ئۇيغۇرلار ھەر جايدا يەر-زېمىنلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىلماقتا
2012.11.13

يەنى غۇلجا ناھىيىسىدىن قۇرۇلتاي ۋەكىلى بولۇپ كەلگەن مۇھەممەدجان ئۆمەر مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، يېزىلاردا ئەمەلدارلارنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ يەر-زېمىنلارنى ھۆددىگە بېرىشتە زور پايدا ئېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئىستانسىمىز مۇخبىرلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردا مەزكۇر مەسىلىگە دائىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىدىن، ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ يەر-زېمىنلىرىنىڭ تالان-تاراج قىلىنىشى، پەقەت يەرلىك پارىخور ئەمەلدارلارغىلا چېتىشلىق مەسىلە بولۇپلا قالماي، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېغىر بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ يەر-زېمىن دەۋاسىغا ئائىت ئاخباراتلىرىمىزنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە ئەسلىتىپ ئۆتىدۇ.
يەر زېمىن ھوقۇقى مەسىلىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت بولغان، نېگىزلىك مەسىلىنىڭ بىرى نۆۋەتتە رادىئومىزدا تارقىتىلغان بۇ ھەقتە تولۇق يىپ ئۇچىغا ئىگە، جەريان ھەم نەتىجىلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلار بىر قەدەر تەپسىلىي شۇنداقلا ئىنكاس ھەم غۇلغۇلا قوزغىغان ۋەقەلىكلەرنى ئەسلىتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ئىلىدا...
خىتاي خەۋەرلىرىدە بۇ يىل ئىيۇلدا سابىق پارتكوم سېكرېتارى جاۋ باۋخۇا ۋە ئۇنىڭ دۇ فامىلىيلىك ئاشنىسىنىڭ 2009 يىلىدىن بۇيان ئىلى تەۋەسىدە ئېلىپ بېرىلغان «ھالقىما تەرەققىيات قۇرۇلۇشى» باھانىسىدە يەر سودىسى قىلىپ، نۇرغۇن پارا ئالغانلىقى ئاشكارىلىنىپ، جاۋ باۋخۇا ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئۆلۈم جازاسىغا، دۇ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. جاۋ باۋخۇا ۋە دۇلار «ھالقىما تەرەققىيات قۇرۇلۇشى» ئېھتىياجى نامىدا غۇلجا شەھىرى ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى يېزا ۋە ناھىيىلەردىكى باغ-ۋارانلىق مەھەللىلەر ھەم دېھقانلارنىڭ مېۋىلىك باغلىرى، تاغ باغرىدىكى بىنەملەرنى دېھقانلارنىڭ قولىدىن خىتاي سودىگەرلەر ھەمدە خىتاي شىركەتلىرىگە ئەرزان باھادا مەجبۇرىي سېتىپ ئېلىپ بېرىپ، ئارىدىن ئىككىسىنىڭ ئالغان پايدىسى جەمئىي 55مىليون يۈەنگە يەتكەن.
ئۇنىڭ ئالدىدا، يەنى 2009 يىلى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئۆرۈك ماكانى دەپ نام ئالغان تۇرپانيۈزى يېزىسىنىڭ يۇقىرى تۇرپانيۈزى كەنتىدىكى 10 نەچچە ئائىلىلىكنىڭ ئۆرۈكلۈك باغلىرى بېيجىڭ چىڭخۇا شىركىتى تەرىپىدىن ساياھەت رايونى قىلىپ ئېچىش نامىدا مەجبۇرىي ئىگىلىۋېلىنغان ئىدى. ئەينى چاغدا بېغىنى سېتىپ بېرىشكە ئۇنىمىغان نۇرى ئىسىملىك بوۋاي بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەرگەن شۇنداقلا ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنى ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ بوۋاي كادىرلارنىڭ بېسىمى ھەم تەھدىتلىرى سەۋەبلىك تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك كېسىلى بىلەن جان ئۈزگەنلىكىدىن خەۋەردار قىلغان ئىدۇق.
نۇرى ئاكا ئۆلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىدا، ئۆزىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ دۆلەت قانۇنىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل يولسىزلىقىغا نىسبەتەن قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنى قوغدايدىغانلىقىنى، بۇ ھەقسىزلىقنى سورايدىغان قانۇننىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.
رادىئومىز ئىگىلىگەن باشقا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دېھقانلارنىڭ كۈچلۈك ئەرزى ۋە قارشىلىشىشى نەتىجىسىدە، بەزى جايلاردىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەسىلە يۈز بەرگەن يېزىسىغا ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ، دېھقانلار ئەرز قىلغان يېزا كادىرلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ يەنە بەزى جايلاردىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەسئۇل كادىر ۋە ئەمەلدارلارنى باشقا ئىدارىلارغا يۆتكىۋېتىش، دېھقانلارغا تولۇقلىما پۇل نامىدا كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان پۇللارنى بېرىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنغان. ھەتتا بەزى جايلار ئەرز قىلغۇچى دېھقانلارنى جازالاپ تۈرلۈك سوراق ھەم بېسىملار ئېلىپ بېرىپ تەھدىت سالغان. ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەسىلىنى بۇنداق ھەل قىلىشى دېھقانلارنىڭ نارازىلىقىنى تېخىمۇ قوزغاپ، دېھقانلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا يېزا كادىرلىرى ئۈستىدىن ئەرز قىلىشىغا سەۋەب بولغان.
ئۆتكەن ئاي ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى پروگراممىلىرىمىزدا چاپچال ناھىيىسى كان يېزىسىغا قاراشلىق 5000 مو توقايلىقنىڭ 2011-يىلىدىن باشلاپ ناھىيىلىك ئورمان ئىدارىسى ھەم يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلار تەرىپىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن خىتاي تىجارەتچىلىرى ھەم غۇلجا شەھىرىدىن كەلگەن سودىگەرلەرگە سېتىپ بېرىلىشى ۋەقەسى ھەم يېزا كادىرلىرىنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشى ھەققىدە ئەرزدار دىلمۇرات مۇسلىن ھەم باشقا دېھقانلارنىڭ نارازىلىق ئىنكاسلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق.
بىز يەنە بېيجىڭدا ئەرزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان دىلمۇرات مۇسلىن ھەم ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىمۇ خەۋەر بەرگەن ئىدۇق.
دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دىلمۇرات مۇسلىن ئۈچ ئايدىن بۇيان دېھقانلارغا ۋاكالىتەن، يېزىدىكى ۋەيران قىلىنغان توقايلىق ھەم يېزا كادىرلىرىنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشى ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ ئۈرۈمچى، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا يۈرۈپ، ھەر خىل قىيىنچىلىقلار ئىچىدە ئەرزىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، دىلمۇرات مۇسلىن بۇ قېتىمقى ئەرزى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ شەخسىي تراكتورىنى 70 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا سېتىۋەتكەن.
ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر دېھقان يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بېسىمى ھەم تەھدىتلىرىگە قارىماي، ئۇلار ئۈچۈن بېيجىڭدا ئەرزىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان دىلمۇرات مۇسلىنغا ئۆز چامىنىڭ يېتىشىچە پۇل يىغىش قىلىپ ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق ئەرزدارلارنىڭ ئۇنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى مەدەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
قەشقەردە...
مەلۇم بولۇشىچە، 2012-يىلى ئەتىياز مەزگىلىدە قەشقەر شامالباغ يېزىلىق ھۆكۈمەت، شامالباغ يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش دېگەن نام بىلەن، شامالباغ مەھەللىسىدىكى100 نەچچە ئائىلىنى ئۆي-ماكانلىرىنى يېزىلىق ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇرلىغان.
يېزىلىق ھۆكۈمەت ئۇلارغا ئەسلى بازار باھاسى 3000 سومدىن ئارتۇق يەر زېمىنىنىڭ ئورنىغا ھەر بىر كۋادرات مېتىر يەر ئۈچۈن 750 سومدىن تۆلەم بېرىلىدىغانلىقىنى شۇ رايوندىكى بىنا ئۆيلەردىن تۇرالغۇ ئۆي بېرىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ توختام ئىمزالاشقا مەجبۇرلىغان. يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ قورقۇتۇشى ۋە بېسىمى بىلەن بۇ يىل 5-ئاي مەزگىلىدە بىر قىسىم ئۆي ئىگىلىرى توختامغا قول قويغان بولسىمۇ ئۇلارغا توختامدا بېرىلىش ۋەدە قىلىنغان پۇلنىڭ بىر قىسمى تۇتۇپ قېلىنغان. دائىرىلەر ئۇلارنى شامالباغ بازىرىدىن يىراق بولغان چەت ياقا جايدىكى تۆۋەن كاپالەتلىك شەھەر ئاھالىلىرى ئۈچۈن سېلىنغان ئەرزان باھالىق ئۆيلەرگە كۆچۈشكە مەجبۇرلىغان.بۇ ئۆيلەرگە كۆچۈشنى رەت قىلىپ، قەشقەر، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا ئەرز قىلغان ئۇيغۇرلار بولسا تۈرلۈك تەھدىت، بېسىم، قورقۇتۇشلارغا ئۇچرىماقتا ئىكەن.
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەر ئىلگىرى كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە جايلىرىدا يۈز بېرىپ كەلمەكتە. بۇ ۋەقەلىكلەرنىڭ بەزى بىر قىسمى پارىخور كادىرلارنىڭ ھەددىدىن ئاشقان قانۇنسىز قىلمىشلىرىنىڭ پاش بۆلىشى بىلەن سۇ يۈزىگە چىقسا يەنە بەزىلىرى بېيجىڭغىچە بارغان ئەرزدارلارنىڭ شىكايەتلىرى نەتىجىسىدە ئاشكارىلانماقتا شۇنداقلا دائىرىلەرنىڭ چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈشىگە سەۋەب بولماقتا.
توقسۇندا...
بۇ يىل-2 ئاينىڭ-9 كۈنى توقسۇن ناھىيىسىنىڭ غولبويى يېزىسىدىكى 410 مىڭ مو يايلىقى ۋە 68 قورو-قوتىنى خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان 84 ئائىلە چارۋىچىدىن 40 نەچچە كىشى، ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ ئالدىغا توپلىنىپ جىم ئولتۇرۇۋېلىش ئارقىلىق نارازىلىقنى بىلدۈرگەن.
بۇ 40 نەچچە نەپەر توقسۇنلۇق ئۇيغۇر چارۋىچىنىڭ رادىئومىز مۇخبىرىغا بەرگەن مەلۇماتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلارنىڭ يايلاقلىرىنىڭ تارتىۋېلىنىشىغا كۆز يۇمۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە 88-نومۇرلۇق مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇر چارۋىچىلارنى يايلاقلىرىنى شەرتسىز بىكارلاشقا بۇيرۇغان. بۇ نارازىلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقانلار 5-كۈنىگە كەلگەندە توقسۇندىن كەلگەن دائىرىلەر تەرىپىدىن قايتۇرۇپ كېتىلگەن ئىدى.
توقسۇنلۇق چارۋىچىلار ئۆزلىرىگە ھېسداشلىق بىلدۈرگەن بىر قىسىم دائىرىلەرنىڭ تەۋسىيىسى بويىچە، ئۆتكەن يىلى سايلام ئۆتكۈزۈپ، 4 كىشىنى ئۆزلىرىنىڭ ۋەكىلى قىلىپ بېكىتكەن. چارۋىچىلار ئۈرۈمچىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن دائىرىلەر ئالدى بىلەن بۇ تۆت ۋەكىلنى سوراق قىلىپ، ئۇلارغا تەھدىت سالغان. بۇ تۆت ۋەكىلنىڭ سالاھىيەت كىنىشكا ۋە قول تېلېفونلىرىنى تارتىۋالغان. بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مۇخبىر بىلەن ئالاقىلىشىشى ۋە سەپەرگە چىقىشىغا چەكلىمە قويغان.
خوتەندە...
قاراقاش ناھىيىسىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇلتۇر 11-ئايدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىۋاتقان شەھەر كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى خىتاي ھۆكۈمىتى «خوتەن قاراقاش خەلقىنىڭ ئوقۇش، تۇرمۇش، داۋالىنىش ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئەمىنلىك قۇرۇلۇشى» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما دېھقانلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان تەييارلىق ئىكەنلىكى، شۇنداقلا بۇ پىلاننىڭ دېھقانلارنىڭ يەر ۋە جان بېقىش مەنبەسىدىن ئايرىلىش بەدىلىگە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈۋاتقانلىقى، ھەتتا يەر سۈرۈشتىن ئىبارەت ئادالەتسىز تەدبىر تەسىرىدە كەنتلەر ئارا دېھقانلار ئارىسىدا توقۇنۇشلار كېلىپ چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.
ئاقساراي يېزىسىنىڭ ھەر قايسى كەنتلىرىدىكى دېھقانلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، ئاقساراي يېزىسىدىن 40 تىن كۆپرەك دېھقان، يەرلىرى بىلەن تەڭ بۇغداي ۋە ياڭاقلىرىنى ھېسابسىزلا ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە نارازى بولۇپ كەنت، يېزا، ناھىيە، ھەتتا ۋىلايەتكىچە ئەرز قىلىپ بارغان. ئەمما، ئۇلار بۇ جەرياندا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تەھدىتىگە، ھەتتا بەزىلىرى ساقچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىغان ئىكەن.
يېرىدىن ئايرىلغان بىر دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، قاراقاش ناھىيىسىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىغا پەقەت ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇرۇشلۇق يېزىلاردىن يەر سۈرۈپ بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 12-دېۋىزىيە 47-پولكى، قويچى، ياۋا، قاراساي قاتارلىق خىتايلار كۆپ يېزىلار يەر ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان ئىكەن.
ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا ب د ت ئاشلىق-يېزا ئىگىلىك ئورگىنى كۆرسەتمە ماقۇللاپ، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىقتىسادى ئېچىش پائالىيەتلىرىدە يەرلىك خەلقنىڭ قانۇنلۇق ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قوغداشنى ۋە ئۇنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ب د ت نىڭ 40 بەتلىك كۆرسەتمىسىدە، ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرنى«تەھدىت ۋە خىلاپ قىلمىشلارغا قارشى قانۇنلۇق ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قوغداش، بۇ مەسىلىدىكى ئىختىلاپلارنى«ئۈنۈملۈك ۋە قوبۇل قىلارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ھەل قىلىش» قا چاقىرىلغان. مەزكۇر كۆرسەتمە دەل ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاينى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يەرلىك خەلقنى ئۆي-ماكانلىرىدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۆي-ماكان، تېرىلغۇ يەر، يايلاق، ئورمان، ئاق يەرلىرىنى خىتاي شىركەتلىرى ۋە كۆچمەنلىرىگە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان مەزگىلدە قوبۇل قىلىنغان.
كۆرسەتمىدە يەنە، غەيرىي دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ جۈملىدىن، كارخانىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش مەسئۇلىيىتى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھۆكۈمەتلەرنى يەر-زېمىن توختاملىرىدا ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشقا، يەرلىك خەلقنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىشقا ۋە ئاياللارنىڭ يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىرغان.
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇر دېھقان چارۋىچىلارنىڭ يەر-زېمىنلىرىنى سېتىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز يەر زېمىن سودىسى ئارقىلىق يەرلىك خەلقنى قاقتى-سوقتى قىلىپ كۆپ نەپكە ئېرىشىۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللارنىڭ ئۇيغۇر ۋەكىل مۇھەممەتجان ئۆمەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن ئارقىلىق بۇ خىل پارىخورلۇق ۋە يولسىزلىقلارنى تۈزىتىشىگە ئۈمىد بىلەن قاراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرماقتا.