بېيجىڭ ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىگە مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرۈپ، چۆل-جەزىرە ياكى شەھەر-بازارلاردىكى سانائەتكە ئىشلىتىدىغان بوش يەرلەردە ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەسى قۇرىدىغان شەخس ۋە كارخانىلارنى ھەقسىز ۋە ياكى ئەرزان باھادا يەر بىلەن تەمىنلەشكە ۋەدە بەرگەن. ھۆججەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى چۆل-جەزىرىدە ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى قۇرغان شەخس ۋە خىتاي كارخانىلارغا ئىگىلىۋالغان يەرلەر بىكارغا بېرىلىپ، شەھەر بازارلارنىڭ قۇرۇلۇش پىلانى ئىچىدىكى سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان بوش يەرلەر ئەرزان باھادا سېتىپ بېرىلىدىكەن. بۇ خىتاينىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى»دىن كېيىن «نىشانلىق ياردەم بېرىش» تۈرىنى يولغا قويۇپ، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ مەبلەغ سېلىش ۋە ماكانلىشىشىغا ئىلھام بېرىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى تۈزۈپ يولغا قويغاندىن بۇيان چىقارغان يەنە بىر ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدۇر. «شىنجاڭدا يەر ئۆتۈنۈپ بېرىش كىرىمى ۋە يەر ھەققى سىياسىتىگە دائىر مەسىلىلەر» توغرىسىدىكى مەزكۇر ھۆججەتنى خىتاي مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن يەر-زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ چىقارغان.
ھۆججەتتىكى بەلگىلىمىدە كارخانا ۋە شەخسلەرگە ھەقسىز بېرىلىدىغان يەرلەر شىنجاڭدىكى شەھەر ۋە بازارلارنىڭ شەھەر قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ سىرتىدىكى چۆل-جەزىرىلەر. يەنى يەرلىك «چۆل-جەزىرە» دە مەھسۇلات بازىسى قۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرىنى كىرگۈزگەن كارخانا ۋە شەخسلەردىن بىردەك يەر ھەققى ئالمايدۇ شۇنداقلا ئۇلار يەر ئۆتۈنۈپ بېرىشكە دائىر تۈرلۈك ھەقلەردىن بىردەك خالاس قىلىنىدۇ. مەزكۇر ھۆججەتتىكى بەلگىلىمىدە يەنە، شەھەر-بازارلارنىڭ شەھەر قۇرۇلۇش پىلانى ئىچىدىكى يەرلەردە سانائەت ئەسلىھەلىرىنى قۇرغان شەخس ۋە كارخانىلارغا بىردەك ئەرزان باھادا يەر سېتىپ بېرىلىدىغانلىقى، يەر باھاسى «سانائەت ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنىڭ مەملىكەتلىك ئەڭ تۆۋەن باھا ئۆلچىمى» نى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن يەنە 50% چۈشۈرۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر بەلگىلىمىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بەزى ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر سىياسەت خىتاي كارخانىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە جەلپ قىلىپ، ئىقتىسادى تەرەققىيات ۋە خىزمەت پۇرسىتىنى كۆپەيتسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن كىملەرنىڭ مەنپەئەتدار بولىدىغانلىقى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ تۈپ مەسىلە، دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇلار يەنە بۇنىڭدا نۇرغۇن يوچۇقلارنىڭ بارلىقى، خىتاي كارخانىلىرىنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلار بىلەن بىرلىشىپ، مەزكۇر بەلگىلىمىنى سۇيىئىستېمال قىلىش ئېھتىمالىنىڭ چوڭلۇقىنى بىلدۈرمەكتە.
لېكىن، كۆزەتكۈچىلەرنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ سۇيىئىستېمالغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى ئەمەس. بەلكى خىتاي پۇقرالىرىغا ۋە كارخانىلىرىغا بېرىلگەن بۇ خىل ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىدىغان سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت تەسىرى ۋە ئۇنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىجتىمائىي ئاقىۋىتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ خىل ئەندىشىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى. قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ خىل سىياسەت رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ داۋاملىق كۆپىيىپ، رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئىلگىرىلەپ بۇزىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسىسى ساھەلىرىدە داۋاملىق يەكلىنىشنى ئېغىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
لېكىن، كۆزەتكۈچىلەر كىشىلەرنى دىققەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇرۇۋاتقان يەنە بىر مەسىلە، رايوننىڭ سەزگۈر ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىدۇر. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 19 ئۆلكىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىگە يۈرۈش قىلىشى، تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى چىقىرىپ، خىتاي كارخانىلىرىنى ۋە پۇقرالىرىنى رايونغا جەلپ قىلىشى ۋە كان بايلىقلىرىنى كەڭ كۆلەملىك ئېچىشىنىڭ مۇھىت ۋە ئېكولوگىيىگە ئېغىر خەۋپلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. دىلشات رىشىت خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئېچىش كۆلىمى ۋە سۈرئىتى بىلەن رايوننىڭ نازۇك ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقىنىڭ كۆتۈرۈشچانلىقى ماس كەلمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئېغىر ئېكولوگىيىلىك ۋەيرانچىلىققا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاي مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە يەر-زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىگە مەبلەغ سېلىپ، چۆل-جەزىرە ياكى شەھەر-بازارلاردىكى سانائەتكە ئىشلىتىدىغان بوش يەرلەردە ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەسى قۇرىدىغان شەخس ۋە كارخانىلارنى ھەقسىز ۋە ياكى ئەرزان باھادا يەر بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ 2020-يىلغا قەدەر كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، دىلشات رىشىت خىتاي دائىرىلىرىنى بۇ سىياسەتتىن ۋاز كېچىشكە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات ھوقۇقى، زېمىن ئىگىدارچىلىقى ۋە ئىقتىسادى سىياسەتلەرنى تۈزۈش ئىشلىرىدا سۆز قىلىش ھەققىگە ھۆرمەت كۆرسىتىشكە چاقىردى.