خۇ جىنتاۋ زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن ئىلگىرى، "شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى تىزدىن تەرەققى قىلدۇرۇش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى بېيىتىش ئارقىلىق، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش" شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ۋاڭ لېچۇەن گۇرۇھى بۈگۈن بۇ شۇئارنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەھەر - ناھىيىلىرىدىن يېزا - قىشلاقلىرىغىچە تەشۋىق قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەممىلا يېرىدە ئوخشىمىغان ئۇسۇل ۋە كۆلەمدە داۋام قىلىشىنى چەكلەپ قالالمىغان.
بۈگۈن ۋەتەندىن بىۋاستە ئالغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدە كومپارتىيىگە سادىق بولۇش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش تەشۋىقاتى كەڭ قانات يايدۇرۇلغان. خىتاي مەركىزى كومىتېتى 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى شىنخۇا تورى ئارقىلىق ئىزاھلىغان "پارتىيىنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا، ھەر مىللەت خەلقى بەختكە ئېرىشتى" سەرلەۋھىلىك ئومۇمى باياننامىسى ئۆگىنىش تېمىسى قىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزەلدىن ئاز سانلىق مىللەتلەر رايۇنىغا زور غەمخورلۇق قىلىپ كەلگەنلىكى ۋە بۇندىن كېيىن يەنىمۇ غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقى تەشۋىق قىلىنغان. ئۇيغۇرلاردىكى نامراتلىق، ئىشسىزلىققا خاتىمە بېرىلىدىغانلىقى ھەدەپ تەكىتلەنگەن.
بۇ خىل تەشۋىقات 5 - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقى پەيدا قىلغان جاراھەتكە مەلھەم بولالامدۇ؟ ئۇيغۇر - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە خاتىمە بېرەلەمدۇ؟ ئۇيغۇرلار بېيىسا، خىتاي بىلەن بىر ئائىلە بولۇپ ئىناق ياشاپ كېتەلەمدۇ؟
5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يوشۇرۇن زىددىيەتنىڭ پارتلاپ چىققانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "مىللەتلەر ئىتتىپاق" دېگەن چۈمپەردىسىنىڭ يىرتىپ تاشلانغانلىقىنى، ئىقتىسادى پاراۋانلىقنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى خىتايغا بولغان تارىخى ئۆچمەنلىكنى يۇيىۋېتەلمەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇش ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى، بۇ تېما ھەققىدە ئۆز چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.