ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازالىرى ھەققىدە قارار لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

9 - دېكابىر، ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا بېرىلىۋاتقان ئۆلۈم جازالىرى ھەققىدە بىر قارار لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. لايىھىدە ئاساسلىقى 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن داۋام قىلىۋاتقان ئۆلۈم جازالىرى ھەققىدە پوزىتسىيە ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا چاقىرىق ھەم تەشەببۇسلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

0:00 / 0:00

بۇ قارار لايىھىسى، كىرىس سىمىس (Chris Smith)، جېيمىس مىكگوۋورېن (James McGovern)، بىلل دېلاخانت (Bill Delahunt )، ۋە فراك ۋولف (Frank Wolf) قاتارلىق 4 نەپەر پالاتا ئەزاسىنىڭ ئىمزاسى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە تونۇشتۇرۇلغان.

قارار لايىھىسى مۇنداق باشلىنىدۇ: "بىز ئاۋام پالاتا ئەزالىرى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ، 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىجرا قىلىۋاتقان خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆلۈم جازالىرىنى خەلقئارا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ئىنسان ھەقلىرى ۋە قانۇنىي تەرتىپ ئۆلچەملىرىگە خىلاپ دەپ قارايمىز."

قارار لايىھىسىنىڭ باش قىسمىدا 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ تىنچلىق شەكلىدىكى نامايىش بىلەن باشلانغانلىقى ۋە ئۇنىڭ باستۇرۇلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن؛ 5 ‏- ئىيۇل كۈنىدىكى ئۇرۇش چېقىش ۋەقەسى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بېرى ئىجرا قىلىپ كەلگەن كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى دەپ كۆرسىتىلگەن.

قارار لايىھىسىدە يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا مىليونلاپ كۆچمەن يۆتكىگەنلىكى، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىك ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ياش ئەمگەك كۈچلىرىنى، مەجبۇرى ھالدا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ناچار ئىش ئورۇنلىرىغا يۆتكىگەنلىكى، مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان ئىجرائاتلار سەۋەبىدىن ئۇيغۇر رايونىدا مىللىي زىددىيەتنىڭ كەسكىنلەشكەنلىكى بايان قىلىنغان.

قارار لايىھىسىدە، 5 - ‏ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ باش ئاخىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىيەت ئوبيېكتىپ ۋە تەرەپسىز شەكىلدە بايان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا تەنقىد ۋە چاقىرىقلار بايان قىلىنغان. لايىھىنىڭ بۇ قىسمىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: "بىز بىگۇناھ ئىنسانلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز؛ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى جازاغا تارتىلىشى كېرەك دەپ قارايمىز. ئەمما جازا چوقۇم خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ۋە قانۇنىي ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھالدا يۈرگۈزىۋاتقان ئۆلۈم جازالىرىنى توختىتىشى كېرەك."

لايىھىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: "خىتاي خەلقئارا كېلىشىملەردىكى مەجبۇرىيەت ۋە ۋەدىلىرىگە ئاساسەن، 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ تىزىملىكىنى خەلقئارا قىزىل كرىسىت جەمىيىتىگە تاپشۇرۇشى كېرەك؛ خەلقئارا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ۋە ئاخبارات ساھەسىنىڭ 5 ‏- ئىيۇل ھەققىدىكى سوتلارغا قاتنىشىشى ۋە نازارەت قىلىشى كېرەك."

قارار لايىھىسىدە سوتلىنىۋاتقان مەھكۇملارنىڭ ئادۋوكات تۇتۇشىغا ۋە ئائىلە تاۋاباتى بىلەن كۆرۈشىشىگە يول قويۇشى تەكىتلەنگەن.

قارار لايىھىسىدە يەنە، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ، قانۇنسىز ئۆلۈم جازالىرىغا كەسكىن تون بىلەن قارشىلىق بىلدۈرۈشى، تىبەت ۋە ئۈرۈمچىدە ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئېچىشنى قايتا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى؛ خىتايدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ 5 ‏- ئىيۇل سوتىغا قاتنىشىپ، سوتنىڭ قانۇنىيلىقىنى كۆزىتىش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس سۇنۇشى تەلەپ قىلىنغان.

مەزكۇر قارارنامە، تۈنۈگۈن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا تونۇشتۇرۇلغان. كېلەر ھەپتە بۇ لايىھە مۇزاكىرىگە سۇنۇلۇپ ئاۋازغا قويۇلىدۇ؛ ئەگەر ئاۋاز ئۈستۈنلىكىگە ئېرىشەلىسە، ئامېرىكىنىڭ 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدىكى ئېنىق مەيدانى سۈپىتىدە ئېلان قىلىنىدۇ. ھازىرغا قەدەر 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدە 50 كە يېقىن دۆلەت ۋە تەشكىلاتلار ئىپادە بىلدۈردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار تەرەپتە، ئەڭ قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرگىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدۇر.

ئامېرىكا ھازىرغا قەدەر بۇ ھەقتە بىرقانچە قېتىم ئىپادە بىلدۈرگەن؛ ئەمما بۇ ئىپادىلەر، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈتكەن ئۈمىدلىرىگە جاۋاب بولالمىغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر ئاۋام پالاتىغا سۇنۇلغان يۇقىرقى لايىھە تەستىقتىن ئۆتسە، بۇ ئامېرىكىنىڭ 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدىكى ئەڭ ئېنىق، ئەڭ كەسكىن تەلەپپۇزدىكى پوزىتسىيىسى ھېسابلىنىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.