چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرى مىللىي كىملىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا

ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ يېقىنقى دەۋرلەردىكى چەتئەللەرگە چىقىش تارىخى 1985 - يىلىدىكى 12 - دېكابىر ئۈرۈمچى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى بىلەن باراۋەر باشلانغان دەپ قارالغان تەقدىردە 20 يىللىق تارىخقا ئىگە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ
2010.03.29
Rabiye-xanim-3-NED-ayallar-kursida-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 7 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﻛﺎﻧﺎﺩﺍﻧﯩﯔ ﺗﻮﺭﻭﻧﺘﻮ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ ﻓﻮﻧﺪﻯ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﻮﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ 3 ‏- ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﯞﻩ ﺩﯨﻤﯘﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﻛﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Gulshen Abduqadir

ئۇنداقتا پەرزەنتلىرىگە خەلقئارادىكى ئىلغار مائارىپ سىستېمىسى ۋە ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىنساندەك ياشاش يوللىرى ئىزدەپ، خىتاي ئىجتىمائىي تۈزۈلمىسىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان تۈگىمەس توساقلار ۋە باراۋەرسىزلىكلەر بىلەن خوشلىشىپ چەتئەللەرگە چىقىشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرى بۇ 20 يىل جەريانىدا ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قانداق كۈرەش قىلدى؟

ھازىر ئامېرىكا، كانادا، تۈركىيە، نورۋېگىيە، بېلگىيە، شۋېتسىيە، شىۋىتسارىيە قاتارلىق 20 نەچچە دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرى بىر تەرەپتىن ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تىلى ۋە قانۇنىنى پىششىق ئۆگەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن،ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىش سىنىپلىرى، دىنىي كۇرۇسلار ۋە بالىلارغا قارىتىلغان تۈرلۈك شەكىللەردىكى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ كېلەچەك ئەۋلادلارغا قارىتا ۋەتەن، بايراق ۋە مىللىي كىملىك تەربىيىسىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئۆتكەن يىلى نويابىردا كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3 - قېتىملىق ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر دۇنيادا ئىنگلىزچە، فرانسۇزچە، نېمىسچە، خىتايچە، رۇسچە، تۈركچە ۋە باشقا بىر قىسىم ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ تىللىرىدا بىمالال ئالاقە قىلالايدىغان ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرى قوشۇنى ئاللىقاچان شەكىللىنىپ بولغان بولۇپ، ئۇلار بۇ خىل ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرگە ئۇيغۇر داۋاسىنى ئاڭلىتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان تىل، مەدەنىيەت، دىن ۋە مائارىپ جەھەتتىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىماقتا ئىكەن.

تولۇقسىز مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا كىرىپ ئوقۇپ دىپلوم ئالغان ۋە ياكى بىلىم ئاشۇرغان خانىم - قىزلارنىڭ سانى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر دۆلەتكە 10 ئەتراپىدا توغرا كېلىدىكەن. تۈركىيە، مالايشىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق دۆلەتلەردە بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.