«قوش تىللىق» مائارىپ نامىدا يەككە تىللاشتۇرۇلغان تەلىم - تەربىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئەمەلىي ئۈنۈم بېرەلمەيلا قالماستىن، بەلكى يەنە مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلىشالماسلىقتەك ئېغىر ئىجتىمائىي رېئاللىقنى ئاتا قىلغان. بۇنىڭ ئەكسىچە، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىل فاكۇلتېتلىرىدا ئۇيغۇر تىلى كەسپى بويىچە ئوقۇيدىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ كۆپەيگەن. ئىلگىرى ئۇيغۇر تىلى كەسپى بويىچە ئوقۇيدىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلاردىن يىلىغا ئاران بىر سىنىپ قوبۇل قىلىنغان بولسا، نۆۋەتتە بۇ سان جىددىي رەۋىشتە كۆپىيىپ بىرقانچە ئونغا يەتكەن. ئۇيغۇر تىلى بويىچە ئوقۇيدىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلى كەچۈرۈم قىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىۋاسىتە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى مەلۇم.
ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش تېپىشتىكى قىيىن ئەھۋالىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمىغان ھالدا، ئۇيغۇر تىلى بويىچە ئوقۇغان خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى، ساقچى ئىدارىلىرى، ئارمىيە سېپى،، تاموژنا، ئەدلىيە - سوت ئورۇنلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئورگانلىرى شۇنىڭدەك يېزا - كەنتلەرنىڭ پارتىيە سېكرىتارلىقى قاتارلىق خىزمەتلەرگە جەلپ قىلىنغان.
تەكىتلەشكە تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا شۇكى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغان خىتاي خىزمەتچى خادىملار ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشنى ئۆزلىرىنىڭ رەھبىرىي ئورۇنلارغا ئۆسۈشتىكى دەسمايىسى سۈپىتىدە قارايدىغان بولغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا مائارىپ تەربىيىسى كۆرۈش ھوقۇقىنى چەكلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ئەتىۋارلاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەر ساھە جامائەتچىلىكىنى ئويغا سالغان.
ئۇندىن باشقا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ دۇكان ۋە يايمىلاردا دىنىي مەزمۇندىكى كىتاب - ماتېرىياللار بىلەن ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر قوليازما ۋە باشقا ماتېرىياللارنى سېتىشى قاتتىق چەكلەنگەن. بۇ يوچۇقتىن پايدىلانغان بىر قىسىم خىتاي تىجارەتچىلىرى ئۇيغۇرچە دىنىي كىتاب ۋە ئوقۇشلۇقلار، ھەر خىل شەكىلدە بېسىلغان قۇرئان ۋە ھەدىسلەر، دىنىي تۈستىكى كىيىم - كېچەكلەر، جەيناماز ۋە ئايەت - سۈرىلەر يېزىلغان بېزەك بۇيۇملىرى ھەمدە ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر چەكلەنگەن كىتابلارنى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن سېتىپ پايدا كۆرۈۋاتقانلىقى مەلۇم.
بىز بۇ ھەقتە ئېنىق ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپتە ئۇزاق يىل خىزمەت قىلغان ھازىر ياۋروپادا ياشاۋاتقان پەزىلەت خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
0:00 / 0:00