ئەنە شۇ ئەھمىيەتلىك ئۇچرىشىشلاردىن بىرى 23-سېنتەبىر كەچ گوللاندىيىنىڭ روتېردام شەھىرىدە پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان، تۈرك فېدراتسىيۇنىدا ئۇيۇشتۇرۇلدى. 100 دىن ئارتۇق ئىشتىراكچى تۈرك ئاممىسى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى چۈرىدىگەن ھالدا، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان خەتەرلىك تەقدىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئۇزۇن نۇتقىدىن كېيىن، قىزغىن ئالقىشى ۋە ھاياجانلىق ئىنكاسلىرى بىلەن بۇ تارىخى ئۇچرىشىشقا قىممەت بەردى.

تۈرك قېرىنداشلاردىن بەزىلىرى ئۆزى قىزىققان مەسىلىلەردىن سوئاللار سورىسا؛ بەزىلىرى ھاياجىنىنى ئىپادىلەپ سۆز قىلدى. تۈرك فېدراتسىيونىنىڭ بىر ئايال ئەزاسى سالامدىن سوڭرا رابىيە قادىر خانىمنى مەدھىيىلەپ:
-سىز بىزنىڭ نەزىرىمىزدە بىر قەھرىماندۇرسىز. سۆزلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىگە يۈزدە-يۈز ئېشىنىمىز ۋە ئاللاھتىن مەقسەتلىرىڭىزلارنىڭ ھەل بولۇشىنى تىلەيمىز. بىز ھەرقانداق بىر يەردە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە سۆز بولۇنسا «شەرقىي تۈركىستان تۈرك دۇنياسىنىڭ بىر پەلەستىنىدۇر» دەيدىغان بىر ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدۇق. ھەق گەپ قىلىدىغان بولساق؛ تاجاۋۇزچىلارنىڭ بېسىۋېلىشى سەۋەبى بىلەن ئېقىۋاتقان قانلار، ئۆلۈۋاتقان جانلارنى نەزەردە تۇتۇپ، پەلەستىن بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى سېلىشتۇرما قىلغىنىمىزدا، پەلەستىن تۇپراقلىرى نادان ئەرەبلەرنىڭ پۇل-مەنپەئەت، بايلىق قوغلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ زېمىنىنى ئىسرائىلىيىلىكلەرگە سېتىۋېتىشى نەتىجىسىدە قولدىن چىقىپ كەتكەن بىر زېمىندۇر. ئەمما شەرقىي تۈركىستان ھىيلە-مىكىرگە تولغان قانلىق بىر تاجاۋۇزنىڭ نەتىجىسىدە بېسىۋېلىنغاندىن بىرى، پەلەستىندىكى قىرغىنچىلىقتىن ھەسسە ئېغىر زۇلۇمنىڭ داۋام قىلىۋاتقىنىغا، تۈرك قېرىنداشلىقى كۆزى بىلەن نەزەر تاشلىساق، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرك تۇپراقلىرى ئىچىدىكى بىر پەلەستىنگە ئايلانغانلىقىغا ئىشىنىمىز،-دېدى.
ئەڭ ئىچكىرىلەپ سورالغان سوئاللاردىن بىرى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ نېمە ئۈچۈن تۈركىيىگە كىرەلمىگەنلىكىگە مەركەزلەشتى. رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇنىڭغا قارىتا قايتۇرغان ئىستراتېگىيىلىك جاۋابلىرى، سوئال سورىغۇچىلارنى قانائەتلەندۈرەلمەي مۇئەمما ھالىتىدە قالدى. شۇنداقتىمۇ، كۆپچىلىك ئامما ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغانلىكى ئىشلاردا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تۈرك فېدراتسيۇنى ۋەكىللىرى ئۇيغۇرلارغا زىياپەت بەردى. زىياپەتتىن كېيىن، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈرك فېدراتسىيۇنى باشلىقى مۇراد گېدك ئەپەندى بۈگۈنكى ساھىبخانلىقىدىن ئالغان تەسىراتىنى ۋە ئۆز توپلىمىغا ۋاكالىتەن ئۇيغۇرلارغا ھەر قايسى ساھەلەردە ياردەم بېرىشكە ھازىر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.