇيغۇر توردا" پائالىيەتتىكى مەزگىلىدە 12 مىللەتنى ئاساس قىلغان 67 نەپەر خىزمەتچىسى بار، كەسپىي تور بەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىناتتى. تور بېكىتى تاقالغاندا نۇرغۇن خىتاي زىيالىيلار خەت يېزىپ، "ئۇيغۇر توردا"نى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە تورنىڭ تاقالغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ئىلھام تور بېكىتىنى مۇمكىن بولسا 8 - ئىيۇن كۈنى تەكرار ئېچىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن تور بېكىتىنىڭ شۇ كۈنى ئېچىلىش - ئېچىلالماسلىقى يەنىلا دائىرىلەرنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىش - قىلماسلىقىغا باغلىقتۇر.
ئىلھام توختى يەنە "خەنزۇلار"دا بولۇپمۇ "خەنزۇ" زىيالىيلاردا باشقىلارنى چۈشىنىش ئېڭى كۈچىيىۋاتقانلىقى، لېكىن ئەسلى مەسىلە ئۇيغۇرلاردا ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى "توغرا يولغا يىتەكلىيەلمەيۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلار" دا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. بىر خىتاي تورداش "ئۇيغۇر توردا" نىڭ تاقىلىشىغا مۇنداق باھا بەرگەن:" ھۆكۈمەتنىڭ پىكىر باشقۇرۇش تۈزۈمى تۈپەيلىدىن 'ئۇيغۇر توردا' نى تاقىغانلىقى قەتئىي ئاقىلانە بولمىغان. چۈنكى' ئۇيغۇر توردا' دا قانچىلىك قالايمىقان پىكىر بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، بۇ تور بېتى ئېچىۋېتىش، دىئالوگ، ئۆز - ئارا چۈشىنىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان تور بېتى ئىدى. ئۆز - ئارا دىئالوگ يولى ئېتىۋېتىلسە، بۇ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى بېكىنمىچىلىككە ئاتىدۇ، دىئالوگنى رەت قىلىدۇ ياكى يەر ئاستى ھەرىكەتكە كۆچىدۇ، دېگەنلىك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ يەنە ئىچكىرىلىكلەرنى ئۇيغۇر ئاممىسىنى چۈشىنىش كۆزنىكىدىن مەھرۇم قىلىدۇ، دېگەنلىكتۇر."
لېكىن چەتئەلدىكى يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر، "ئۇيغۇر توردا" بېكىتى خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك تېمىلاردا ئۆز - ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى بولۇپ قالغانلىقىنى، نەتىجىدە بۇ خىتاي ياشلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەنلىكى، لېكىن بۇ ئەھۋالنى خىتاي ھۆكۈمىتى كۆرۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.