خىتاي: "ئىككى گۇرۇھ تېررورچىلار تۇتۇلدى -- بىز تەھدىت ئاستىدا"

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋۇ خېپىڭ بۈگۈن يەنى 10 ‏- ئاپرىل كۈنى بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ ئولىمپىكقا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان ئىككى تېررورچى گۇرۇپپىنى پاش قىلغانلىقىنى، ھاجى مۇھەممەد ۋە ئابدۇراخمان تۇرسۇن باشچىلىقىدىكى بۇ ئىككى گۇرۇپپىدىن جەمئىي 45 كىشىنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

بىر گۇرۇپپىنىڭ يېتەكچىسى ھاجى مۇھەممەد

xjt-17-qurultay-200
ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺧﯘ ﺟﯩﻨﺘﺎﯞ. AFP Photo

ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ئۆتكەن ھەپتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى، مۇقىملىق جەھەتتە تارىختىكى ئەڭ ياخشى باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ۋۇ خېپىڭ بۈگۈنكى باياناتىدا، خىتاينىڭ نۆۋەتتە تېررورچىلارنىڭ تەھدىتى ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلۈش بىلەن بىللە ، خىتاي خەلقىنى ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈشكە چاقىردى.

باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ھاجى مۇھەممەد باشچىلىقىدىكى گۇرۇپ، بۇ يىل 1 ‏ - ئاينىڭ 4 ‏ - كۈنىدىن 11 ‏ - كۈنىگىچە ئارىلىقتا پاش قىلىنىپ قولغا ئېلىنغان. ھاجى مۇھەممەد گۇرۇپپىسى 100 كىلودىن ئارتۇق 9 خىل پارتلاتقۇچ دورا، ئېلېكترونلۇق تارازا قاتارلىق 13 خىل پارتلاتقۇچ دورا ياسىغۇچى ئەسۋاپ ، 3 مىنىبۇس ، 3 نۇر دىسكىلىق قىرىش ماشىنىسى ۋە 16 مىڭ يۈەن نەق پۇل بىلەن قولغا چۈشكەن. ھاجى مۇھەممەد گۇرۇپپىسىدىن ھازىرغىچە 10 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ، يەنە ئايرىم كىشىلەرنىڭ تېخىچە ئىزدىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، بۇ گۇرۇپپىنىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەردىكى مېھمانخانا، ھۆكۈمەت بىناسى ۋە ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ھۇجۇم قوراللىرى ئارىسىدا پارتلاتقۇچ دورىدىن باشقا زەھەرلىك گۆش ۋە زەھەرلىك گازنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ھاجى مۇھەممەد گۇرۇپپىسى چەتئەلدىكى شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ تەلىماتىغا ئاساسەن ھەرىكەت ئېلىپ بارغان، چېگرا ئىچىدە 13 يەردە پارتلاتقۇچ دورىلىرىنى سىناق قىلغان. باياناتتا يەنە ھاجى مۇھەممەد گۇرۇپپىسىنىڭ ھۇجۇم نىشانى ۋە ھۇجۇم ۋاقتىنى بېكىتىپ بولغانلىقى، 4 ‏ - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تەييارلىقنى پۈتتۈرۈپ 5 ‏ - ئايدا ھەرىكەتكە ئۆتمەكچى بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يەنە بىر گۇرۇپپىنىڭ يېتەكچىسى ئابدۇراخمان تۇرسۇن

ۋۇ خېپىڭ باياناتىدا، ئولىمپىكقا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان ئابدۇراخمان تۇرسۇن گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ يىل 3 ‏ - ئاينىڭ 26 ‏ - كۈنىدىن 4 ‏ - ئاينىڭ 6 ‏ - كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۈرۈمچىدە پاش قىلىنغانلىقىنى، بۇ گۇرۇپپىنىڭ قۇربان مۇتەللىپ قاتارلىق 35 ئەزاسىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بۇ گۇرۇپپىنىڭ 9 كىلو 510 گىرام پارتلاتقۇچ دورا ، 8 كاپسۇل ۋە بىر يۈرۈش تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئابدۇراخمان تۇرسۇن گۇرۇپپىسى، ئولىمپىك مەزگىلىدە چەتئەللىك مۇخبىرلارنى، ساياھەتچىلەرنى ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنى گۆرۈگە ئېلىپ، خەلقئارا تەسىر پەيدا قىلىشنى پىلانلىغان. ئابدۇراخمان تۇرسۇن گۇرۇپپىسى بۇ يىل 3‏ - ئاينىڭ بېشىدا غۇلجا، قەشقەر، ئاتۇش ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا ئەزا قوبۇل قىلىش، قورال - ياراق ياساش ئۈچۈن تېخنىكىلىق تەربىيىلەش قاتارلىق پائالىيەتلەردە بولغان.

باياناتتا يەنە ، بۇ ئىككى گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىق ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە ھازىرلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋۇ خېپىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مەزكۇر ئىككى گۇرۇپپىدىن قولغا چۈشۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بىر قىسىم پارتلاتقۇچ دورا ۋە قورال - ياراق ياساشتا قوللىنىلىدىغان ئەسۋاپ - ماتېرىياللارنى كۆرگەزمە قىلغان.

" ھۆرىيەت گېزىتى" : دىن: زۇلۇم چەكتىن ئاشسا، قارشىلىقمۇ چەكتىن ئاشىدۇ

خىتاينىڭ بۇ باياناتى بۈگۈن، روېيتېرس ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ياخو خەۋەرلىرى قاتارلىق داڭلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا خەۋەر قىلىندى. خەۋەرلەردە خىتاينىڭ باياناتىدا دېيىلگەنلەردىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ يىللاردىن بېرى خىتاي تەرىپىدىن باستۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى. خەۋەرلەردە يەنە ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى تېررورچى دەپ ئەيىبلىشىگە گۇمان بىلەن قاراپ كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتاي ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى تېررورچىلىق بىلەن ئەيىبلەۋاتقان بۇ كۈنلەردە ، تۈركىيىدىكى ھۆرىيەت گېزىتىدە " ئەڭ يىراقتىكى تۈركلەر " ناملىق خەۋەر ئېلان قىلىندى. خەۋەردە ئۇيغۇر رايونىدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن 35 پارچە رەسىم قويۇلغان بولۇپ، رەسىملەر تۈرك كىتابخانلار ئارىسىدا كۈچلۈك غۇل - غۇلا پەيدا قىلدى. رەسىملەرگە 183 نەپەر كىتابخان ئىنكاس قايتۇرغان بولۇپ، ئىنكاسلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى نامراتلىق ۋە زۇلۇم ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈلدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورچىلىق بىلەن ئەيىبلىشىنىڭ چوڭ ھەقسىزلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان بىر ئىنكاسچى ، بۇ قەدەر زۇلۇمغا ئۇچرىغان بىر مىللەتتە، ھەر قانداق شەكىلدىكى قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ يۈز بېرىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس دەپ يازدى. يەنە بىر ئىنكاسچى غەرب دۇنياسىنى ئۇيغۇرلارغا ساھىپ چىقىشقا چاقىردى.

دىلشات رىشىت، ب د ت نى شەرقى تۈركىستانغا تەرەپسىز تەكشۈرگۈچىلەرنى ئەۋەتىشكە چاقىردى

خىتاينىڭ بۈگۈنكى باياناتىدا بىلدۈرۈلگەن ئابدۇراخمان تۇرسۇن گۇرۇپپىسىنىڭ قولغا ئېلىنىش ۋاقتى، بۇ يىل 3 ‏ - ئاينىڭ 28 ‏ - كۈنى غۇلجا شەھىرىنىڭ يېڭىيەر يېزىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆي ئاختۇرۇش ۋاقتى بىلەن ئوخشاش ۋاقىتقا توغرا كەلمەكتە. بۈگۈن ئىستانسىمىزنىڭ خىتايچە بۆلۈمى يېڭىيەر يېزىسىكى ۋەقە ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىگىنىدە ، يېزىدىكى بىر خىتاي پۇقراسى خىتاي ساقچىلىرى تېررورچى دەپ ئەيىبلىگەن كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە نامراتلىققا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

روېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ شەرقى تۈركىستانغا ب د ت بىتەرەپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىش ھەققىدىكى چاقىرىقى بايان قىلىندى.