بۇ كىتاب ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىياتى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا ئالاقىدار قىسقىچە مەزمۇنلار، ھېكايە - چۆچەك، ماقال - تەمسىل ۋە لەتىپىلەر ھەمدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىل قائىدىسىگە ئالاقىدار مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن.
كىتابقا يەنە ھۇنلار، كۆكتۈرك خانلىقى، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى، قاراخانىيلار خانلىقى، سەئىدىيە خانلىقى قاتارلىق خاندانلىقلارنىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە سۇتۇق بۇغراخان، فارابى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇت قەشقىرى، سۇلتان سەئىد خان، ئابدۇرېشىت خان، مايسىخان، نوزۇگۇم قاتارلىق ئۇيغۇر قەھرىمانلىرى ۋە ئالىملىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھاللىرى كىرگۈزۈلگەن.
بۇ كىتاب يەنە، "ۋەتەنپەرۋەرلىك" دېگەن تېمىدىكى بىر پارچە ماقالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
كىتابنىڭ باش مۇقاۋىسىغا سۇتۇق بۇغراخان، مەھمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، سۇلتان ئابدۇرىشىتخان، فارابى ۋە نوزۇگۇمنىڭ رەسىملىرى قويۇلغان، مۇقاۋىنىڭ ئارقا بېتىگە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خەرىتىسى بېرىلگەن. بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنى ئىخچام ۋە چۈشىنىشلىك بولۇپ، رەڭلىك شەكىلدە نەشىر قىلىنغان.
بىز بۇ كىتاب ھەققىدە بۇ كىتابنى نەشىر قىلغان تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.