ئەركىن ئالپتېكىن يازغان «ئۇيغۇر تۈركلىرى» ناملىق ئەسەر ئەرەب تىلىدا نەشر قىلىندى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىن يازغان، 1976 - يىلى ئىستانبۇل بوغازئىچى نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر تۈركلىرى» ناملىق ئەسەر شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى تەرىپىدىن ئەرەب تىلىدا نەشر قىلىندى.

0:00 / 0:00

بۇ كىتاب 197 بەت، 4 باپتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىرىنچى باپتا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، ئىككىنچى باپتا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە ئەدەبىياتى، ئۈچىنچى باپتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى، تۆتىنچى باپتا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسىمىلىياتسىيە ۋە بۇلاڭ - تالاڭ قىلىش سىياسىتى ھەققىدىكى ھۆججەتلەر قاتارلىق مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن.

بۇ كىتاب تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن ئەڭ كۆپ مەنبە كۆرسىتىلگەن كىتابلاردىن بىرى دەپ باھالانغان بولۇپ، مەزكۇر كىتاب مىسىر ئەيىن شەمسى ئۈنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى كافىدىراسى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مۇھاممەد سېيىت مۇھاممەت جادىلھەق تەرىپىدىن ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. كىتاب ئەرەبلەرگە ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش ئۈچۈن مۇھىم دەرسلىك. بىز بۇ كىتاب ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كىتابنىڭ ئاپتورى ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى، كىتابنى نەشر قىلدۇرغان شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى باش كاتىپى جېلىل تۇران ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.