ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەرنى ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلار بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ

كۆزەتكۈچىلەر بولسا ئۇيغۇر رايوندىكى مەسىلىنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلە ئەمەس، بەلكى بىر مىللىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

0:00 / 0:00

-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق رايوندا مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى بەرپا قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويغان ئىدى. ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلاپ، خەلق تۇرمۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق رايوندا مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشۋىق قىلغان. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ھالقىما تەرەققىيات پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنى «تۈرلەر بويىچە ياردەم بېرىش سىياسىتى» بويىچە ئىچكىرىدىكى 19 ئۆلكىگە بۆلۈپ بەرگەندىن كېيىنمۇ ئۆزى تەشۋىق قىلىۋاتقان مۇقىملىقنى يەنىلا ئىشقا ئاشۇرالمىدى. ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىقى سۈكۈت ئىچىدە خاتىرىلىنىۋاتقان ئاشۇ كۈنلەردە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خەلقئاراغا «ئۇيغۇر ئېلىدە خەلق خۇشال، ۋەزىيەت مۇقىم» دەپ بايانات بېرىپ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا خوتەن ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن ۋەقە مەيدانغا كەلدى. ھەر ئىككى ۋەقەدە ۋەقە پەيدا قىلغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنى ۋە خىتاي پۇقرالىرىنى نىشان قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. خىتاي دائىرىلىرى خوتەندىكى ۋەقەدە 14 ئۇيغۇرنى، قەشقەردىكى ۋەقەدە ئىككى ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.

خوتەن ۋە قەشقەردىن ئىبارەت ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بىر قەدەر زىچ ۋە قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان بۇ ئىككى شەھەردە كېلىپ چىققان ۋەقەلەر خىتاي دائىرىلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلغان بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن رايوندا جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈلۈپ، دۇكان ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ بىر قانچە كۈن تاقالغانلىقى خەۋەر قىلىندى. خىتاي دائىرىلىرى ھەر ئىككىلا ۋەقەنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىدى، ھەتتا قەشقەردىكى ۋەقە پەيدا قىلغۇچىلارنىڭ بىرىنىڭ پاكىستاندا تەربىيىلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇلار ئىچكى جەھەتتە ۋەقەگە دائىر ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلغان بولسا، سىرتقا قاراتقان تەشۋىقاتىدا، ۋەقەنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھازىرقى ياخشى ۋەزىيىتىنى، تەرەققىياتىنى كۆرەلمەيۋاتقان بىر ئۇچۇم بۆلگۈنچى تېررورچىلار تەرىپىدىن پەيدا قىلىنغانلىقىنى، بۇنىڭ رايوننىڭ ھازىرقى ياخشى ۋەزىيىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان شىنخۇا، خەلق گېزىتى، بېيجىڭ ھەپتىلىكى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، ئالەمشۇمۇل ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق رايوندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىم ۋە باياشات بىر ۋەزىيەت يارىتىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى.

خوتەن ۋە قەشقەردىكى ۋەقەلەردىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا سېلىۋاتقان ئىقتىسادىي مەبلەغلىرىنىڭ رايوندىكى خەلققە بەخت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارغا ئىش ئىمكانى يارىتىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈۋاتقانلىقىدەك تەشۋىقاتنى يەنىمۇ بىر ھەسسە كۈچەيتكەنلىكى كۆرۈلمەكتە. ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بولسا مەسىلىنىڭ يالغۇز ئىقتىسادىي بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى رەت قىلماقتا. سابىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، پېشقەدەم سىياسەتچى ئەنۋەرجان ئەپەندى ئوز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى

خوتەن ۋە قەشقەردە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەردىن كېيىن چەتئەللەردىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە نېمە ئۈچۈن بۇنداق ۋەقەلەر مەيدانغا كېلىدۇ، دېگەن تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىندى. مۇلاھىزىدە كۆز قارىشىنى بايان قىلغان چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسىلىنىڭ نېگىزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىىنىڭ رايوندىكى مىللىي سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. مەسىلەن، خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدىمۇ، خوڭكوڭ ئۇنىۋرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى چېڭ يۈشېڭ ۋەقە ھەققىدە ئۆز پىكرىنى بايان قىلىپ: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان مائارىپ، تىل، دىنىي سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتكىنى يوق، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئىلگىرىكى ۋەقەلەردىن دەرس ئالمىغانلىقى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئەھۋال، دېگەن. پروفېسسور چېڭ يۈشىڭ يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھېچقانداق ھەق-ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىدىن شىكايەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

پېشقەدەم سىياسەتچى ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى بەرگەن چاغدىلا ئۇيغۇر رايونىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ شەكىللىنىپ، مۇقىم ۋەزىيەت بەرپا قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىم ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پەن جىپىڭ «جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى» گە بەرگەن باياناتىدا رايوندىكى نامراتلىق ئەھۋالىنىڭ يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە «خىتايدا شىنجاڭدىنمۇ نامرات جايلار بار، ئەمما ئۇ يەردە بۇنداق ۋەقەلەر چىقمايدۇ، مەنچە بۇ يەردىكى ۋەقەلەر كۆپرەك ئېتنىك مەسىلىگە چېتىشلىق» دېگەننى ئېتىراپ قىلغان.