2011-يىلىدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك يۈز بەرگەن مۇھىم ۋەقەلەر (1)

ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە دۇنيادا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار نۇرغۇن مۇھىم پائالىيەتلەر ۋە ۋەقەلەر بولۇپ ئۆتتى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.01.02
aliy-kengesh5-305.jpg 1011-يىلى 2-مايدىن 8-مايغىچە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر كېڭىشىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش.
RFA

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىگە قارشى چوڭ-كىچىك نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى توختىماي يۈز بېرىپ تۇردى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ۋەتەن چەتئەللەردە ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنى قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشچىلىقىدىكى تەشكىلاتلار ھەممىسى دۇنيا مىقياسىدىكى پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك يوسۇندا ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ تونۇلۇشىدا بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىز تۆۋەندە بىز بۇ مۇھىم ۋەقەلەرنى ۋاقىت تەرتىپىگە ئاساسەن بىر ئەسلەپ ئۆتەيلى.

2011-يىلىنىڭ بېشىدا يەنى1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە رابىيە قادىر خانىم ياۋروپادىكى گوللاندىيە، نورۋېگىيە، فرانسىيە، بېلگىيە، شۋېتسىيە، فىنلاندىيە، گېرمانىيە قاتارلىق 8 دۆلەتتە زىيارەتتە بولۇپ، بۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر داۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھەرقايسى تەشكىلات-ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشتى. رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەت شۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيىدىكى زىيارىتى جەريانىدا بۇ دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى ياۋروپا زىيارىتى جەريانىدا بېلگىيىدە «غايىب بولۇش ئالدىدا تۇرغان يىپەك يولىدىكى بوستانلىق-قەشقەر» ناملىق مۇھىم بىر يىغىنغا قاتناشتى. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي شەھىرى قەشقەر شەھەر رەستىلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان بۇ يىغىن بېلگىيە پايتەختى بريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنت بىناسىدا ئېچىلغان بولۇپ، بۇ ياۋروپا پارلامېنتىدا قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەسىلىسىنىڭ تۇنجى قېتىم رەسمىي يوسۇندا تىلغا ئېلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئارقىدىن، يەنى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى چارشەنبە كۈنى، ياۋروپا پارلامېنتى جىددىي قارارنامە ماقۇللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداشنى رەسمىي تەلەپ قىلدى. ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئەزالارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللانغان قارارنامىگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قەشقەرنى چېقىشنى توختىتىپ، ئۇنى قوغداپ قېلىشقا چاقىرىش، قەشقەرنى چېقىشنىڭ مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىقى، ياۋروپا كومىتېتىنىڭ خىتاي بىلەن بۇ مەسىلىنى سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلىشىغا ئوخشاش مۇھىم مەزمۇنلار كىرگۈزۈلدى. قەشقەر قەدىمى شەھەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش مەسىلىسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتنىڭ رەسمىي كۈن تەرتىپىگە ئېلىنغانلىقىنى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئېنىق مەيدانىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مەزكۇر قارارنامىنىڭ ماقۇللىنىشىدا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇھىم رول ئوينىدى.

3-ئاينىڭ 18-كۈنى 5-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى ئاۋسترالىيىدە غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. كۇرسقا يېتەكچىلىك قىلغان رابىيە قادىر خانىم سىدنېي، ئادىلايد، كامبىررا شەھەرلىرىدە ئېچىلغان كۇرسلارغا يېتەكچىلىك قىلدى. بۇ يەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە نۇرغۇن مۇھىم پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلدى. ئۇ ئاۋسترالىيىدىكى پائالىيىتى جەريانىدا ئاۋسترالىيىدىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، مىللىي، دىنىي كىملىكىنىڭ خەتەر ئىچىدە قالغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلدى.

3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى رادىئومىز تەرىپىدىن ئارال ۋە يېڭىئېرىق ۋەقەسى دەپ خەۋەر قىلىنغان 7 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. نۇرمەمەت ئوبۇلقاسىم، ئىمىن داۋۇت، ئەمەت توختى قاتارلىق پىدائىيلاردىن تەشكىللەنگەن بۇ كىشىلەر 2010-يىلى ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن بىر قاتار ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان ئىدى. مەزكۇر سوتتا، بۇ ۋەقەلەرنى قوزغىغان جەمئىي 12 پىدائىينىڭ نۇرمەمەت ئوبۇلقاسىم قاتارلىق 7 سىگە ئۆلۈم جازاسى، قۇربان نۇر قاتارلىق 3 كىشىگە كېچىكتۈرمە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، ئەمەت قۇربان مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ۋە ئابدۇللا ئېلى 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

4-ئاينىڭ 17-كۈنى قەشقەردە بىر ئۇيغۇر ياش 6 خىتاينى پىچاق بىلەن يارىلاندۇرغاندىن كېيىن، ساقچىلار قورشاپ كەلگەندە پىچاق بىلەن ئۆزىنى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسى مەيدانغا كەلدى. خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەگە ئالاقىدار تەپسىلاتلارنى ھەمدە بۇ ياشنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق بىر ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەنىڭ رايوندىكى كۈنسايىن ئۆتكۈرلىشىۋاتقان مىللىي زىددىيەت ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىگە نارازىلىق كەيپىياتىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ يەنە بىر مۇھىم يىغىنى بولغان «دۇنيا ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى» ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىڭگتوندا ئېچىلدى. 2-مايدىن 7-مايغىچە داۋام قىلغان ئالىي كېڭەشكە 15 دۆلەتتىن كەلگەن 150 تىن ئوشۇق ۋەكىل قاتناشتى. مەزكۇر ئالىي كېڭەش 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئېچىلغان تۇنجى چوڭ خەلقئارالىق يىغىن ئىدى. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان ئامېرىكىلىق مېھمانلار سۆز قىلدى. دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى جەيمىس مېكگوۋرن، جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى فرانك ۋولف، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئالغا سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كارل گىرىشمەن قاتارلىقلار قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. شەرقىي تۈركىستان ئالىي كېڭىشىنىڭ مۇزاكىرە يىغىنلىرى ۋىرجىنىيا شتاتىدىكى مېھمانخانىدا ئېلىپ بېرىلدى. 5 كۈن سۈرگەن مۇزاكىرىلەر داۋامىدا ۋەكىللەر 4 گۇرۇپپا بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ 7 ماددىلىق بىر قارارنامىنى ماقۇللاپ چىقتى. ئالىي كېڭەش 7-ماي كۈنىدىكى يېپىلىش مۇراسىمى بىلەن غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.

5-ئاينىڭ 31-كۈنى، خىتاي دائىرىلىرى قازاقىستاندا بىر يىلدىن ئارتۇق پاناھلىنىپ ياتقان ئەرشىدىن ئىسرائىلنى قايتۇرۇپ ئەكەتتى. 38 ياشلىق ئەرشىدىن ئىسرائىل 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرمىدە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن شۆھرەت تۇرسۇن ۋەقەسىنى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىغا ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن ئىلى دائىرىلىرىنىڭ ئىزدەش ئوبىكتىغا ئايلانغان. شۇڭا ئۇ 2009-يىلى 24-سېنتەبىر كۈنى قازاقىستانغا قېچىپ چىققان. ئۇ قازاقىستانغا قېچىپ چىققاندىن كېيىن ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسىدىن پاناھلىق تىلىگەن ۋە 2010-يىلى مارتتا ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنىپ، ئاپرېلدا شۋېتسىيىگە تەقسىم قىلىنغان بولسىمۇ، قازاقىستان دائىرىلىرى ئۇنىڭ شۋېتسىيىدە پاناھلىنىش يوللىرىنى توسۇپ، ئۇنى تۈرمىگە سولىغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئەرشىدىن ئىسرائىلنى قۇتقۇزۇشقا نۇرغۇن كۈچ چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما قازاقىستان ھۆكۈمىتى يەنىلا ئۇنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى. ئەينى ۋاقىتتا قازاقىستاننىڭ بۇ قىلمىشى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆز دۆلەتلىرىدىكى قازاقىستان ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشلىرى ئۇيۇشتۇردى. ئەركىنلىك سارىيى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى قاتارلىق ئورگانلار بايانات ئېلان قىلىپ، قازاقىستاننىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبىلىدى. ئۇلا ئۆز بايانلىرىدا، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ۋە مۇساپىرلارنى قوغداش قانۇنىغا قول قويغان قازاقىستاننىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ قوبۇل قىلغۇسىز بىر ھەرىكەتلىكىنى بىلدۈردى. ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ ئاقىۋىتى ھېلىھەم كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ مۇھىم كۆزىتىش ئوبيېكتى بولۇپ تۇرماقتا.

7-ئايدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچىدە ئارقا-ئارقىلاپ ئىككى چوڭ ۋەقە مەيدانغا كەلدى. بۇلارنىڭ بىرى، خوتەن ناۋاغ ساقچىخانىسى ۋەقەسى. 7-ئاينىڭ 18-كۈنى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ناۋاغ ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلدى.خىتاي دائىرىلىرى ئاشكارىلىغان مەلۇماتلىرىدا، ھۇجۇمدا ئىككى ساقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ھۇجۇمچىلاردىن 14 كىشىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ھۇجۇمچىلار ناۋاغ ساقچىخانىسىغا باستۇرۇپ كىرگەندىن كېيىن ئۆگزىگە چىقىپ، خىتاينىڭ بەش يۇلتۇزلۇق بايرىقىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق تاقىغان. خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنى تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ ئاتىدى، ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بۇنىڭ تېررور ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىم سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگىىنى بولغان ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىشىنى تېررورلۇق دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەينى ۋاقىتتا رادىئومىزغا ئۇچۇر بەرگەن يەرلىك خەلق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دېگەنلىرىنى راستقا چىقارغان ئىدى. خوتەن شەھىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خوتەن يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۈرلۈك دىنىي چەكلىمىلىرى، خوتەن شەھەر ئىچىدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ مەجبۇرىي چېقىلىپ، بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈرۈلۈشى، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ مازارلىرىنى يۆتكەشكە مەجبۇرلىنىپ، زەرەتگاھلىقلارنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىپ بېرىلىشى، يۈزىنى ياپقان ئاياللارنىڭ يۈزى ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن كادىرلار تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئېچىۋېىتىلىشىگە ئوخشاش بىر قاتار سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈپ، خوتەن خەلقىدە قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلغان.

ئارقىدىنلا، يەنى 7-ئاينىڭ 31-30 كۈنلىرى قەشقەردە يېڭى بازار ۋەقەسى مەيدانغا كەلدى. بۇنىڭ بىرى، قەشقەردىكى گۈزەل يېمەكلىكلەر كوچىسى يول ئېغىزىدا 7-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچ سائەت 11:45 مىنۇت ئۆتكەندە ئابلىكىم ھەسەن ۋە ئۇرايىم مەمەت قاتارلىق ئىككى ئۇيغۇر بىر يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ خىتاي شوپۇرىنى بوغۇزلاپ تاشلاپ، ئاپتوموبىل بىلەن كوچىغا بېسىپ كىرىپ، ئالتە ئادەمنى بېسىپ ئۆلتۈرگەن، ئاندىن ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ پىچاق بىلەن 28 ئادەمنى يارىلاندۇرغان. ئۇرايىم مەمەت نەق مەيداندا خىتايلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن، ئابلىكىم ھەسەن قولغا ئېلىنغان. 31-ئىيۇل كۈنى بولسا چۈشتىن كېيىن سائەت 4 يېرىم ئەتراپىدا قەشقەر شەھەر مەركىزىدە بومبا پارتلاپ، بىر ساقچىنى ئۆز ئىچگە ئالغان ئۈچ ئادەم ئۆلگەن ۋە ئۈچ ئادەم يارىلانغان. يەنە شۇ كۈنى، چۈشتىن كېيىن 5 ئەتراپىدا شەھەر مەركىزىدە بىر ئۇيغۇر ئۈچ خىتاينى بوغۇزلاپ تاشلىغان. ئۆلگۈچىنىڭ بىرى ساقچى ئەمەلدارى. ساقچىلار قاتىلنى تۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقاندا ئۇيغۇرلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن. توقۇنۇشتا جىنايەت گۇماندارى دەپ قارالغان تۆت ئۇيغۇر ساقچىلار تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئۆلتۈرۈلگەن. يەنە 4 ئۇيغۇر قولغا ئېلىنغان. 29 ياشلىق مەمەتئېلى تىلىۋالدى بىلەن 34 ياشلىق تۇرسۇن ھەسەن قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما كېيىن بۇلار خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قوناقلىقتا قورشاۋ ئاستىغا ئېلىنىپ، نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلاندى.

سېنتەبىرنىڭ 13-كۈنى خوتەن ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىلىرى خوتەن ناۋاغ ساقچىخانىسى ۋە قەشقەر يېڭى بازار ۋەقەسى ھەققىدە قولغا ئېلىنغانلار ئۈستىدە ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، پىدائىيلاردىن 4 نەپىرىنى ئۆلۈم جازاسىغا، 2 نەپىرىنى 19 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا بۇيرۇدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئىككى ۋەقەنى ئېغىر تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ باھالىدى. ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، بۇنداق بىر سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ئۇچرىغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇق دېيىشكە ھەققى يوقلۇقىنى، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنى زوراۋانلىققا مەجبۇرلىماسلىق ھەققىدە نۇرغۇن قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ھەر ئىككىلا ۋەقە خەلقئارا ئاخباراتلاردا زور ئىنكاس ياراتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.