بۇ يەردىن بېرىللىي، لىتىي، روبىدىي، ئۇران، تورىي، كۆك گۆھەر، سېرىق قاشتېشى، تانتالىيۇم قاتارلىق 76 خىل كان رۇدىسى قېزىۋېلىنغان بولۇپ، بۇ رۇدىلار بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتىنى دۇنياغا كۆز ئالايتىشقا جۈرئەت قىلدۇرغان، قوشنا دۆلەتلىرىگە ۋە دۇنياغا تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان ئاتوم بومبىسى، ئالەم كېمىسى ۋە قىرغۇچى ئايروپىلانلىرىنى ياساشقا ماتېرىيال ئاساسى ۋە مەبلەغ ئاساسى بولغان ئىدى. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى لوپنۇر رايونىدا 1-قېتىم ئاتوم بومبىسىنى سىناق قىلىپ غەلىبە قىلغاندىن كېيىن مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى پەن-تېخنىكا كومىتېتى كۆكتوقاي رايونىدىكى كان مەسئۇللىرىغا خەت يېزىپ 3-نومۇرلۇق كان رايونىنى تۆھپىكار كان» دەپ ئالاھىدە ماختىغان. بۇ يەردىن دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان 16 كىلو ئېغىرلىقتىكى كۆك گۆھەر پارچىسى، 17 كىلو ئېغىرلىقتىكى سېرىق قاشتېشى، 60 كىلو ئېغىرلىقتىكى تانتال-نوبىيوم بىرىكمە خرۇستالى، 500 كىلو ئېغىرلىقتىكى خرۇستال پارچىسى، 12 توننىلىق گرانت تاش قاتارلىقلار قېزىۋېلىنغان.
خىتايدا چىقىدىغان «قانلىق تۆمۈر» ناملىق ھەربىي مۇلاھىزە تور بېتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئەسلىدە كۆكتوقاي كان رايونىنى 19-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن باشلاپ رۇسلارنىڭ گېئولوگىيە خادىملىرى قىدىرىپ-تەكشۈرۈشكە باشلىغان بولۇپ، 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى كونتروللۇقىغا ئالغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى كېلىشىم بويىچە بۇ رايوننى خىتايلار بىلەن بىرلىشىپ ئېچىشقا باشلىغان ۋە بىر قىسىم نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. 1960-يىلى سوۋېت، خىتاي مۇناسىۋىتى يامانلىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى كۆكتوقاي رايونىدا ئىشلەۋاتقان تېخنىكا خادىملىرىنى ئېلىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئەمما، سوۋېت ئىتتىپاقى خىتاي ھۆكۈمىتىنى 5 يىل ئىچىدە 5 مىليارد 200 مىليون خىتاي پۇلى قىممىتىدىكى بارلىق قەرزلىرىنى پۈتۈنلەي قايتۇرۇپ بولۇشقا قىستىغان ھەم بۇ قەرزلەرنى كۆكتوقاي 3-نومۇرلۇق كاندىن چىققان رۇدىلار ئارقىلىق قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 360 دوچ بىلوگىدا پاش قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە، كۆكتوقاي 3-نومۇرلۇق كان رايونىدىن چىققان رۇدىلارنى خەلقئارالىق بازار باھاسى بويىچە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قەرزگە ھېسابلاپ بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى «خەلق گېزىتى»دە ئېلان قىلغان بىر ستاتىستىكىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قەرز ھېسابىدا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن رۇدىلارنىڭ قىممىتى پۈتۈن قەرز سوممىسىنىڭ 47% گە توغرا كەلگەن.
تور بەتلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، كۆكتوقاي 3-نومۇرلۇق كاندىن چىققان كان بايلىقلىرى پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان بولۇپ، نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ كان رايونىدىن چىققان رۇدىلارنى، ھەتتا رۇدىلار قېزىۋېلىنغاندىن كېيىن قالغان تاش ۋە داشقاللارنىمۇ سېتىۋېلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ياپونىيە ھۆكۈمىتى كان رايونىدىن چىققان تاشلاندۇق بىر كىلو تاشقا بىر كىلو ئاشلىق تېگىشىش تەكلىپىنى بەرگەن، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيىنىڭ بۇ تەلىپىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىن تەبىئىي گاز، نېفىت، كۆمۈر، ئالتۇن قاتارلىق يەر ئاستى بايلىقلىرىدىن سىرت يەنە، مۇشۇنداق دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىغان كان بايلىقلىرىدىن پايدىلانغان تۇرۇقلۇق يەنە نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنى 60 يىلدىن بۇيان نامرات ھالەتتە تەسۋىرلەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇ بايلىقلارنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنى نامرات قالدۇرىدۇ؟
بۇ سوئالىمىزغا شۋېتسىيە مائارىپ ئۇيۇشمىسىدىن ئابدۇللا جاۋاب بەردى.
چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ھالىتىنى تەسۋىرلەپ «ئالتۇن تاۋاق كۆتۈرۈپ يۈرگەن تىلەمچىلەر»، «بايلىق ئۈستىدە ئۇخلاۋاتقان يولۋاسلار» دېگەن ئىدى. بۇنى ئابدۇللا «بۇقىنى ئورۇق بېقىش تاكتىكىسى» دەپ تەسۋىرلەيدۇ.