0:00 / 0:00
شەھەر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە ئۇيغۇرلار مىللى سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىپ، پائالىيەت ئەھلىنىڭ ئالقىشقا ئېرىشتى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر ۋەكىلىگە سۆز قىلىش پۇرسىتى بېرىلدى. بۇ پائالىيەتتە خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تىبەتلىكلەرگە ئوخشاشلا زۇلۇم چېكىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل زۇلۇمنىڭ ئولىمپىك ھارپىسىدا يۇقۇرى پەللىگە چىققانلىقىنى ۋە تىبەت ئەركىنلىك مەشئىلىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئەركىنلىك مەشئىلى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
بىز بۇ پائالىيەتنى ئويۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ۋانكۇۋېر شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ھەيئەت ئەزاسى ئومەرجان ئەپەندىنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا، ئۇ بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.