ئۇيغۇر يېمەكلىك بازارلىرىدىكى ھالال يېمەكلىكلەرنىڭ سىرى

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ بازار تاپقان بىر قىسىم ئاتالمىش «ھالال» ئىچىملىكلەرنىڭ ئەسلى ئېيتىلغاندەك مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىنغان ئەمەس، بەلكى يەرلىك خىتاي شىركەتلىرى «ھالال» بەلگىسىنى ئۆزى چاپلاپ بازارغا سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

0:00 / 0:00

بۇ ھەقتە توختالغان كۆزەتكۈچىلەر، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەقىدىسىگە قىلىنغان زور ھاقارەت ئىكەنلىكىنى، ئېچىنىشلىق يېرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھوقۇقلىرىنى قانۇنىي يول بىلەن قوغداش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر بازارلىرىدىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن كىرگۈزۈلگەن يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپلۈكى كىشىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرسىمۇ، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەقىقەتەن مۇسۇلمان دۆلەتلەردە ياسالغان-ياسالمىغانلىقى گۇمان پەيدا قىلماقتا.

مالايشىيا ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەردە ياسالغان روھلاندۇرۇش ئىچىملىكلىرى ۋە ھەر خىل تاتلىق يېمەكلىكلەر ئۇيغۇرلارنى جەلپ قىلغان بولۇپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار «مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن كىرگۈزۈلگەن» دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈنلا، بۇ يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىشقا باشلىغان. ھەتتا ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ قانداق تەسىرى بولۇشى بىلەنمۇ ھېسابلاشماي ئىستېمال قىلىشقا باشلىغان.

بىز ئۇيغۇر ياشلىرىدىن بىرقانچەيلەنگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا تۆۋەندىكىدەك ئىنكاس لارغا ئېرىشتۇق:
ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن يېمەكلىكنىڭ ھالال بولۇشىغا ئەڭ قاتتىق ئەتىۋار بېرىدىغان مىللەت بولغانلىقتىن، خىتايدا ياسالغان تەييار يېمەكلىكلەرنى ئاساسى جەھەتتىن ئىستېمال قىلمايتتى ۋە پەقەت يېمەك ئىچمەك جەھەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر يېمەكلىكلىرى ۋە ئۇيغۇر يېمەكلىك شىركەتلىرى ياسىغان يېمەكلىكلەرگە تايىنىپ كەلگەن ئىدى.

«5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاي ماللىرىغا بايقۇت قىلىش ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر قەدەر كەڭ ئەۋج ئالغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار تۈركىيە قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن كىرگەن ماللارنى قىممەت بولۇشىغا قارىماي سېتىۋېلىشقا باشلىغان. بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن ئۇيغۇر سودىگەرلەر مالايشىيا قاتارلىق تېخىمۇ كوپ مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن مال كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر سودىگەرلەرنىڭ خەلقئارا بازارلاردىن مال كىرگۈزۈشى خىتاي شىركەتلىرىگە ئوخشاش ئاسانغا توختىمايدىغانلىقى سەۋەبلىك، بەزى ئۇيغۇر سودىگەرلەر خىتاي ئۆلكىلەردىكى خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلار ئارقىلىق ھەر خىل يېمەكلىكلەرنى كىرگۈزمەكچى بولغان.

نەتىجىدە، خىتاي شىركەتلىرى ئۇلار كىرگۈزمەكچى بولغان مالنى ئۆزلىرى خالىغانچە ياساپ ئۇلارغا ئەرزان باھادا ساتقان. بىز مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ «ھالال» تامغىسى بېسىلغان ئىچىملىكلەرنى سېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يېمەكلىكلەرنى قانداق ئېلىپ كىرگەنلىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن «ۋەھشىي بۇغا» ئىسىملىك ئىچىملىكنى كىرگۈزۈۋاتقان بىر ئۇيغۇر سودىگەر بىلەن ئالاقىلەشتۇق.

ئۇ، بۇ خىل ئىچىملىكنى خىتاي شىركىتى ئارقىلىق كىرگۈزىدىغانلىقىنى، ئۇ شىركەتنىڭ ئۆزى سېتىۋاتقان بۇ ئىچىملىكنى مالايشىيادىن كىرگۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ ماللىرىنىڭ خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن خىتايدا ياسىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ماركىسى چاپلانغان يېمەكلىكلەرنى خىتاينىڭ كۆچۈرۈپ ياساش مۇمكىنچىلىكىنى ئىنكار قىلمىدى ۋە بۇنىڭ ئەرزان توختايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمما، بىز بۇ سودىگەر ئىچىملىك كىرگۈزگەن شىركەت بىلەن ئالاقىلەشكىنىمىزدە، ئالاقىلەشكۈچى ليۇ ئىسىملىك ئايال، ئۆزلىرىنىڭ «تيەنكەي رەن» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ خىتاي شىركىتىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر رايونىغا «ھالال يېمەكلىك» سېتىپ يىللاردىن بېرى نۇرغۇن پايدا ئېقىۋاتقانلىقىنى، بۇ ھالال يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپچىلىكىنى ئۆزلىرى ياساپ «ھالال» تامغىسى چاپلاپ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

راست بىلەن يالغان ئارىلىشىپ كەتكەن خىتاي جەمئىيىتىدە، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياساپ بېرىۋاتقان ھالال يېمەكلىكلەرنىڭ قانچىلىك «ھالال» ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس. چۈنكى بۇ يېمەكلىكلەرگە خىتاي شىركەتلىرى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ «ھالال» تامغىلىرىنى ئۆزلىرى چاپلاپ قويغان.

بۇ ئەھۋال خەلقئارادىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، كانادا تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى، خىتاينى تەتقىق قىلغۇچى مۇتەخەسسىس چارلېز بۇرتون خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھالال يېمەكلىكلىرىگە تۇتۇلغان پوزىتسىيىنىڭ ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ بىر تەرەپتىن خىتايدا چىرىكلىك ۋە پارىخورلۇقنىڭ ئېغىرلىقىدىن بولۇۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىغا ھۆرمەت قىلىدىغان ئەخلاقنىڭ بولمىغانلىقى، يەنى دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىنى قوغدىماي، ئەكسىچە ھاقارەت قىلىپ كەلگەنلىكىدىن. بۇ ھەرگىزمۇ ئاددىي مەسىلە ئەمەس.»

ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە قىلىنىۋاتقان بۇ خىل زىيانكەشلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغۇدەك ھەق-ھوقۇقى يوقلۇقى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«خىتايدا سۆزلەش ئەركىنلىكى ۋە بۇ خىل ئېغىر دەرىجىدىكى بىر مىللەتنىڭ دىنى بىلەن ئوينىشىدىغان قانۇنسىزلىققا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىنى قوغدايدىغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار بولمىغانلىقتىن بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ناھايىتى تەس. مەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن بەكمۇ ئازابلىنىۋاتىمەن، بۇ ئىنتايىن ئېغىر مەسىلە، بۇنى دۇنيا ۋە باشقا مۇسۇلمان ئەللەر بىلىشى كېرەك.»