ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى بېيجىڭدىكى "ئۇيغۇربىز" تور بېكىتىنى ئاشكارا ئەيىبلەپ، 5 - ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ بىر قىسىم جاۋابكارلىقىنى مەزكۇر تور بېكىتىگە ئارتقان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن تور ساھىبى، بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئىلھام توختى نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنىپ، "ئۇيغۇربىز" تور بېكىتىنىڭ مەملىكەت ئىچىدە تارقىتىلىشى چەكلەنگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئىلھام توختىغا قارىتىلغان نەزەربەنتنى بىكار قىلدى. ئىلھام توختى بولسا "ئۇيغۇربىز" تور بېكىتىدىكى خادىملارنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىز - دېرىكى ئېلىنالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، جەمئىيەتنى تور خادىملىرىنىڭ ئاقىۋىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىۋاتىدۇ.
ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەر بولسا "ئۇيغۇربىز"تور بېكىتىدىكى بەزى خادىملارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، يەنە بەزىلەرنىڭ ئائىلە نەزەربەنتى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇش ئىھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ھازىرغا قەدەر ئىز - دېرىكى بولمىغان "ئۇيغۇربىز" تور بېكىتىدىكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ بىرى، خىتاي مەركىزى رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى مۇھەممەتجان ئابدۇللا بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر 7 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئۇنى ساقچىلار ئېلىپ كەتكەندىن بېرى ئىز - دېرىكىنى ئالالمىغان.
ئىلھام توختى رادىئومىزنىڭ خىتاي بۆلۈمىگە بەرگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىدا "ئۇنىڭ 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا باشقىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەندىن بېرى قايتىپ كەلمىگەنلىكى"نى بىلدۈردى.
مۇھەممەتجان ئابدۇللا بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، مەركىزى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىدە خىزمەت قىلاتتى. ئۇ يەنە ئىلھام توختىنىڭ ساھىپخانلىقىدىكى "ئۇيغۇربىز" تور بېكىتى بىلەن "سەلكىن" تور بېكىتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىدى. مەركىزى رادىئو ئىستانسىسىدىكى بىر خادىم مۇھەممەتجان ئابدۇللانىڭ زادى كىم تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى، لېكىن ئۇنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىن بېرى خىزمەتكە كەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ خادىم، " بۇ ئىشلارنى مەن بىلىپ كەتمەيمەن، سىز ئەتە تېلېفون قىلىپ باقامسىز؟ مەن ئۇنى بىلىمەن، ئۇنىڭ ئىسمى مۇھەممەتجان ئابدۇللا. ئۇ ھازىرغىچە كەلمىدى. ئىھتىمال پات يېقىندا كېلىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ ئىشلارنى مەن تازا بىلىپ كەتمەيمەن" دەيدۇ. مەركىزى رادىئو ئىستانسىسىدىكى بۇ خادىم، مۇھەممەتجاننىڭ قاچاندىن بېرى خىزمەتكە كەلمەيۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سۇئالغا "مەن بۇنى بىلمەيمەن" دەپ جاۋاب بەردى.
"ئۇيغۇربىز" تور بېكىتىنىڭ نەزەربەنت ئاستىدىكى يەنە بىر تور باشقۇرغۇچىسى تۇرغۇن ئابلىز بولۇپ، ئۇ ئائىلە نەزەربەنتىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ چارشەنبە كۈنى رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. تۇرغۇن ئابلىز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى تەرجىمە باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى "ئاسىيا كېندىكى" گېزىتىدە ئىشلەيتتى. دائىرىلەر ئۇنى بۇ يىل 5 - ئايدا بىر قېتىم تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ كومپيۇتېرىنى مۇسادىرە قىلغان.
ئىلھام توختى رادىئومىزنىڭ خىتاي بۆلۈمىگە بەرگەن مەلۇماتىدا ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ 5 - ئايدىن بېرى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ "شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ئىلگىرى ئۇنى ئىزدەپ كەلگەن. ئۇنى چاقىرتىپ، بىز ئۇنىڭغا ئېلىپ بەرگەن كومپيۇتېرنى ئېلىپ كەتكەن. ئۇ بىر قېتىم دوختۇرخانىنىڭ ئاممىۋى تېلېفونىدىن ماڭا تېلېفون قىپتىكەن. ئۆزىنىڭ ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئېيتقانتى. مەن ئەنسىرىمە، بىزنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىش قىلغان يېرىمىز يوق، دېگەن ئىدىم. بۇ 5 - ئايلاردىكى ئىش بولسا كېرەك. شۇنىڭدىن بېرى ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى. كېيىنچە شىنجاڭدىكى بەزى دوستلىرىم تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇندىن بېرى دىدارلاشمىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى" دەپ كۆرسەتتى.
ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، بەزىلەر مەركىزى رادىئو ئىستانسىسىدىكى مۇھەممەتجان ئابدۇللانىڭ ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كېتىشى ئۇنىڭ شەخسى تور مۇنبىرىگە )بلوگ( باشقىلارنىڭ 5 - ئىيۇلدا نامايىش قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى چاپلىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايدىكەن. ئىلھام توختى بۇ توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ": ئۇ بىر تور مۇنبىرى ئاچقان ئىدى. تۈنۈگۈنكى خەۋەردە ئۇنىڭ تور مۇنبىرىگە بەزىلەر نامايىش قىلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چاپلىغان بولۇشى مۇمكىن، دېيىلگەن. ئۇنىڭ چاپلىشى مۇمكىن ئەمەس ... ئۇ شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئىشلەيدىغان ئورگان مەركىزى رادىئو ئىستانسىسى. ئۇنىڭ مىجەزى ئېغىر. ئۇ بۇرۇن مېنىڭ ئوقۇغۇچىم ئىدى. ئۇنىڭ تور مۇنبىرىنى تىزىمغا ئالدۇرغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان. ئۇ كەمسۆز، ئېغىر بېسىق بالا ئىدى. ئۇنىڭغا نېمە بولغانلىقىنى بىلمىدىم."
ئىلھام توختى، "ئۇيغۇربىز" تور بېكىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەۋەبى "شىنجاڭ" دائىرىلىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغانلار ئارىسىدا يەنە، غەيرەت نىيازنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭ 3 - ئايدا "شىنجاڭ ئىقتىسادى" گېزىتىدىكى مەسئۇل مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىدىن توختىتىلىپ، مەجبۇرىي پىنسىيىگە چىقىرىلغانلىقىنى، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي پىنسىيە پۇلىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
غەيرەت نىياز 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خوڭكوڭدىكى "ئاسىيا ھەپتىلىك ژورنىلى" نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 5 - ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە دائىر مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ، "ئاسىيا ھەپتىلىك ژورنىلى"دىكى بايانىدا ئۆزىنىڭ 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر رەھبەر بىلەن كۆرۈشۈپ، 5 - چىسلا نامايىش بولىدىغانلىقىنى، ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، لېكىن بۇ رەھبەرنىڭ بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
غەيرەت نىياز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون پارتكومىدىكى بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرنىڭ كىملىكىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار زاتلار غەيرەت نىيازنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى بىلەن ساۋاقداش ئىكەنلىكىنى، غەيرەت نىياز 4 - چىسلا كۆرۈشكەن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرنىڭ نۇر بەكرى بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.