يىغىنغا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تىل -ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور مۇئەللا يۈجەل خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى تۈرك تارىخى بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى، «ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي تارىخى» دېگەن تېمىدا، مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر -ئاخبارات بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۇيغۇر دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك مەدەنىيەت ۋە تەتقىقات كۇلۇبىنىڭ باشلىقى ئالپەرەن گۆرگۈلۈ ئەر ۋە كۇلۇب ئەزاسى سەلمان ئارىجان ئەپەندىلەر سۆز قىلدى.
يىغىندا يەنە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك مەدەنىيەت ۋە تەتقىقات كۇلۇبنىڭ باشلىقى ئالپەرەن گۆرگۈلۈئەر سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بىز تۈرك مەدەنىيەت ۋە تەتقىقات كۇلۇبى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دىنىي ۋە مىللىي مەنىۋى قىممەتلىرىمىزگە ئەھمىيەت بېرىش ئۈچۈن پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن بۇ يەردە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا يىغىن ئېچىۋاتىمىز. چۈنكى بىز بىزنى بىز قىلىپ ياشاشقا يول كۆرسەتكەنلەرگە ئەگىشىپ ياشاش يولىنى تاللىدۇق. بىزنى بىز قىلغان ئۆتمۈشىمىز، دىنىي ئېتىقادىمىز ۋە تارىخىمىزدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنى بىز كۈلتۈر، تارىخ دەپ چۈشىنىمىز. بىز ئۇلۇغ دىنىمىزنى دىيار-دىيارغا تارقاتقان، ۋىيانادىن سەددىچىن سېپىلىگىچە، ئەرەب دىيارىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىسلام دىنىنى مۇداپىئە قىلغان بىر ئەجدادنىڭ ئەۋلادلىرى. پەخىرلىك ئەجدادلىرىمىز تارىخ سەھنىگە چىققان جۇغراپىيە بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستان چېگراسى ئىچىدە بولۇپ، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئاتا ماكانىمىز شەرقىي تۈركىستاندۇر.
ئالپەرەن ئەپەندى سۆزىنىڭ داۋامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە سۈكۈت قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلەرنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى:
64 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇم، كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك دەپ جار سېلىۋاتقانلارنىڭ ۋە بۇ ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسىنىڭ تېگىگە يېتەلمىگەنلەرنىڭ ھېچقاچان تىلىغا كەلمىدى. ئۆزلىرىنى ئاتالمىش ئەركىنلىك پەرۋانىسى دەپ داۋا قىلىۋاتقانلار، قۇياش چىققان تەرەپتىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پەريادلىرىغا قۇلاق سالمىدى ۋە ئۇلارغا كۆز يۇمدى. بۈگۈنكى پروگراممىمىز 64 يىلدىن بۇيان ئاتا ۋەتىنىمىزدە بىچارە ھالەتتە قالغان قېرىنداشلىرىمىزنى ئەسلەش، ئۇلارنىڭ دەردلىرىگە ئازراق بولسىمۇ ئورتاق بولۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان دېگەن نام بىلەن ئۆتكۈزۈلدى.
ئالپەرەن ئەپەندى سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق ئەھۋاللىرىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: دۇنيانى فەتھى قىلغان، فەتھى قىلىپلا چەكلىنىپ قالماستىن ئادالەت بىلەن تىنچلىق بەرپا قىلغان بىر مىللەت مەيدانغا كەلگەن شەرقىي تۈركىستاننى ئويلاپ باقايلى. مۇسۇلمان بولۇش جىنايەت، تۈرك بولۇش تېخىمۇ جىنايەت بولىدىغان بىر يەر شەرقىي تۈركىستان.
ئالپەرەن ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: سۆزلىرىمنى ئۇلار ئاڭلىيالمىسىمۇ، بىزنىڭ بارلىقىمىزدىن ئۇلارنىڭ خەۋىرى بولمىسىمۇ سۆزۈمنى ئۇلارغا سالام يوللاش بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالايمەن. ئەي! دىنىمىز ئۈچۈن ئىڭرىغان قېرىنداشلىرىم سىلەرگە سالام!. ئەي! شۇنچە زۇلۇم ئاستىدا مىللىتىمىز ئۈچۈن ياشىغان قېرىنداشلىرىمىز سىلەرگە سالام بولسۇن!
يىغىندا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى مەدەنىيەت ۋە تەتقىقات كۇلۇبنىڭ ئەزاسى سەلمان ئارىجان ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستان ھونلارنىڭ، كۆكتۈركلەرنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ، قاراخانىيلارنىڭ، غەزنەۋىيلەرنىڭ ۋە سالجۇقلارنىڭ ئىزلىرى قالغان مۇبارەك تۈرك -ئىسلام دىيارى. شەرقىي تۈركىستان ئەخمەت يەسەۋىي، شاھ نەقشىبەندى، مەھمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئابدۇلكەرىم سۇتۇق بۇغراخان، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپ تېكىن، ئوسمان باتۇر قاتارلىق كۆپلىگەن مەشھۇر شەخسلەرنى يېتىشتۈرگەن قەدىمى جۇغراپىيە. شەرقىي تۈركىستان تارىختىن بۇيان كۆپلىگەن قەھرىمانلىق داستانلىرىغا سەھنە بولغان، تارىخقا يېڭى سەھىپىلەر ئاچقان قەھرىمان ۋەتەن. بۈگۈنكى كۈندە كۆپلىگەن ئىنسانلار پەرۋاسىزچە شىنجاڭ دەپ ئاتاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ كۆپ قېتىم ئاتوم بومبا سىناق قىلىشىغا ئۇچرىدى. شەرقىي تۈركىستاندا بوۋاقلار ئانىلارنىڭ قورسىقىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ قىرغىنچىلىق مازارلىققا ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستان دىنى ئەركىنلىك چەكلەنگەن.
بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك مەدەنىيەت ۋە تەتقىقات كۇلۇبنىڭ ئەزاسى سەلمان ئارىجان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. سەلمان ئارىجان بۇ يىغىننى ئېچىشتىكى ئاساسى مەقسىتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە پەرۋاسىز قاراشقا ئادەتلىنىپ قالغان ئىنسانلارغا بۇ مەسىلىسىنىڭ تۈركلەرنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق بىر مۇقەددەس داۋاسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىش، شەرقىي تۈركىستاننى ئەسلەپ قويۇش ئەمەس بەلكى بۇ داۋانى ھەممىمىزنىڭ ئورتاق بىر داۋاسى ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇ يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز شۇنى بىلسۇنكى، ياشاۋاتقان ئورۇنلارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى، ئارىلىقىمىزنىڭ ئۇزاق بولۇشى بىز ئۇلاردىن ئۇزاق دېگەن مەنە ئىپادىلەنمەيدۇ. ئۇ يەر بىزنىڭ ئاتا يۇرتىمىز، كېلىپ چىقىش يىلتىزىمىز ئۇ يەردە، يۈرىكىمىز ھەر زامان ئۇلار بىلەن بىرگە سوقىدۇ، ئۇلارنىڭ ئازاب چېكىشى بىلەن بىزمۇ ئازابلىنىمىز. ئۇلار قايغۇلانسا بىزمۇ قايغۇلىنىمىز.