' تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى ھەمكارلىق كېچىسى' يىغىنىدا ئۇيغۇرلار

2009 ‏ - يىلى 5 ‏ - ئاينىڭ 18 ‏ - كۈنى تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن "تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى ھەمكارلىق كېچىسى " يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
2009-05-20
Share
Turk-dunyasi-insan-heqliri-yighini-305 2009 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 5 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 18 - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻫﻪﻗﻠﯩﺮﻯ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ ﺷﯚﺑﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ "ﺗﯜﺭﻙ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻫﻪﻗﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ " ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Arslan

يىغىنغا تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھ بوكسۇر، ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى مۇستافا ئاقتاش، تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتچىسى ھەسەن كونىي ئەپەندى، ئايدىڭلار ئۇجاغى باشلىقى پروفېسسور دوكتور مۇستافا ئەركان ، ئىراق تۈركمەنلەر ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى دوكتور نەفى دەمىرجى ، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ بايراقدارى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئوغلى ئارسلان ئالىپتېكىن،  شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

يىغىنغا يەنە ئۇيغۇر، قازاق، ئازەر، تۈرك، قىرىم تاتارلىرى، بولغارىستان تۈركلىرى، ئىراق تۈركمەنلىرى قاتارلىق مىللەتلەردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى.

يىغىنغا تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئىستانبۇل شۆبە باشلىقى ئېرول شاھىنئوغلۇ رىياسەتچىلىك قىلدى، يىغىندا تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى شۇنداقلا خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى  ياۋرو ‏ -  ئاسىيا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا بوكسۇر ئەپەندى ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلىدى.

ئابدۇللاھ بوكسۇر ئەپەندى سۆزىدە تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ غايە مەقسەتلىرى ۋە خىزمەت ‏ -  پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "پۈتكۈل دۇنيادىكى تۈرك مىللىتىگە مەنسۇپ كىشىلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا مەزلۇملارنىڭ ئاۋازى بولۇش، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئالبانىيىدىن  ۋىئېيانا رايونىغىچە، شەرقىي تۈركىستاندىن سەددىچىن سېپىلىگىچە، قىرىمدىن قازاقىستانغىچە جۈملىدىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ھەمنەپەس بولۇپ بىر ئاۋازدا ئوتتۇرىغا قويۇشنى،  بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن پائالىيەت قىلىش مەقسىتىمىزنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قارار قىلدۇق.   پۈتكۈل دۇنيا جۇغراپىيىسىدە تۈرك مىللىتىگە مەنسۇپ خەلقلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا مەزلۇملارغا يار ‏ -  يۆلەك بولۇش، ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش بىزنىڭ ئاساسى خىزمەت نىشانىمىزدۇر."

يىغىن ئاخىرىدا تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى تەرىپىدىن بىر قىسىم جەمئىيەت مەسئۇللىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەتقىقاتچىلىرىغا  تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىككە قارشى ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرىنى مۇكاپاتلاپ شەرەپ تاختىسى تەقدىم قىلىندى،  مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئوغلى ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندىگىمۇ شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن ۋە تۈرك دۇنياسى خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىككە قارشى ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرىنى مۇكاپاتلاپ، ئىنسانپەرۋەرلىك شەرەپ تاختىسى تەقدىم قىلىندى.

بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن يىغىنغا قاتناشقان ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر. 


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت