ئۇيغۇر زىيالىيلىرى دۇچ كىلىۋاتقان مەسىلىلەر

ياش يازغۇچى ھۈسەيىن تاشنىڭ ۋاپاتى ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى، دوس - بۇرادەرلىرىنى قاتتىق قايغۇغا سالدى. ئۇلارنىڭ ياش يازغۇچىغا بولغان ئېچىنىشى ئۇنىڭ قەلىمى پىشىپ خەلقى ئۈچۈن نادىر ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلىدىغان قىران چاغلىرىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن مەزگىلسىز ئۆلۈپ كىتىشى ئىدى.

0:00 / 0:00

ئۇنىڭ سەپدىشى، يېقىن دوستلىرىدىن بىرى بولغان ھازىر گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ياش يازغۇچى كۆرەشجان ئاتىخان زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، ھۈسەيىن تاشنىڭ ئۆلۈمىگە بولغان ئېچىنشىنى ئېپادىلەش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر زىيالىيلرى دۈچ كىلىۋاتقان ھەر خىل روھىي بېسىملار ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى، ئۇ ياش يازغۇچى ھۈسەيىن تاشقا بولغان مۈسىبىتىنى ئىپادىلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.