مەرھۇم مۇھەممەد روھى ئۇيغۇر چەتئەللەردە يېتىشكەن ئىستىداتلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلى توغرىلىق قىممەتلىك ئەسەرلەرنى قالدۇرغان ئىكەن.
ئۇيغۇر زىيالىيسى كامىلجان مۇھەممەد روھى ئۇيغۇر ھەققىدە تەييارلىغان ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: "مۇھەممەد روھى ئۇيغۇر مىلادىيە 1911 - يىلى ئۈستۈن ئاتۇشتا بىر تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1912 - يىلى دادىسى مۇھەممەد مۇسا ئەپەندى نامەلۇم بىر ۋەقەدە ۋاپات بولۇپ، بىر ياشلىق ئوغلىنى دىيارىمىزنىڭ قاباھەت قاپلىغان زۇلمەتلىك ئاسمىنى ئاستىدا يېتىم، تايانچسىز قالدۇرۇپ كېتىدۇ. 1932 - يىلى يېگىرمە بىر ياشلىق مۇھەممەد روھى ئۇيغۇر قەشقىرى ۋەتەن خەلقىنىڭ ئۆزىگە بېغىشلىغان مېھرى - مۇھەببىتىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن پاكىستانغا ماڭغان نامەلۇم بىر كارۋانغا قېتىلىپ، پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرىگە يېتىپ كېلىدۇ ۋە ئۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھىرىگە بېرىپ، بىر مېھمانخانىغا چۈشىدۇ. ئۇنىڭ زىرەكلىكى ۋە ئۇيغۇرلارغا خاس ئەدەپ - ئەخلاقىدىن تەسىرلەنگەن مېھمانخانا خوجايىنى ئۇنى مېھمانخانىنىڭ ھېساۋاتچىسى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ ھالاللىق بىلەن قىلغان خىزمىتىدىن سۈيۈنۈپ كەتكەن خوجايىن مىللى ئەسەبىيەتلەرنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئۇنى ئۆز باجىسنىڭ قىزىغا ئۆيلەندۈرگەن. ئۇ ئافغانىستاندا تۇرۇش جەريانىدا ئەرەب، تۈرك، پوشتۇ ۋە پارىس تىللىرىنى پىششىق ئۆگىنىپ، بىلىمگە بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرۇشقا كىرىشكەن ۋە شۇ تىللاردا ھەر خىل شېئىر، ئىلمىي ماقالىلەرنى يازغان."
مۇھەممەد روھى ئۇيغۇرنىڭ ئەمگەكلىرى
كامىلجان ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ: " ئۇ پارىس، پوشتۇ ئەدەبىيات ساھەسىگە قەدەم قويۇپ، ئازغىنا ۋاقىت ئىچىدىلا ئافغان خەلقىنىڭ قايىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەن ۋە ئافغانىستاندىكى مەشھۇر "ئەنىس" ناملىق پوشتۇ تىلىدىكى گېزىتىنىڭ مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن. ئۇ بۇ جەرياندا "تۈركلەر ئېپتىخارى" دېگەن ئەرەپ تىلىدىكى چوڭ ھەجىملىك تارىخى كىتابىنى يېزىشقا كىرىشكەن. ھەمدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت نۇرغۇن ماقالە، خەۋەر، ئوچىرىكلارنى يېزىپ ئافغان خەلقىگە تونۇشتۇرغان بولۇپ، پارىس تىلىدا يېزىلغانلىرى ئىچىدە بىز پەقەت ھازىر پاكىستاندىكى ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركەزلىرىدە ۋە ھەر قايسى كۇتۇپخانىلىرىدا ساقلىنىۋاتقان "يىپەك يولىدىكى خوتەن داستانى" دېگەن تارىخى ماقالىسى بىلەن "روھى قايغۇسى" ناملىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ ئەسلى ئورگىنالى بىلەنلا ئۇچرىشىشقا مۇيەسسەر بۇلالىدۇق. قالغانلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىپ بېقىشقا توغرا كىلىدۇ. ئۇ لاھوردىكى چېغىدىلا دەسلىۋىدە " روھى نالىسى " ئاندىن "يېڭى مىللى روھ " دېگەن ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئىككى شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغاندىن باشقا، يەنە ئوردۇ تىلىدا يېزىلغان نۇرغۇن ماقالە، خەۋەرلىرى پاكىستاندىكى ھەر قايسى گېزىت - جورناللاردا ئىلان قىلىنىشقا باشلايدۇ.
1955 - يىلى پاكىستان رادىئو ئىستانسىسى تۈركچە ئاڭلىتىش باشلىغاندا، مۇھەممەد روھى ئىستانسىنىڭ تاللاش ئىمتىھانىدىن مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتۈپ، ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنى باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن رادىئو ئىستانسىسىنىڭ تەمىنلىشى بىلەن بىر يۈرۈش قورۈ - جايغا ئىگە بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ بۇ يىلمان تۇرمۇشىمۇ ئۇزۇنغا بارمايدۇ. ئۆمرى تېخى يەتتە ئايغا بارمىغان بۇ ئاڭلىتىش توختىتىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ روھى ئەپەندىگە نىسبەتەن تۇرمۇش جەھەتتە قەلەم ھەققىگە تايىنىشتىن باشقا يول قالمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇ چوڭ ئوغلى مۇھەممەد بۇغرا بىلەن كىچىك ئوغلى مۇھەممەد بابۇرنى ئىقتىسادىي چىقىملارغا قارىماي ئوقۇتۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ كاراچىدا تۇرۇش جەريانىدا 1959 - يىلى ئىنگىلىز تىلدا يېزىلغان "تاخارلارنىڭ ئەسلى يۈرتى" ناملىق مەشھۇر تارىخى ئەسىرى نەشردىن چىقىدۇ. ئارقىدىنلا ئوردۇ تىلىدا يېزىلغان " تىپپۇ سۇلتاننىڭ ئوسمانىيە خەلىپىسىگە يازغان مەكتۇپلىرى" ناملىق تارىخى ئەسىرىمۇ ئىلان قىلىنىدۇ. ھەمدە "تۈركلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا قوشقان تۆھپىلىرى" ناملىق ماقالىسمۇ ئىنگىلىز، ئوردۇ تىللىرىدىكى داڭلىق جۇرناللاردا ئىلان قىلىنىشقا باشلايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىز ئۇچرىشىشقا سازاۋەر بولغان، تېخى نەشردىن چىقمىغان "يېڭى ئېچىلغان گۈللەر" ناملىق شېئىرلار توپلىمى، "تۈركلەر ئىپتىخارى" ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەرەب تىلىدا يېزىلغان تارىخى كىتابى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىمۇ ئورگىنال ھالىتىدە پاكىستاندىكى ئاتاقلىق كۇتۇپخانىلاردا ساقلانماقتا".
مۇھەممەد روھىي ئۇيغۇر قەشقىرىينىڭ ۋاپاتى
كامىلجان يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ: " قىسقىسى، ئىمانى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئويغاق بۇ ئوت يۈرەك، مول - ھوسۇللۇق ئالىمىمىز ئۆز ھاياتىنى غۇربەتچىلىكتە ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەنە شۇنداق ئاددى ساددا، مەنىلىك ئۆتكۈزۈپ، ھىجرىيە 1385 - يىلى، مىلادىيە 1965 - يىلى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى. ئۇنىڭ كاراچىدىكى قەبرىسىنىڭ ئۈستىگە ئويۇلغان:
"ھېچ ئىش قىلالماي كەتتىم جاھاندىن،
خۇدا دەپ ئىي مېھرىبان پەرۋەردىگارىم،
بېشىمغا بىر تۇتام گۈلنى قىل سوۋغا،
ئېچىلسا گەر بېغىمدا گۈلى ئارمانىم.
دېگەن مونۇ مىسرالىرى خەلقىنىڭ بارلىق ۋاپادار ئوغۇل - قىزلىرىنى ئىمان ۋە ئازادلىق ئۈچۈن كۆرەش قىلىشقا چاقىرىدۇ. شۇنداقلا ئارمان گۈللىرى ئېچىلغان، ئاشىقلارنىڭ ۋىسال پەيتلىرى يېتىپ كەلگەن، جاھالەت قەپەسلىرى سۇندۇرۇلۇپ، بۇلبۇللار ھۆرىيەت نۇرىدا جەۋلان قىلغان كۈنلەردە، غەلىبە سۈپىتىدە قەبرە بېشىغا بىر دەستە گۈلنىڭ قويۇلىشىنى تەشنالىق بىلەن كۈتمەكتە."