قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى قىرغىنچىلىقى ئالمۇتىدىن غالجاتقىچە بولغان چىلەك، كىيىكۋاي، ئىنچىكە بۇلاق، قۇرام، لاۋار، مالىۋاي، قاراتۇرۇق، بايسىيىت، قارا يوتا، غەيرەت، ئاۋات، دولاتا، تۈگمەن دېگەندەك ئۇيغۇر يېزا - قىشلاقلىرىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، كوممۇنىست قىزىل ئارمىيە ئەسكەرلىرى 14 ياشتىن يۇقىرى بولغان ئەرلەرنى بىر يەرگە توپلاپ، كوللېكتىپ ھالدا پلىموتتا ئوققا تۇتقان.
قىزىل ئارمىيىنىڭ بۇ قىرغىنچىلىقىغا سەۋەب بولغان ئامىل 1917 - يىلى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى چىققان كازاك رۇسلىرى بىلەن بىرلىشىپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئالمۇتا قورغىنىنى مۇداپىئە قىلىپ، قىزىل ئارمىيە بىلەن ئۇرۇش قىلغان ئىدى. ئەنە شۇنىڭ نەتىجىسىدە قىزىل ئارمىيە ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلدى.
قازاقىستاندا ياشاۋاتقان كۆرۈنەرلىك ئۇيغۇر ئالىمى، دوكتور رابىك ئىسمايىلوف ئەپەندى "ئاتۇ ۋەقەسى"نىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېغىر پاجىئە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
بىراق، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر قىرغىنچىلىقىنى 70 يىلغا يېقىن ۋاقىت خەلقتىن يوشۇرغان ھەمدە بۇرمىلاپ چۈشەندۈرگەن بولۇپ، يېڭى ئەۋلاد قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار مەزكۇر ۋەقەدىن خەۋەرسىز قالغان ئىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى يېمىرىلگەندىن كېيىن، مەزكۇر دۆلەتنىڭ نۇرغۇن يالغانچىلىقلىرى پاش بولدى شۇنىڭدەك "ئاتۇ ۋەقەسى"نىڭ ئەسلى ماھىيىتىمۇ ئاشكارا ھالدا مەتبۇئاتلارغا چىقتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.