ئۇيغۇر تۇتقۇنلار تۈرمىدە ئېغىر روھىي ھەم جىسمانىي زەخمىگە ئۇچرىماقتا

خىتاينىڭ ئەدلىيە سىستېمىسىدا جىنايەتچىلەرنى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش ئىزچىل تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان ئېغىر مەسىلىنىڭ بىرى. بولۇپمۇ، سىياسىي جىنايەتچىلەرگە قارىتىلغان روھىي ھەم جىسمانىي جازا تېخىمۇ ئېغىر. 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن چەتئەللەرگە چىققان بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشكارىلىشىغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 5 - ئىيۇل ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن تۇتۇلغان ئۇيغۇرلار ئوخشىمىغان دەرىجىدە روھىي ھەم جىسمانىي زەخمىگە ئۇچرىغانلىقى مەلۇم.

0:00 / 0:00

يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىگە چىققان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىزنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى، 5 - ئىيۇل ۋەقەسى ھەم ئۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ھەققىدە قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتمەكتە.

ئۈرۈمچىدە قالغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش سەۋەبلىك ئىسمىنى يوشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان بىر ئۇيغۇر ياش بىزگە ئۆز جىيەنىنىڭ، گەرچە خىتاي تۈرمىسىدىن گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، تۈرمىدىكى قىيىن - قىستاقلار جەريانىدا ئېغىر زەخمىلەندۈرۈلگەنلىكىنى پاش قىلدى.

مەزكۇر ئۇچۇرنى دەلىللەش مەقسىتىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4 - دوختۇرخانا يەنى روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن بۇ سېستىرانىڭ بايانلىرىدىن، بىر قىسىم بىمارلارنىڭ بۇ دوختۇرخانىغا 5 - ئىيۇلدا تۇتۇلۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن كەلگەنلىكى، ئەمما ئۇلارنىڭ يېپىق باشقۇرۇلىدىغان بۆلۈمدە ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. بىراق، بۇ سېسترا داۋالىنىۋاتقان بىمارلارنىڭ سانى ھەم شەخسى ماتېرىيالى ھەققىدە بىزگە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

Hoten-kesilgen-barmaq-305.jpg
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ 2003 - ﻳﯩﻠﻰ 6 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، 11 - ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﻗﺎﻣﺎﭖ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ 5 ﺋﺎﻱ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﻪﻥ ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ، ﺗﻪﻥ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻰ ﻣﯧﻴﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﭗ ﻣﯧﻴﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻰ. (RFA Photo / Erkin Tarim)

ئۆتكەن ھەپتە ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى تېمىسىدىكى يىغىندا ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىدىن Manfred Nowak مەلۇمات بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسلار ئۈستىدىن تەن جازاسىدىن باشقا، روھىي قىيىن - قىستاق جازاسى قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا خىتاينىڭ قانۇن سىستېمىسىدا بەلگىلىك ئىسلاھاتلار بولۇۋاتقان بولسىمۇ، قىيىن - قىستاق مەسىلىسىنىڭ يەنىلا ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ۋە روھىي قىيىن ‏ - قىستاق جازاسىنىڭ، بولۇپمۇ فالۇنگوڭچىلارغا، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارغا يۇرگۈزلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، ئۇيغۇر رايونىدا بىر قانچە قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ يول قويماسلىقى ھەم مەھبۇسلارنىڭ جاۋاب بېرىشكە پېتىنالماسلىقى سەۋەبىدىن، بۇ ھەقتە يەنە بىر قىسىم كېرەكلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشنىڭ قىيىن بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە يەتكۈزگەن، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ، تۈرمىدە قىيناپ مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەمدە جىسمانىي ۋە روھىي جازاغا ئۇچراۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار ھەققىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىشىمىز نۇرغۇن توسالغۇلارغا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا بەلگىلىك دەلىللەرگە ئىگە بولدۇق. ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىمىزدىن، ھەتتا تۇتقۇنلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئۆلۈكى ئائىلىسىگە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش شەرتلىرى ئاستىدا قايتۇرۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئىگە چىقمىغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ جەسەتلىرىنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكى ئىسپاتلانغان ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى گەرچە مەتبۇئاتتا ئۈرۈمچىدىكى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە ئىككى مىڭغا يېقىن كىشىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تارقاتقان باياناتلىرىغا قارىغاندا 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار 10 مىڭدىن ئاشىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.