مەزكۇر جەمئىيەت بۇ مەسىلىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ۋە تۇتقۇنلارنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنىدىكى ھوقۇقىنى قوللانغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن يەرلىك دائىرىلەر بولسا قانۇنغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى دىنىي تەشكىلات - جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىۋاتقان قەشقەرلىك ئۇيغۇر خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ بىرى ئالىمجان ھىمىت، يەنە بىرى ئوسمان ئىمىن بولۇپ، جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى 19 - دېكابىر كۈنى ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىگە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا شۇنداقلا تۇتقۇنلارنىڭ تەقدىرىگە قىزىقىدىغان كىشىلەرگە ئېلان قىلغان ئۇلار ھەققىدىكى چاقىرىقنامىدا خەلقئارا بېسىمنىڭ ناھايىتى مۇھىم بولۇپ قالغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پات ئارىدا " ئۇلارنى قويۇۋېتىش ياكى قويۇۋەتمەسلىك توغرىسىدا قارار چىقىرىدىغانلىقى"نى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش"، " قانۇنسىز دىنىنى ئالماشتۇرۇش" بىلەن ئەيىبلەنگەن ئوسمان ئىمىننى 2007 - يىلى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان، تۇتقۇندىكى خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ يەنە بىرى ئالىمجان ھىمىتنىڭ دېلوسى بولسا ھازىرغا قەدەر بىر تەرەپ بولماي كېلىۋاتقان ئىدى.
ئالىمجان ھىمىت ئەسلى چەتئەلدىكى مەلۇم بىر دىنىي شىركەتنىڭ خوتەندىكى بىر باغۋەنچىلىك مەيدانىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەيتتى. قەشقەر ۋىلايەتلىك دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى ئۇنى "قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت" ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەپ، 2008 - يىلى 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قولغا ئالغان. ئۇ 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە چىقىرىلغان بولسىمۇ، لېكىن سوت مەھكىمىسى دېلونى "پاكىت يېتەرسىزلىك" سەۋەبى دېلو تۇرغۇزغان ئورگانغا قايتۇرۇۋەتكەن بولۇپ، ئۇ ھازىرغا قەدەر ئۈزلۈكسىز تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىدى.
جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمنىڭ مۇھىم بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەبنى چۈشەندۈرۈپ، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۇلارنى" قويۇۋېتىش ياكى قويۇۋەتمەلىك"نى قارار قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتىنىڭ ۋاشىنگىتوندىكى باياناتچىسى كەتېرىن كەيسىن رادىئومىزغا بەرگەن مەزكۇر دېلو ھەققىدىكى باياناتىدا: "بىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ ۋەقەگە بولغان دىققىتىنى تارتىشقا تىرىشىۋاتىمىز. چۈنكى بىز دائىرىلەرنىڭ بۇ ئىككى دېلونى شۇنداقلا پوپ لو يۈەنچىنىڭ دېلوسىنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىدىن خەۋەردارمىز. بىز بۇ يەردىكىلەر ئۇلار ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىپ بېرەلەيمىز دېگەننى ئويلىشىۋاتىمىز. بىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان دىققەت نەزىرى ئىنتايىن مۇھىم، دەپ قارايمىز. چۈنكى ھۆكۈمەتلەر بۇ 3 دېلوغا بىر تۇتاش قاراۋاتىدۇ. بۇ دېلونىڭ مۇھىملىقى ئۇنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى بولغانلىقىدا. بىز خەلقئارا بېسىمنىڭ تۇتقۇندىكى بۇ خرىستىئانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدە مۇھىم رولى بارلىقىغا ئىشىنىمىز،" دەپ كۆرسەتتى.
بەزى كۆزەتكۈچىلەر، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوتنىڭ 27 - مايدىكى سوتتا ئالىمجان ھىمىت دېلوسىنى " پاكىت يېتەرسىزلىك "سەۋەبى قايتۇرۇۋېتىشىدىكى تۈپكى سەۋەبنىڭ ئولىمپىك يىغىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئەگەر دائىرىلەر ئالىمجان ھىمىتنى ئولىمپىك ھارپىسىدا دىنىي سەۋەبلەر بىلەن جازالىسا بۇنىڭ خەلقئارا تەسىرى ياخشى بولمايدىغانلىقىنى كۈزدە تۇتقان، دەپ مۇلاھىزە قىلىشقان ئىدى.
جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتىدىكى كەتېرىن كەيسىن " بۇنىڭ سەۋەبىنى بىزمۇ بىلمەيمىز. لېكىن بىز ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ سەۋەبىنى يەنى ئۇنى ئەيىبلەيدىغان يېتەرلىك پاكىت تېپىپ بېرەلمىگەنلىك مەسىلىسىنى سوراپ كېلىۋاتىمىز. سوتنىڭ ئۇنى سوتلىماسلىقىدىكى سەۋەب ج خ ئىدارىسى ئۇنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك پاكىت كۆرسىتىپ بېرەلمىگەنلىكى، لېكىن ئۇ بۇنىڭغا قارىماي دائىرىلەرنىڭ ئۇنى ئەيىبلەيدىغانغا يېتەرلىك پاكىت تېپىش ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرۇلماقتا" دەيدۇ.
خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىدا ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئادەتتىكى دېلولاردا مەلۇم بىر گۇماندارنى تۇتۇپ تۇرۇش ۋاقتى 48 سائەت بولۇپ، ساقچىلار 48 سائەت ئىچىدە گۇماندارنىڭ جىنايىتىنى ئىسپاتلىشى كېرەك. لېكىن ساقچىلار كۆپ ھاللاردا دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىغا ئاساسەن گۇماندارلارنى ئۇزۇن مۇددەت سوراقسىز تۇتۇپ تۇرالايدۇ. قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر قانۇن خادىمى رادىئومىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى بايانىدا ساقچىلارنىڭ گۇماندارلارنى يېتەرلىك ئىسپات تاپقانغا قەدەر تۇتۇپ تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": قايتۇرۇۋەتكەن بولسا قايتىدىن تولۇقلاپ تەقىپلىگەن بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن: پاكىت ئېنىق ئەمەس، دەلىل - ئىسپات يېتەرلىك بولمىغان دېسە ج خ ئورگىنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ باقىدۇ. چۈشۈپ قالغان ياكى ئېنىق بولمايۋاتقان مەسىلىلەر بولسا ئۇلار قايتا تەكشۈرۈپ باقىدۇ. )ئالىمجان ھىمىتنىڭ دېلوسى ( شۇ باسقۇچتا تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن."
خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى قوغدىلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەر ھۆكۈمەتكە تىزىملاتمىغان دىنىي گۇرۇھلار ۋە دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ پائالىيىتىنى چەكلەپ، بۇ تۈردىكى دىنىي يىغىلىشلارنى " قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت"، چەتئەللىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك دىنىي گۇرۇھلارنى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش، دېگەن گۇناھلار بىلەن جازالىماقتا. قەشقەردىكى مەلۇم بىر ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىدا جازا مۇددىتىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ئوسمان ئىمىن 2007 - يىلى 9 - ئايدا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن جازالانغان ئىدى.
جۇڭگو قانۇنىدا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنىڭ ئېغىر - يېنىكلىك دەرىجىسى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدىكى يۇقىرىقى قانۇن خادىمى، مەتبۇئاتلاردا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلىشنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغان ياكى ياتمايدىغانلىقىغا دائىر سوئالىمىزغا جاۋاب بەردى. ئۇ " بۇنىڭدا مەخپىيەتلىك 3 خىل بولىدۇ. ئالاھىدە مەخپىي، ئادەتتىكى مەخپىي ۋە مەخپىي، دېگەن. شۇنىڭ دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ، بۇ ھەقتىكى ئايرىم بەلگىلىمىلەرگە سالىدۇ. ئۇنىڭدا قانداق ئىشلار ئالاھىدە مەخپىي، قانداق ئىشلار ئادەتتىكى مەخپىي، قانداق ئىشلار مەخپىي دېگەن. بۇ 3 ئىنىڭ ئايرىم - ئايرىم دائىرىسى بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى مەخپىي دېگەنگە، ئاشكارىلىنىپ قالسا چوڭ زىيان يەتمەيدىغان، قىلمىشى ئادەتتىكى ئىشلار كىرىدۇ.... ئاخبارات يۈزىدە ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇنىڭ نېمىنى تەنقىدلىگەنلىكىگە قارايدۇ. دۆلەتنىڭ تۈزۈلمىسىنى ياكى سىياسى جەھەتتىكى گەپلەرنى تەنقىد قىلسا، بۇ جەرياندا بەزى ئىشلار، مۇھىم گەپلەر ئاشكارىلىۋېتىلسە، بۇ شۇنىڭغا كىرىپ قالىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكىدىكى جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كەتېرىن كەيسىن خىتاينىڭ خرىستىئان مۇرىتلىرىنى جازالىشى خىتاي ئاساسىي قانۇنىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ " خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا پۈتۈن خەلقلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە، دېيىلگەن شۇنداقلا 18 ياشتىن يۇقىرى بولغان ھەر قانداق كىشىنىڭ دىن ئۆگىنىشىگە يول قويۇلغان. شۇڭا ئۆزىنىڭ دىنىي قارىشىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش، ئۆگىتىش قانۇنلۇق بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە ئاساسىي قانۇندا كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان " دەيدۇ. لېكىن قەشقەر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدىكى يۇقىرىقى قانۇن خادىمى، جۇڭگودا دۆلەت بىلەن دىننىڭ ئايرىۋېتىلگەنلىكىنى، كىشىلەرنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكى بولسىمۇ، لېكىن باشقىلارغا ئۆز دىنىنى تاڭالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ھازىر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەدلىيە ئورگىنىدا سوتلىنىۋاتقان دىنىي ئەركىنلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر دېلو لو يۈەنچى دېلوسىدۇر. يېقىندا دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قورغان ناھىيىسىدە ئولتۇرىدىغان لو يۈەنچى ئىسىملىك ئائىلە چېركاۋىنىڭ بىر چوقۇندۇرغۇچىسىنى "قانۇنسىز مۇرىت توپلاش"، " بۆلگۈنچىلىك قىلىش " بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان ۋە 15 - دېكابىر كۈنى سوت ئاچقان ئىدى. جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى 19 - دېكابىردا ئېلان قىلغان چاقىرىقنامىسىدە خىتاي دائىرىلىرى لو يۈەنچىنى 2 ئۇيغۇر خرىستىئان مۇرىتى قاتارىدا قويۇپ بېرىشكە ئۈندىگەن.