2009-يىلى بەشىنچى ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۇيانقى ئىككى يىل ئىچىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە قانداق ئۆزگىرىش پەيدا بولغانلىقىنى، مەسىلەن، گەرچە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىدىغان ئاتالغۇلىرىنى يېڭىلاپ، تەدبىرلىرىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ مۇھىمى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى سىياسىي جەھەتتىن باستۇرۇش، ئىقتىسادىي جەھەتتىن خانىۋەيران قىلىش سىياسىتى ماھىيەت جەھەتتىن ئۆزگەرگەن ياكى ئۆزگەتمىگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلاردا قانداق ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى دۇنيا ئۈزلۈكسىز ھالدا كۆزىتىپ كېلىۋاتىدۇ.
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈگۈن خىتاينىڭ، بەشىنچى ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۇيانقى ئىككى يىل ئىچىدە، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشنى رەت قىلىپ جىم تۇرۇۋالغانلىقىنى ئەيىبلىدى. دۇنيادا ئۇيغۇرلار بارلىكى دۆلەتلەردە بۈگۈن، ئۇيغۇرلار بەشىنچى ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىقىنى خاتىرىلەپ، خىتاينىڭ ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ خىتاينى، 2009-يىلىدىكى بەشىنچى ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشقا، تۇتقان، ئازابلىغان، ھەرخىل باھانە بىلەن ئۆلتۈرگەن، ھازىر تېخىچە تۈرمىلەردە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئادەم سانىنى ئەينەن مەلۇم قىلىشقا قىستىدى. ئۇيغۇرلار شۇنداقلا خەلقئارا تەشكىلاتتىن، خىتاي ھۆكۈمىتى2009-يىلىدىكى بەشىنچى ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە 197 ئادەم ئۆلدى، 1721 ئادەم تۇتۇلدى دەپ ئېلان قىلغان ساختا سانلىق مەلۇمات ئۈستىدە ۋە ئۇيغۇرلارغا قىلغان ھەرخىل تۆھمەتلەر ئۈستىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بەشىنچى ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئىككى يىل ئۆتكەندىمۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىدە قىلچە ئۆزگىرىش بولمىدى. خۇددى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بايان قىلغاندەك، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئىككى يىلدىن بۇيان، بىر تەرەپتىن 2009-يىلىدىكى بەشىنچى ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي كۆرۈنۈشىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشىقا قاتتىق توسقۇنلۇق قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن سىياسىي كۆز قارىشى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئوخشىمايدىغان كىشىلەرنى باستۇرۇشنى تەڭ يولغا قويۇپ كېلىۋاتىدۇ. گەرچە خىتاي «شىنجاڭ» دېگەن نامنى قوللىنىپ، دۇنيادىكى 160 دۆلەت بىلەن سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ بولغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر يۇرتلىرىنى غەربكە يۈرۈش قىلىدىغان كۆۋرۈك قىلىشنى پىلانلاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق باشقا مىللەتلەرگە ئىزچىل قوللىنىپ كېلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى، خىتاينىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىگە دىپلوماتىيە جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىتالىيىدە چىقىدىغان «تېمپى» گېزىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۈرۈمچى، قەشقەرلەردە زىيارەتتە بولغان فوتو مۇخبىرلىرى يېقىندا، خىتاي قوراللىق قىسىملىرى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنى كوچىمۇ-كوچا، مەھەللىمۇ-مەھەللە ئىزدەپ يۈرۈپ تۇتۇپ، ۋەھشىيلىك بىلەن ئۇرۇپ-چەيلىگەن، ئۆلتۈرگەن ۋە خىتاي كۆچمەنلىرى يەرلىك ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلغان كۆرۈنۈشلەرنى خاتىرىلىۋالغان سىنئالغۇ ماتېرىياللىرىنى، قەشقەردە ئۇيغۇرلار يەتتىنچى ئىيۇل كۈنى «خەلق مەيدانى» دا ئۆتكۈزگەن نامايىشتا، خىتاي قوراللىق قىسىملىرى نەق مەيداندىن 50 نەچچە ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان كۆرۈنۈشلەرنى خاتىرىلىۋالغان سىنئالغۇ ماتېرىياللىرىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىغا بەردى.
بۈگۈن خىتاينىڭ ئۈرۈمچى تورى، كوممۇنىست خىتاينىڭ شىنجاڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن بەشىنچى ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىىنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرە كۈنلىرىدە كەچلىك بازارلارغا بېرىپ، خەلق بىلەن سۆھبەتلەشكەن كۆرۈنۈشلەرنى بېسىپ، شۇئارقىلىق دۇنياغا ئۈرۈمچىنى، جەمئىيەت تەرتىپى ئاللىقاچان ئەسلىگە كەلگەن، ھازىر تىنچ، ئاۋات بولۇپ كەتتى دەپ كۆرسىتىشكە تېرىشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزلىرىنى ئۈرۈمچى ئاھالىسى دەپ ئاتىغان خىتايلارنىڭ رادىئويىمىزنىڭ خىتايچە شۆبىسىگە سۆزلەپ بېرىشىچە، بەشىنچى ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىىنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرە كۈنلىرى يېتىپ كېلىۋاتقاندا، خىتاي ھۆكۆمىتى ئۈرۈمچىدە كوچا چارلايدىغان ئەسكەرلىرىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتكەن، خەلققە «جىنايەت توقۇش» ئۈچۈنلا قوللىنىدىغان ئىنتېرنېت ۋىدىئو ئاپپاراتلىرىدىن يەنە 40 مىڭنى كۆپەيتكەن. مۇشۇ كۈنلەردە كوچىلاردا ئەركىن يۈرىدىغان خەلقنىڭ سانى ئازلاپ كەتكەن. جاڭ چۈنشەن باردى دېيىلگەن «كېچىلىك بازار»لارنىڭ ھەممىسى يالغان كۆرۈنۈش. ئەمەلىيەتتە مۇشۇ كۈنلەردە ئۈرۈمچىنى قورقۇنچلۇق تۈس قاپلىغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى مۇقىملىقنى ساقلاشتا قورال كۈچى قوللىنىشنى چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىنى تېخى ئىقرار قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، مۇقىملىقنى ساقلاشتا قورال كۈچى قوللىنىشى چەكتىن ئاشتىمۇ -قانداق دېگەن مەسىلىنى ئويلىنىۋاتقانلىقىنى، مەلۇم بىر قانۇنشۇناس پروفېسسورنىڭ ئېغزى ئارقىلىق ئاشكارىلاپ قويغان.