قازاقىستانغا چىققان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى خىتاي زۇلمى ئۈستىدە توختالدى

يېقىندا ئۇيغۇر ئىلىدىن قازاقىستانغا چىققان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ بىخەتەرلىكى باھانىسى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ھەر تۈركلۈك چەكلەش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلدى.

0:00 / 0:00

بۇ ئۇيغۇر كىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ 40 ياشتىن تۆۋەن ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىش رەسمىيىتىنىڭ ئىنتايىن قىيىنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ھەتتا مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، قازاقىستاندىكى ئىختىيار مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتىنى ئاڭلايسىلەر.