ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تارىخ تەتقىقاتچىسى كۇباتىن ئەندرېي ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇر، ئۆزبېك خەلقلىرىنىڭ تارىخى مۇناسىۋەتلىرى ۋە كېلىپ چىقىش مەنبەلىرى شۇنداقلا بۇ ئىككى ئاتالغۇنىڭ قاچان پەيدا بولغانلىقى، ئۇيغۇر، ئۆزبېك قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلەر بۇنىڭدىن كېيىن قانداق بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
كۇباتىن ئەندرېي ئەپەندى، مانجۇ ئىپمىراتۇرلۇقى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغان دەۋىردە 300 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ قوقەنت خانلىقىغا كۆچۈپ بارغانلىقىنى، 1960 - يىلى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش مەدەنىيەت ئىنقىلابى ئېلىپ بارغاندا يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ تاشكەنتكە كۆچۈپ بارغانلىقىنى، شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرمۇ تاشكەنتتە بىر قانچە ئورۇندا قەشقەر دېگەنگە ئوخشاش مەھەللىلەرنى قۇرۇپ ياشاۋاتقانلىقىنى، خوتەن مەسچىتى دېگەنگە ئوخشاش مەسچىت بارلىقىنى، ئۇيغۇرلاردىن كۆپ زىيالىيلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە ئوخشاش تەتقىقات ئورۇنلىرىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر، ئۆزبېكلەرنىڭ ئورتاق تارىخلىرىنى تەتقىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۇباتىن ئەندرېي ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەتلىك، قىممەتلىك تارىخقا ئىگە خەلق ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۆرمەت بىلەن قارايدىغانلىقىنى، ئەينى زاماندا رۇسلار ئۆزبېكلەرنىڭ تىلىنى يوقىتىش ئۈچۈن 70 يىل رۇسچە ئۆگەتكەنگە ئوخشاش، ھازىر خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى يوق قىلىش ئۈچۈن شۇنداق خىتايچە ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى، بۇ بىر قەبىھ ئىش ئىكەنلىكىنى ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن ياشاش ھوقۇقى بار خەلق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
0:00 / 0:00