يوپۇرغا ناھىيىسى ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاسىرىسىدە

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى ئايدىن بۇيان يوپۇرغا ناھىيىسىنى قورشىۋېلىپ، ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىۋاتىدۇ. خىتاي ساقچىلىرى ھازىر يوپۇرغا ناھىيىسىنى قورشىۋېلىپ، يوللارنى توساپ تۇرغاندا، خىتاي ئەمەلدارلىرى يېزىلارغا بېرىپ، 'سىڭىپ كىرگەن دۈشمەن كۈچلەرنى ئېنىقلاش' ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

0:00 / 0:00

يوپۇرغا ناھىيىلىك پارتكوم 4 ‏ - ئاينىڭ 28 ‏ - كۈنى تارقاتقان ئۇقتۇرۇش

يوپۇرغا ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يوپۇرغا ناھىيىلىك پارتكوم بۇ يىل 4 ‏ - ئاينىڭ 28 ‏ - كۈنى 'كەنت پارتىيە ياچېيكا سېكرىتارلىرى كەنت باشلىقلىق ۋە ئىككى كومىتېت مۇدىرىلىق ۋەزىپىنى قوشۇمچە ئۆتەيدۇ،' دەپ بەلگىلىگەن ئىدى.

يوپۇرغا ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ 5 ‏ - ئاينىڭ 6 ‏ - كۈنىدىكى ئاخباراتى

ئۇنىڭدىن كېيىن 5 ‏ - ئاينىڭ 6 ‏ - كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەر ئاخباراتىدا، يوپۇرغا ناھىيىسىدە يۈز بەرگۈسى كۈتۈلمىگەن ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ھەربىي مەشىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، ناھىيىدىكى 4 چوڭ تارماق رەھبەرلىرى، ئىدارە باشلىقلىرى، پىلىمۇتچى زاپاس قىسىم، ساقچى، ئۇنىڭدىن باشقا قوراللىق قىسىملار ۋە ئۇلارنىڭ بالا - چاقىلىرىنىڭ تەشۋىقات ئۆمىكىدىن تەركىپ تاپقان 500 كىشىلىك قوشۇن ھەممىلا جايدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ھەربىي مەشققە قاتناشقان قوشۇندىن، كېچىلەردە جىددىي سىگنال ياڭرىغان ھامان، بەلگىلىگەن جايغا 15 مىنۇت ئىچىدە يېتىپ كېلىدىغان بولۇشنى تەلەپ قىلغان. شۇنداقلا بۇ ھەربى مەشىق ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ناھىيىلىك پارتكوم سېكرىتارى جۇ شۆليەن بىلەن ھاكىم ھەسەنجان ئەخمەتنىڭ داۋاملىق تۈردە ئولىمپىكنى قوغداش پونكىتلىرىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىغانلىقى جاكارلانغان.

يوپۇرغا ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ 58 ‏ - نومۇرلۇق ھۆججىتى

ئۇنىڭدىن كېيىن، 6 ‏ - ئاينىڭ 2 ‏ - كۈنى، يوپۇرغا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت 58 ‏ - نومۇرلۇق ھۆججەت تارقىتىپ، بۇنىڭدىن كېيىن يوپۇرغا ناھىيىسىدە يۈز بەرگۈسى كۈتۈلمىگەن ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش ۋە بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى بىرتەرەپ قىلىش ھەققىدە بەلگىلىمە ئېلان قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يوپۇرغا ناھىيىسىگە قارىتىلغان مۇھاسىرىسى 'ئولىمپىكنى قوغداش' دېگەن نام بىلەن ئېلىپ بېرىلماقتا

دىلشات رىشىتنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھازىر يوپۇرغا ناھىيىسىگە قارىتىلغان مۇھاسىرىسىنى ئولىمپىكنى قوغداش دېگەن نام بىلەن ئېلىپ بارماقتا.