ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ‏4 - نۆۋەتلىك خەلقئارا يېتىم بالىلار ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر ئۆسمۇرلىرى

2009 ‏- يىلى 10 ‏- ئاينىڭ 17 ‏- كۈنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ‏4- نۆۋەتلىك خەلقئارا يېتىم بالىلار ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئىستانبۇلدىكى خالىچ قۇرۇلتاي زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

پائالىيەتكە تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلات رەھبەرلىرى، ھۆكۈمەت مەمۇرلىرى ۋە ئەدەبىياتچىلار شۇنداقلا كۆپ ساندا مۇخبىرلار قاتناشقان بولۇپ، 4800 كىشىلىك چوڭ زالغا پاتمىغان 2 مىڭدىن ئارتۇق پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى پروگراممىنى زالنىڭ سىرتىغا قويۇلغان چوڭ ھەجىملىك ئېكراندىن كۆردى.

بۇ پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ھەمدە 4 نەپەر ئۇيغۇر قىزنى پائالىيەت كۆرسىتىشكە تەرتىپلىدى. نۇرغۇن رادىئو ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرى پائالىيەتنى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقاتتى.

پروگرامما ئېفىئوپىيىلىك 10 ياشلىق يېتىم بالىنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلىشى بىلەن باشلاندى. كېيىن كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى رەئىسى بۇلەنت يىلدىرىم ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.

بۇلەنت يىلدىرىم سۆزىدە مۇنداق دېدى: "دۇنيادا 143 مىليون يېتىم بالا بار، 60 مىليون كىچىك بالا ھەر كۈنى ئاچ ھالدا ياتىدۇ، ئىسراپخورلۇق بىلەن يېيىلگەن تاماقلاردا ئۇ يېتىملەرنىڭ ھەقلىرى بار، ھەر يىلى دۇنيادا ئىككى يېرىم مىليون كىچىك بالا قاچۇرۇلۇپ سېتىلىدۇ ۋە بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قىز بالىلاردۇر. شەرقىي تۈركسىتاندىكى 100 مىڭ قىز بالا ھازىر قەيەردە؟ بۇنىڭغا ھەممىمىزنىڭ جاۋابكارلىق مەسئۇلىيتى بار."

Istanbul-yetim-balilar-yighini-1-305.jpg
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2009 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 10 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 17 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﯞﻩ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﯞﻩﺧﭙﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ‏4- ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻳﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭ. (RFA Photo / Arslan)

بۇلەنت يىلدىرىم سۆزىدە يەنە، بۇ پائالىيەت پروگراممىنىڭ 120 تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە 40 رادىئو ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقىتىلىۋاتقانلىقىنى، پائالىيەت پروگراممىلىرىنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا ئەرەبچە، ئىنگىلىزچە ۋە تۈركچە تىللاردا تارقىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇرۇش، ئىشغالىيەت، تەبىئىي ئاپەت ۋە نامراتلىق سەۋەبىدىن ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ھېچكىمى يوق يېتىم بالىلارغا ئىگە چىقىش ئۈچۈن بىر شۆبە ئاچقانلىقىنى ۋە ياردەم قىلىش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق تۈركىيىدىكى 15 مىڭ ئائىلىنىڭ دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلىرىدىكى 15 مىڭ يېتىم بالىغا ئىگە چىقىپ ھەر ئايدا 70 تۈرك لىرا ياردەم پۇلى ئەۋەتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇلەنت يىلدىرىم سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن يېتىم بالىلار سەھنىگە چىقىپ 12 دۆلەتنىڭ بايرىقى قويۇلغان بىر گۇل دەستە سوۋغا قىلدى. بۇ بايراقلار ئارىسىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقمۇ ئورۇن ئالغان. كېيىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن يېتىم بالىلار سەھنىگە چىقىپ پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىغا سالام بەردى، ئۇ بالىلار ئارىسىدا ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر قىزى ئۆزلىرىنىڭ ئەتلەس كۆينەك، مىللىي كىيىملىرىنى كىيىشكەن بولۇپ، قوللىرىدا تەشەككۈرلەر دېگەن خەتلەر يېزىلغان تاختا كۆتۈرۈۋالغان ئىدى. پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى تۈركىيە، پەلەستىن ۋە شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرىنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق زالنىڭ ھەر يېرىدە لەپىلدىدى.

پروگراممىدا ھەر قايسى دۆلەتتىن كەلگەن يېتىم بالىلار ناخشا ۋە شېئىرلار ئوقۇدى، پروگراممىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان سەنئەتچىلەرمۇ ناخشا ئوقۇدى.

گېرمانىيىدىن كەلگەن 'ئاممار 114 'ناملىق مۇزىكا گۇرۇپپسى، ئامېرىكىلىق ئاممېر تايسۇن، تۈركىيىدىن ئۆمەر قارائوغلۇ مۇڭلۇق ناخشا ئوقۇپ يېتىم بالىلارغا ئىلھام بەردى.

پائالىيەت تۈركىيە ۋاقتى 19:30 باشلىنىپ 23:30 دا ئاخىرلاشتى.

بۇ پائالىيەت جەريانىدا زالنىڭ ئالدىدا ھەر خىل مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي تائام كۆرگەزمىسى ئېچىلغان بولۇپ، ھەر كىم ساتقان تاماقنىڭ پۇللىرىنى يېتىم بالىلار ئۈچۈن تەقدىم قىلدى. بۇ قاتاردا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمۇ بىر چوڭ قازاندا 200 كىشىلىك پولۇ ۋە مانتا تەييارلاپ ئۇ كۆرگەزمىگە قويدى ۋە سېتىلغان پۇلىنى يېتىم بالىلار ئۈچۈن پروگراممىنى ئۇيۇشتۇرغان ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىگە تەقدىم قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەشۋىقات بۆلۈمى پروگرامما ئەسناسىدا، ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى ئەكس ئەتتۇرگەن 3000 پارچىدىن ئارتۇق رەسىملىك تەشۋىقات ۋارىقى تارقاتتى.

پائالىيەت ئاخىرىدا پەزىلەت ئىسىملىك ئۇيغۇر قىزى قاتارلىق 4 نەپەر ئۆسمۈر سەھنىدە پۈتكۈل دۇنيادىكى يېتىم بالىلار ئۈچۈن ھەم ئەرەبچە، ھەم تۈركچە دۇئا قىلدى. پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ ئامىن دېدى.

پائالىيەت ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە تۈركىيىلىك سەنئەتچى ئۆمەر قارائوغلۇنىڭ 60 نەپەر يېتىم بالا بىلەن بىرگە، سەھنىگە چىقىپ ناخشا ئوقۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى. بۇ قاتاردا 3 نەپەر ئۇيغۇر قىزىمۇ ئۆزىنىڭ مىللىي كىيىملىرى بىلەن سەھنىدە ئالاھىدە كۆزگە چېقىلىپ تۇردى.

بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.