ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى جوسەپھ: ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى مو يەندەك ئەسەر يازسا نېمە كۈنلەرگە قالار؟

ئەنگلىيىلىك خىتاي ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى جوسەپھ 10-ئاينىڭ 16-كۈنى ياپونىيىدىكى چەتئەل ئەدەبىيات كۇلۇبىنىڭ تەكلىپى بويىچە، كەچتە بىر سائەتلىك تور كۇلۇبى ئارقىلىق «ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى مو يەندەك ئەسەر يازسا نېمە كۈنلەرگە قالار؟» دېگەن تېمىدا سۆزلىگەن.

0:00 / 0:00

ئۇ سۆزىنى مۇنداق باشلىغان:
‏-مەن بۈگۈن گېزىت كۆرۈۋېتىپ «جاپان تايمىس» گېزىتىنىڭ 13-ئۆكتەبىر 4-بېتىدە، بۇ يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى خىتاي يازغۇچىسى مو يەن ھەققىدە خىتايلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇنازىرىلىرىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.خىتاينىڭ داڭلىق شائىرى ئەي چىڭنىڭ ئوغلى، ھازىرقى بېيجىڭدىكى خىتاي سەنئەتكارى ئەي ۋېيۋېي مو يەن ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا «مو يەن ھەمىشە كۈچلۈكلەر تەرىپىدە تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس،خاسلىقى يوق! شۇڭا كىشىلەر مو يەننىڭ غەلىبىسىگە كۈلۈشىنى ۋە ياكى يىغلىشىنى بىلمەي قىلىۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن. راست ئەي ۋېيۋېي توغرا ئېيتىدۇ. خىتايلار يا كۈلۈشىنى، يا يىغلىشىنى بىلمەيۋاتىدۇ. خىتايلار ئۆز دۆلىتىدە نېمىنىڭ راست، نېمىنىڭ يالغانلىقىنى بىلمىگەنلىكتىن، گاڭگىراش، ھودۇقۇش ئىچىدىلا ئۆتىدۇ. مەنمۇ مو يەننىڭ «پاقا»، «قىزىل قوناق»قاتارلىق رومانلىرىنى شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان چاغلىرىمدا ئوقۇغان بولۇپ، ئېسىمدە قىلىشىچە، مو يەننىڭ «پاقا» ناملىق رومانىدا خىتاي كومپارتىيىسىگە سادىق بىر پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئايال كادىرى، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى جان-دىلى بىلەن ئورۇنلاش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئانىلارنىڭ بوۋاقلىرىنى مەجبۇرىي چۈشۈرگۈزىۋەتكەنلىكى ۋە ئۆزىنىڭ قىلغان بۇ قىلمىشىغا پۇشايمان قىلغان بىر ئايال كادىرنى تەسۋىرلەيدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاي دۆلىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تەنقىد قىلىدۇ. پاھ! پاھ!!! مو يەندىكى بۇ جاسارەت نەدىن كەلگەندۇ -دەپ، مەن ئەسەرنى ئوقۇۋاتقان چېغىمدا ئەسەرنىڭ ئاپتورى مو يەندىن بەكرەك قورقۇپ كەتكەن ئىدىم. چۇنكىي خىتايدىكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە كىم قارشى چىقسا كاللىسى ئېلىنىپ كەتمىگەن تەقدىردىمۇ؟ مەڭگۈلۈك تۈرمىگە تاشلىنىشى تۇرغانلا گەپ. مەن خىتايدىكى بىر قانچە يازغۇچىلارغا تولىمۇ ھەيران قالىمەن. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا خىتايلاردىن بىر قانچە يازغۇچىلار خېلىلا قورقماي ئەسەر يېزىۋاتىدۇ. يەنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سىياسىتىنى تەنقىدلەپ. مەسىلەن ئالايلۇق، خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ لىشيۇڭ خىتايلار ھەققىدە «سېرىق ئاپەت»، شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار ھەققىدە «مېنىڭ غەربىي دىيارىم، سېنىڭ شەرقىي تۈركىستانىڭ»، تىبەتكە ئائىت «تىبەتتە ئاڭلىغانلىرىم» دېگەن ئەسەرلەرنى يېزىپ دالاي لاما ئەپەندى تەرىپىدىنمۇ مۇكاپاتلاندى ۋە مۇكاپات ئېلىشقا بىمالال ئامېرىكىغا بارالىدى. ئۇ يەنە پات-پات ياپونىيىگىمۇ كېلىپ تۇرىدۇ. مانا بۇ قېتىم خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئوچۇق-ئاشكارا قارشى ئەسەر يازالىغان مو يەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئەمەلىيەتتە ۋاڭ لىشيۇڭ، مو يەنلەرنىڭ خىتايدا ئوچۇق-ئاشكارا نەشر قىلىنغان «پاقا» قاتارلىق رومانلىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشمۇ چەكلەنگەن. ئەگەر خىتايدىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى مو يەندەك پىلانلىق تۇغۇتقا قارشى ئەسەر يازسا نېمە كۈنلەرگە قالار؟‏

شاڭخەي كىتابخانىسىدا خېرىدارلار مو يەن يازغان كىتابلارنى سېتىۋالماقتا. 2012-يىلى 11-ئۆكتەبىر، شاڭخەي.
شاڭخەي كىتابخانىسىدا خېرىدارلار مو يەن يازغان كىتابلارنى سېتىۋالماقتا. 2012-يىلى 11-ئۆكتەبىر، شاڭخەي. (AFP)

جوسەپھ يەنە مۇنداق بايان قىلىدۇ:
‏-خېلى يىللار ئىلگىرى، ئۇيغۇر ئالىمى تۇرغۇن ئالماس «ئۇيغۇرلار»، «ھونلار» قاتارلىق ئۈچ پارچە تارىخى ئەسىرىنى يېزىپ قويۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆيىگە نەزەربەند قىلىندى، نۇرمۇھەممەت ياسىن دېگەن بىر ئۇيغۇر يىگىت قەشقەر ئەدەبىياتى ژۇرنىلىدا «ياۋا كەپتەر» ناملىق ھېكايىسىنى ئېلان قىلىپ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي قانۇن ئورۇنلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ،مىللىي بۆلگۈنچى دېگەن بەتنام بىلەن سۆيۈملۈك ئايالىدىن، ئىككى پەرزەنتىدىن ئايرىپ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى شۇنداقلا توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى توختى تۇنىياز ئۇيغۇر تارىخىي ماتېرىياللارنى توپلىغانلىقى ئۈچۈن ياپونىيىگە كېلەلمەي، ئون يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرىدى. 2009-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە 5-ئىيۇل ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنلىقى يۈز بەرگەندە، ئۈرۈمچىدىكى ئىقتىساد گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى،ژۇرنالىست غەيرەت نىياز، شياڭگاڭدىكى ئاسىيا ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى بىلەن 5-ئىيۇل ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سۆھبەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرىدى.

جوسەپھ ماقالىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مۇنداق بايان قىلىدۇ:
‏-خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىغا، ئەدىبلىرىگە تۇتقان سىياسىتى ۋە مۇئامىلىسى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئەدىب،يازغۇچىلىرىغا تۇتقان سىياسىتى ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىدۇ. خىتاي دۆلىتىدىكى ئىشلارنى تازا چۈشىنىپ كەتكىلى بولمايدۇ. بۇ قېتىم نوبېل ئەدەبىياتى مۇكاپاتىنىڭ مو يەنگە بېرىلىشى بەلكىم نوبېل ئەدەبىياتى مۇكاپاتى تارىخىدىكى بىر چوڭ خاتالىقمىكىن دەپ قارايمەن. مو يەننىڭ ئەسەرلىرىنى خىتاي تىلىدا ئوقۇيالىغان كىشىلەر ۋە مەندەك خىتايدا ئۇزۇن يىل تەتقىقات ۋە خىزمەتتە بولغان كىشىلەر، خىتاي ئەدەبىياتىنىڭ سىرىنى ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئوبدان بىلىدۇ. مو يەن دەۋر شارائىتىدا، داۋراڭلار ئىچىدە ۋە خىتايلارنىڭ كۆپتۈرۈپ چوقۇنۇشىدا ئۇلۇغلىنىپ قالدى. مو يەننىڭ بۇ قېتىم قانداقلارچە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ قالغانلىقى بىر سىر؟ خىتايدەك قانۇنمۇ ۋە ئەركىنلىكمۇ بولمىغان بىر دۆلەتتە، كىشىلەرنى سۆيۈندۈرەلەيدىغان ئەدەبىياتنىڭ بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ ئەگەر خىتايدا ئەدەبىيات بار دېيىلسە، بۇ دەل خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى ماۋ زېدۇڭنىڭ يەنئەندە يازغان تېكىستلىرىدىن ئىبارەت خالاس.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سابىق قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى نورىكو خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. سۆھبەت جەريانىدا نورىكو خانىم ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى:
‏-خىتاي كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى تاڭ دەۋر ئەدەبىياتى ھەقىقەتەن گۈللەنگەن ئەدەبىيات بولسىمۇ، كېيىنكى دەۋرلەردىن ھازىرقى مو يەنگىچە بولغان ئەدەبىيات دەۋرى ئاساسلىق ئوردا ئەدەبىياتچىلىقىدىن ئىبارەت. مو يەننىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى ئاسىيالىقلارنى ھەيران قالدۇردى. چۈنكى، ئاسىيالىقلار ياۋروپالىقلارغا قارىغاندا مو يەننى ۋە خىتاي ئەدەبىياتىنى كۆپرەك چۈشىنىدۇ.